+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-12 11:14 1346 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىياۋمى بىلەيزۈكى 5 小米手环 رەسمىي ئېلان قىلىندى.
بۇ بىلەيزۈككە 1.1 دىيۇملۇق رەڭلىك ئېكران سەپلەنگەن. 100 خىل ئېكران كۆرۈنۈشى + ئۇسلۇب تەمىنلەنگەن. 11 خىل كەسپى تەنھەرىكەت مودېلى بار. توكى 14 كۈن يېتىدۇ.
شىياۋمى بىلەيزۈكى 5 نىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسنىڭ باھاسى 188 يۈەن، NFC نۇسخىسنىڭ باھاسى 229 يۈەن، 18-ئىيۇن سېتىش باشلىنىدۇ.

20200611_201440_890.jpg

شىياۋمى بىلەيزۈكى 5 كە 11 دىيۇملۇق AMOLED ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئەۋلادقا قارىغاندا ئېكران ھەجىمى %20 چوڭايغان. ئەڭ يۇقىرى يورۇقلۇقى 450 نىتقا يېتىدۇ. كۈچلۈك ئاپتاپتىمۇ ئېكراندىكى خەتلەر كۆرۈنىدۇ. ئېكران يورۇقلۇقىنى 5 خوت بويچە تەڭشىگىلى بولىدۇ.

20200611_201441_234.jpg

ئېكران تەگىلىكى ھەر خىل كارتون بولۇپ 100 خىلدىن ئارتۇق ھەرىكەتچان رەسىم تەمىنلەنگەن.

20200611_201441_640.jpg

يوگا، ئارغامچا سەكرەش، چېنىقىش ماشىنىسى.... قاتارلىق 11 خىل كەسپىي تەنھەرىكەت مودېلى بار بولۇپ، چېنىققاندىكى ھەر مىنۇتلۇق يۈرەك رېتىمى، سۈرئەت، كالورىيە سەرپىياتىنى دەل جايىدا تەھلىل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ، ئورۇقلاش، چېنىقىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

20200611_201446_343.jpg

بۇ بىلەيزۈك يەنە 50 مىتېر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان بولۇپ، سۇ ئۈزدىغانلارنىڭمۇ ياخشى تاللىشى بولالايدۇ.

20200611_201446_468.jpg

20200611_201446_578.jpg

20200611_201446_687.jpg

پۈتۈن كۈنلۈك يۈرەك رېتىمى، ئۇيقۇنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارى يوقىرى كۆتۈرلۈپ، ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى ئىقتىدارى يېڭىدىن قوشۇلغان.
يۇقىرى بېسىملىق خىزمەت ئاستىدا، يۈرەك رېتىمىنىڭ نورمالسىزلىقىنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. يۈرەك رېتىمىنى 24 سائەت كۈزەتكەندىن كېيىن، يۈرەكنىڭ نورمالسىزلىقىنى ۋاقتىدا بايقىغىلى بولىدۇ.
شىياۋمى بىلەيزۈكى 5 تە يۈرەك رېتىمىنى تەكشۈرۈشتىكى توغرىلىق دەرىجىسى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، كەسپى يۈرەك رېتىمى تەكشۈرگۈچ بىلەن بولغان پەرقى %3 كىمۇ يەتمىگەن، يۈرەك رېتىمى زىيادە يۇقىرى بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا ئەسكەرتىدۇ.
يۈرەك رېتىمىنى 24 سائەت تەكشۈرگەندىن باشقا، ئۇيقۇنى تەكشۈرۈشمۇ پۈتۈن كۈن كۈزىتىشكە ئۆستۈرۈلدى. كېچىدىن كۈندۈزگىچە، چوڭقۇر ئۇيقۇدىن مۈگدەشكىچە، قىسقا ۋاقىتلىق چۈشلۈك ئۇيقۇنىمۇ توغرا خاتىرىلەپ، ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەڭشەپ، ياخشىلىيالايسىز.

20200611_201447_422.jpg

شياۋمى بىلەيزۈكى 5 شەخسنىڭ ھاياتىي كۈچى كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاشنى قوللايدۇ، سىزنىڭ جىنس، ياش ۋە يۈرەك رېتىمى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى ئاساس قىلىپ، شەخسنىڭ ھاياتىي كۈچى كۆرسەتكۈچىنى باھالايدۇ ھەم ھاياتىي كۈچىنى ياخشىلايدىغان ھەرىكەت يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بېسىم بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، نەپەسلىنىشنى مەشىق قىلىپ، جىسمانىي ۋە روھىي بېسىمنى تېز سۈرئەتتە يىنىكلىتىشىنى ئەسكەرتىدۇ.

20200611_201448_140.jpg

يېڭىدىن ئاياللارنىڭ ساغلاملىق ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، ھەر ئايلىق فىزىئولوگىيىلىك مەزگىلى، تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلى خاتىرىلىنىدۇ ھەمدە ھەر بىر «ئالاھىدە» مەزگىل يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئەسكەرتىدۇ.

NFC ئىقتىدارى بانكا بىرلەشمىسىنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىشنى قوللايدۇ.

20200611_201448_265.jpg

NFC نۇسخىسى مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئالىپاي، ئىشىك قاتارلىقلارنى قوللاپلا قالماي، ھازىر يەنە بانكا كارتىسىنى باغلاپ بىۋاسىتە تەككۈزۈپ چىقىم قىلالايدىغان بولدى! كارتا سۈركەپ پۇل تۆلەش بەك قولايلىق، ئىشىكتىن چىققاندىن كېيىن بانكا كارتىسىنى ئېلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بانكا بىرلەشمە تېز چىقىم قىلىش ئىقتىدارى مۆلچەرلىنىشىچە 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى OTA يېڭىلاش ئارقىلىق قوشۇلىدىكەن.

20200611_201448_406.jpg

زەرەتلىگۈچىگە ماگنېتلىق چاپلىشىدىغان باش ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بىلەيزۈككە يېقىن ئەكەلسىلا شاپپىدە چاپلىشىپ زەرەتلەشنى باشلايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部