+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-11 11:02 1374 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
خۇاۋېي قاتارلىق ئاندرويد يانفونلارنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن كېرەكسىز ھۆججەتلەر يىغىلىپ ساقلىغۇچ سىغىمىنى ئىگىللەپ، سۈرئەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
شۇڭا بۇ كېرەكسىز ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋەتسە يانفوننىڭ ئاستىلاپ كېتىدىغان، قېتىۋالدىغان ئىشىغا ئازراق پايدىسى بار. بۇنداق ئەخلەت تازىلايدىغان ھەر خىل ئەپلەر بار. مەخسۇس ئەپ ئىشلەتكەندىن باشقا ھۆججەت باشقۇرغۇچنى ئېچىپ قولدا تازىلىۋەتسەكمۇ بولىدۇ. قولدا تازىلىغاندا ئەخلەت تازىلايدىغان ئەپلەر تازىلىيالمىغان ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ.

ھۆججەت باشقۇرغۇچ 文件管理 ھەممە ئاندرويد يانفونلاردا بار. ئاچقاندىن كېيىن

e48c92c3d6794ca3b94ebfe0e13e1826.jpg

تۆۋەندىكى قىسقۇچلارنى ئۆچۈرۋەتسە بولىدۇ.

Download
بۇ قىسقۇچتا توردىن چۈشۈرگەن ئەپلەرنىڭ قاچىلاش ھۆججىتى قاتارلىق ھۆججەتلەر ساقلىنىدۇ. توردىن چۈشۈرگەن ئەپلەرنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن چۈشۈرگەننى ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ. شۇڭا Download نىڭ ئىچىگە قاراپ بېقىپ، ئىشلەتمەيدىغان ھۆججەتلەر بولسا ئۆچۈرۋەتسە بولىدۇ.
a82d1db9619547a8a5274b749f96c764.jpg

Temp
بۇ قىسقۇچقا تور كۆرگۈنىڭ غەملەك ھۆججەتلىرى، تورغا چىقىش خاتىرىسى مۇشۇ قىسقۇچتا ساقلىنىدۇ. يانفوننى ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بۇ قىسقۇچقا ساقلىندىغان ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر كۆپىيىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ تور كۆرگەندە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىرەر ئېلاننى چېكىپ سالسىڭىز ئېلاننىڭ ۋاقىتلىق ھۆججەتلىرى مۇشۇ يەرگە ساقلىنىۋېلىپ، كېيىن داۋاملىق ئېلان چىقىۋالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھۆججلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت ھۆججەتلەر، شۇڭا بىۋاستە ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ.
1d5aeb826711488999847a950d134155.jpg

Cache
بۇ يانفونغا قاچىلىغان ئەپلەرنىڭ غەملەك ھۆججەتلىرى، ۋاقىتلىق ھۆججەتلەر ساقلىندىغان ئورۇن. ھەممىسىنى ئەخلەت دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا بۇنىمۇ بىۋاستە ئۆچۈرۋەتسىڭىز بولىدۇ.
a7db9439d7b24c4f825df52a3566abfa.jpg

Alipay
بۇ ئالىپاينىڭ ۋاقىتلىق ھۆججەتلىرى ساقىلىندىغان ئورۇن. ئىچىدىكى ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋەتسە ئالىپايغا تەسىرى بولمايدۇ.
f668237e52b344dda6682db1ed953cc4.jpg

تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋەتسە بولمايدۇ.
ئادەتتە روت ھوقۇقى ئالمىغان ئەھۋالدا سىستېما تەرىپىدىن قوغدىلدىغان مۇھىم قىسقۇچ، ھۆججەتلەرگە ئۆچۈرۈش مەشغۇلاتى قىلىشقا بولمايدۇ. تۆۋەندىكى قىسقۇچلارغا سىستېما قوغداش ئېلىپ بارماي ئىچىگە كىرىپ مەشغۇلات قىلىش ھوقۇقى بەرگەن.

Android
ئىسمىندىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ سىستېما ھۆججەتلىرى ساقلىندىغان ئورۇن. شۇڭا بۇنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆچۈرۋېتىشكە بولىدىغان بىر قىسىم ۋاقىتلىق ھۆججەتلەرمۇ بار، قايسسى مۇھىم، قايسسى مۇھىم ئەمەس ئايرىپ بولغىلى بولمايدۇ؛ شۇڭا ئەڭ ياخشى چېقىلمىغان تۈزۈك.
23adde4ae83743c18c06c45e646b4935.jpg

Libs
بۇ سىستېما ياماقلىرى، ئويۇن سانلىق مەلۇماتى ساقلىندىغان ئورۇن.
يانفونغا ئويۇننى كۆپ قاچىلاپ سىغىمى توشۇپ كېتىپ، ئويۇننى ئۆچۈرۋەتكەندىن كېيىنمۇ سىغىمى ئەسلىگە كەلمىسە مۇشۇ قىسقۇچتىكى ئويۇن ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرۋەتسە بولىدۇ. لېكىن داۋاملىق ئويۇن ئوينايدىغانلار بۇ قىسقۇچتىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋەتسە ئويۇن ئېچىلماسلىقى مۇمكىن.
99b1d325fb03438bba2df5e7819ae164.jpg

DCIM
بۇ يانفوندا تارتقان رەسىملەر ساقلىندىغان ئورۇن.
بۇنىڭ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز رەسىملەر ئۆچۈدۇ.
8d18bfac667a4ce2b0b56214000a5060.jpg

يانفوندا ئەڭ چوڭ سىغىم ئىگىللەيدىغىنى چوڭ تىپتىكى ئويۇنلاردىن قالسىلا ئۈندىدار؛ ئۈندىدارنىڭ ئەخلەت ھۆججەتلىرى، رەسىم، سۆزلىشىش خاتىرىسى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئايفوننىمۇ قاتۇرۇپ قويىدىكەن. ئۈندىدارنىڭ ئۆزىدە ئەخلەت تازىلاش تەڭشىكى بار. مۇھىم رەسىم، سۆزلىشىش خاتىرىسىنى زاپاسلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ تەڭشىكىدىن ئەخلەت تازىلىسا بولىدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

@بەخىت ۋاقتى: 2020-6-12 13:23:36
بەزى ئەپلەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن سىن ناخشا قاتارلىقلارAndroidنىڭ data قىسقۇچىدىكى مۇناسىۋەتلىك قىسقۇچىغا چۈشىدىغان ئىزدەپ تىپىش تەسكەن ،شۇڭا مەن پات پات ئۆچۈرۋىتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部