+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-10 10:36 593 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
1. تۇرىڭنىڭ زەھەرلىك ئالمىسى
1954-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئالەن ماسسون تۇرىڭ ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتكەن. تۇرىڭنىڭ جېنىغا زامىن بولغىنى سىئانىد يۇقۇپ قالغان ئالما. تۇرىڭنىڭ تۇرالغۇسىدا دائىم تۈرلۈك خىمىيەلىك ماددىلار چېچىلىپ تۇرغاچقا، گەرچە ئۇنىڭ ئاپىسى بۇنىڭ بىر تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنى تۇرىڭنىڭ ھاقارەتلەشكە بەرداشلىق بېرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن چىقىرىلغان تاللاش دەپ قارايدۇ. ئىككى يىل ئىلگىرى، تۇرىڭ ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ خاھىشى سەۋەبىدىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جىنايەت بېكىتىلگەن، شۇنىڭدىن كېيىن بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئىزچىل تۈردە ئاتالمىش« ھورمۇن بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى» نى قوللىنىپ كەلگەن، بۇ خىل «داۋالاش» ۋە كەمسىتىش ئۇنى يەتكۈچە ئازابلىغان.

852ac5a8e4974d0b8a3df3485fee841c_th.jpg

تۇرىڭنىڭ بالدۇر ئالەمدىن ئۆتۈشى، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى غايەت زور يوقىتىش. « كومپيۇتېر ئاتىسى» ، « سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئاتىسى» بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۇرىڭ كومپيۇتېر ئىلمى ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان« تۇرىڭ ماشىنىسى» ھازىرقى زامان كومپيۇتېرىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىغا ئىلھام بەرگەن، ئۇنىڭ تېخىمۇ داڭلىق« مىراس» ى بولسا، ماشىنىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە ياكى ئىگە ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىشتا قوللىنىلىدىغان بىر خىل سىناق ئۇسۇلى، يەنى« تۇرىڭ سىنىقى» دۇر.
(چىشلەنگەن ئالىمىنىڭ ئالما شىركىتىنىڭ لوگوسى قىلىنىشى مۇشۇ ئالما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەيدىغان قاراش بار، تۇرىڭ ئۆلگەندە ئۈستەلدە قېلىپ قالغان چىشلەنگەن ئالما ھازىرقى ئالمىنىڭ لوگوسىغا ئوخشايدۇ. ئەمما جوبىس ئۇنى ئىنكار قىلغان ھەمدە نىيۇتۇننىڭ بېشىغا چۈشكەن ئالمىدىن ئىلھام ئالغانلىقىنى ئېيتقان)

timg.jpg

1950-يىلى ئېلان قىلىنغان « ماشىنا ئويلىيالامدۇ؟ » دېگەن ماقالىسىدا تۇرىڭ تۇنجى قېتىم «ماشىنا تەپەككۇرى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ دادىللىق بىلەن ماشىنىنى تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى پەيدا قىلىدۇ دەپ قىياس قىلغان ھەمدە سىناش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغان: ئەگەر بىر ماشىنا تېلېپرىنتېر ئارقىلىق ئادەم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسا، ئەگەر %30 تىن ئارتۇق ئادەم ئالاھىدە ۋاقىت (بەش مىنۇت) ئىچىدە ئۆزى بىلەن سۆزلىشىۋاتقاننىڭ ئادەم ياكى ماشىنا ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىسە، بۇ ئەسۋابنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بار دەپ قاراشقا بولىدۇ. تۇرىڭ يەنە 2000-يىلىغا بارغاندا سىناقتىن ئۆتەلەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلارنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان.
بۇ سىناقنىڭ ئاقىلانە يېرى شۇكى ، «ئاڭ» ، «تەپەككۇر» ۋە «ئەقىل» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېنىقلىما بېرىش ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش تەس بولغان نەرسىلەر بولۇپ، ئۇ ھالدا تەپەككۇر ئۇقۇمىنى چۈشەنگىلى بولمايدۇ بەلكى يەنە بىر خىل ھەممە ئېتىراپ قىلغان تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ئىگە جانلىق − ئىنسانلارنى پايدىلىنىش ئوبيېكتى قىلىدۇ . ئەگەر بىر ماشىنىنىڭ ئىپادىسىنى ئىنسانلار بىلەن پەرقلەندۈرگىلى بولمىسا، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان دەپ قارىلىدۇ .
بۈگۈنگە قەدەر، « تۇرىڭ سىنىقى» AI نىڭ ئەقلىي ئىقتىدار دەرىجىسىنى ئۆلچەشتىكى مۇھىم ئۆلچەم بولۇپ كەلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ 70 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەپەككۇر تەجرىبىسى ھازىرقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىگە ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
لېكىن ھەممە ئادەم «تۇرىڭ سىنىقى» نى ئۆلچەم قىلمايدۇ. بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ سىناق ۋاسىتىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئىنسانلار مەركەزچىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىكەن، ئۇنىڭ لايىھەلىنىشىدىمۇ نوقسان بار ئىكەن. ئۇنىڭ يېتەكلەيدىغىنى بىر خىل ئالدامچىلىق خاراكتېرلىك پىكىر يولى، يەنى AI مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئىنسانلارنى «ئالدىسىلا» ، « ئەقلىي ئىقتىدار» غا ئىگە سۇبيېكت دەپ قارىلىدۇ، بۇ مەلۇم دەرىجىدە AI تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە خاتا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، «ئەقلىي ئىقتىدار» نى باھالاشمۇ ئىلمىي بولمايدۇ.
1980-يىلى ئامېرىكا بېركلېي داشۆسىنىڭ پەلسەپە پىروفېسسورى John Searle باشقا بىر خىل تەپەككۇر تەجرىبسى ـــ خەنزۇچە خەت ئۆي تەجرىبىسىنى (中文屋实验) لايىھەلەپ، « تۇرىڭ سىنىقى» دىن ئۆتكەن ماشىنىنىڭ ھەقىقىي ئەقلىي ئىقتىدار ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغان. پەقەت ئىنگلىز تىلىنىلا بىلىدىغان، خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىغان ئادەم بىر ئۆيگە سولاپ قويۇلىدۇ، ئۆي ئىچىدە يەنە بىر ساندۇق خەنزۇچە خەت بېسىلغان كارتىلار ۋە خەت پارچىسىنى قانداق ئىشلىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش قوللانمىسى بار. ئۆينىڭ سىرتىدا ئەھۋالدىن قىلچە خەۋىرى يوق ئادەم بولۇپ، ئۇ ئۆي ئىچىگە باغاقچە كىرگۈزۈپ، خەنزۇ تىلىدا سوئال سورايدۇ، ئۆي ئىچىدىكى ئادەم قوللانمىغا ئاساسەن خەتنى تاللاپ، توغرا جاۋاب قۇراشتۇرۇپ سۇنۇپ بېرەتتى. نەتىجىدىن قارىغاندا، بۇ ئادەم شۈبھىسىز سىناقتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەيدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ خەنزۇ تىلى توغرىسىدا ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ.

