+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-10 10:37 943 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
زاۋۇتلار ھەقىقىي پۈتۈن ئېكراننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، ئېكران ئاستىغا بارماق ئىزى سېنزورىنى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ ئالدىدا قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر توسالغۇ، ئېكران ئاستىغا ئالدى كامېرا ئورنىتىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
بۇنىڭدا ئالدى كامېرا ئېكران ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۋېتىلىدۇ، رەسىم تارتمىغاندا ئالدىدا كامېرا بارلىقنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئالدى كامېرانى ئىشلىتىدىغان چاغدا ئېكراننىڭ كامېرا بار يېرى سۈزۈلۈپ ئاستىدىكى كامېرغا نۇر ئۆتىدۇ.

af3f75f41bf5652.jpg

بۇ تېخنىكا ئالدىنقى يىلى چىققان بولسىمۇ، ئېكراندىن كامېراغا نۇرنىڭ تولۇق ئۆتۈشىدە بەزىدە مەسىللەرنى ھەل قىلالماي تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلمىغان.
دۆلىتىمىزدىكى OLED مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر ۋېيشىننو (维信诺) شىركىتى يەر شارى بويىچە تۇنجى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان ئېكران ئاستى سىن ئېلىش ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان InV see ئېكرانى ئاستى سىنغا ئېلىش ھەل قىلىش لايىھەسى يېڭى سۈزۈك OLED دېتالى، يېڭى تىپتىكى قوزغىتىش توك يولى ۋە پىكسېل قۇرۇلمىسىنى  قوللىنىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى يېڭى ماتېرىيالنى كىرگۈزۈپ، كۆرسىتىش ئۈنۈمى بىلەن ئېكران سۈزۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق يانفوندا «ھەقىقىي پۈتۈن ئېكران» ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇردى.

a294de6a43b5a49.gif

ماتېرىيال يېڭىلاش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش ئاساسىدا، مەزكۇر شىكەر قوشۇمچە ئېكران رايونىدىكى كاشىلا پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنى يەنىمۇ « تازىلاپ» ، كەسىپ ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئىجاد قىلغان قوزغىتىش توك يولى ۋە پىكسېل قۇرۇلما لايىھەسىنى قوللىنىپ، پىكسېللىق قوزغىتىش توك يولىنىڭ ئالدى كامېراغا بولغان كاشىلىسىدىن ساقلىنىپ، نۇر ئۆتكۈزىدىغان رايوننىڭ ئىزى ۋە پىكسېلنىڭ ئالدى كامېراغا بولغان تەسىرىنى چەكلەپ، سۈرەتكە تارتىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.
يەنە ئاساسلىق قوشۇمچە ئېكراننى كۆرۈش سېزىمى جەھەتتە تېخىمۇ تەبىئىي قىلغان. يېڭى OLED زاپچاسنى قوللىنىش ئارقىلىق، سۈزۈك قوشۇمچە ئېكران بىلەن ئاساسىي ئېكران ئوتتۇرىسىدىكى يورۇقلۇق پەرقى، رەڭ دائىرىسى پەرقى، كۆرۈش بۇلۇڭى پەرقىنى تۈگىتىپ، پۈتكۈل ئېكراننىڭ كۆرۈنۈش بىردەكلىكىنى بىۋاسىتە ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ رەتلىك بولغان ئومۇميۈزلۈك كۆرۈش دائىرىسى ئېلىپ كەلدى.

0.gif

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ لايىھەدە پۈتۈنلەي يېڭى بولغان قاچىلاش ۋە پېچەتلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆلچەش ھۈنەر-سەنئىتىدىكى بوغما ھالەت بۇزۇپ تاشلىنىپ، تۈركۈملەپ تاپشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى ھەمدە تېرمىنال مەھسۇلات ئېلان قىلىندى.

شىياۋمى مىكىس 4 MIX كە مۇشۇ خىل لايىھە ئىشلىتىلىدۇ دەيدىغان خەۋەرلەر بار.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部