3b87e950352ac65c7ce3a702fbf2b21192138ad9.png

Searle نىڭ قارىشىچە، ئۆيدىكى كىشى تۇرىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن ماشىنا سىستېمىسىغا ئوخشاش، كىرگۈزگەن-چىقارغان خەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت قائىدە بويىچە خەتنى تىزسىلا، ھەقىقىي چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بىر خىل ساختا ھالەتنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككىسى ھەقىقىي چۈشىنىش ھېسابلانمايدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ پەقەت بىر خىل رول ئېلىش ھەرىكىتى بولۇپ، ھېچقانداق پىكىر قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمايدۇ.
خەنزۇچە خەت ئۆي تەجرىبىسى بىلەن تۇرىڭ سىنىقى پەلسەپە ساھەسى ۋە بىلىش ئىلمى ساھەسىدە كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قوزغىدى، ئىككى خىل تەجرىبىنىڭ ھەر قايسىسىدا كۆپ مىقداردا قوللايدىغانلار ۋە قارشى تۇرغۇچىلار بار. ئەلۋەتتە، « تۇرىڭ سىنىقى» دە AI ئەقلىي ئىقتىدارىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئۆلچەمنى بېكىتىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن، خەنزۇچە خەت ئۆي تەجرىبىسىدە قارشى تۇرىدىغىنىمۇ پەقەت ئالدىنقىسىنىڭ پىكىر يولى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىنكار قىلىنمىغان، يەنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەقىقىي ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولغان.
قانداقلا بولمىسۇن ، تۇرىڭنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي سەۋىيىسى بىلەن سۈنئىي ئەقىلنىڭ 2000-يىلى پەيدا بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغىنىغا 20 يىل بولدى. گەرچە سۈنئىي ئىدراك كەسپى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي سۈنئىي ئىدراكنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تېخى ۋاقىت بار. بىر مەسىلە ئوتتۇرغا قويۇلدى ۋە بىزنى ئويلىنىشقا ئۈندىدى:
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردا زادى ئۆزلۈك ئېڭى بارمۇ؟

2. سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئاڭ مەسىلىسى تەسەۋۋۇردىنمۇ مۇھىم
ئالىملارنىڭ كەسكىن تالاش-تارتىشى بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، كۆپ قىسىم كىشىلەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىداردا ئاڭ پەيدا قىلىش پەقەت بىر ۋاقىت مەسىلىسى، شۇڭا بۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس، دەپ قارايدۇ. بۇ بەلكىم كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى ئېلىپ كەلگەن بىر خىل خاتا تۇيغۇ بولۇشى مۇمكىن، نېمىلا دېگەن بىلەن كەلگۈسىدىكى كۆپ قىسىم ئاساسىي تېمىدىكى كىنولاردا AI ئاڭ ۋە ھېسسىياتقا ئىگە بولغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەتتا ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ.
بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغان ئادەم مېڭىسىگە سېلىشتۇرغاندا، AI نىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى نەزەرىيە جەھەتتە چەكسىز بولۇپ، يىغىلغان بارلىق ئۇچۇرلارنى پەرقسىز بىر تەرەپ قىلالايدۇ. AI ئاڭغا ئېرىشكەن ھامان، ئۇلار ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۇچۇر ئالماشتۇرالايدۇ ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىلىنەلەيدۇ، پەقەت ئۈنۈم جەھەتتە ئىنسانلارنى بېسىپ چۈشىدۇ. نەتىجە بولۇش سۈپىتى بىلەن، AI نىڭ ئەقلىي ئىقتىدار سەۋىيەسى تېز سۈرئەتتە باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىنسانلارنى شاللىۋېتىشى مۇمكىن. بۇ خۇددىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئەقىلىي ئىقتىدارسىز كۇنۇپكىلىق يانفوننى شاللىۋەتكەنگە ئوخشاش« بازار ھەرىكىتى».
ئەگەر ئىنسانلاردىن باشقا جانلىقلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ ئاڭغا ئىگە بولغاندا، ئىنسانلار تارىختىن بۇيان توپلىغان بارلىق ئەخلاق تەرتىپى ئەڭ مۇھىم لوگىكىلىق تايىنىش نۇقتىسىنى يوقىتىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ ئەخلاق ئېتىكا سىستېمىسىنى قانداق قايتا بەرپا قىلىشى كېرەك؟ ئادەمنىڭ ماھىيىتى قەيەردە، ئادەم نېمە ئۈچۈن « ئادەم» بولىدۇ؟ گەرچە نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە ئادەم بىلەن AI نىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان كۆرۈنۈشى نامايان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا بۇ تېمىدىن ئۆزىنى قاچۇردى.

Ry3s-fxwkzyk0844778.jpeg

شۇڭا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئاڭ پەيدا قىلامدۇ، يوق، بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇھىم. پەقەت مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتەلمىدى، ياكى بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ پايدىسىغا مەپتۇن بولۇپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىدى. رېي كۇزىۋېل «ئاجايىپ نۇقتا نەزەرىيەسى» نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتى 2050- يىلى ئاجايىپ نۇقتىغا يېتىدىكەن، شۇ چاغدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئاڭ پەيدا قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىدىن تېز ھالقىپ كېتىدىكەن، ئەگەر بۇ مۆلچەر راست بولسا، ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنىڭ تەخىرسىزلىكى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.

3. «ئەقىل» بىلەن« ئاڭ» نى پەرقلەندۈرۈش
ئەلۋەتتە، بۇ ماقالە ئىنسانلارنىڭ سۇبيېكتىپلىقىنى چۆرىدىگەن ھالدا چوڭقۇر پەلسەپىۋى تەپەككۇر يۈرگۈزۈشنى مەقسەت قىلمايدۇ، پەقەت سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدارنىڭ ئاڭ مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ توغرا قىياپەتتە يۈزلىنەلەيمىز. ئۇنداقتا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئاڭ پەيدا قىلامدۇ؟
بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بىر گۇرۇپپا ئۇقۇم: ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن ئاڭنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك. ئىككىسىنىڭ پەرقى بىز كەلگۈسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئەقلىي ئىقتىدارنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئەڭ ئاسان ئارىلىشىپ كېتىدىغان مەسىلە. بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئەسلىدە ئېنىق ئېنىقلىمىسى يوق بولۇپ، ئۇلار « كەيپىيات»، « تەپەككۇر» ، « چۈشىنىش» قاتارلىق سۆزلەر بىلەن بىر يەرگە تىزىلغاندا، ئوتتۇرىدىكى پەرق تېخىمۇ مۈجمەل بولىدۇ.
«خەنزۇچە خەت ئۆي تەجرىبىسى» نىڭ تىل مۇھىتىدا، ئۆيدىكى كىشىلەر يېتەكچى قوللانمىدىن پايدىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جاۋاب بېرىدۇ، لېكىن ئۇ خەنزۇ تىلىنى قىلچە چۈشەنمەيدۇ. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ پەقەت خەنزۇ تىلىنى ئىشلىتىدىغان «ئەقلىي ئىقتىدار» نى ھازىرلىغان، لېكىن خەنزۇ تىلىغا بولغان« ئاڭ» نى ھازىرلىمىغان. ئەگەر ئۆيدىكى ئادەمنى بىر تەرجىمە پىروگراممىسىغا ئالماشتۇرسا، ئۇ خەنزۇ تىلىنى توغرا تەرجىمە قىلالايدۇ. ئەمما، سۈرئىتى قانچە تېز، ئىنكاسى قانچە سەزگۈر بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى خەنزۇ تىلىنى ھەقىقىي چۈشىنىدۇ دېيىشكە بولامدۇ؟ جاۋابى ئېنىقلا ياق.
بۇ دەل ئەقلى بىلەن ئاڭنىڭ پەرقى. « ئەقىل» مۇرەككەپ نىشاننى ئورۇنداش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ، « ئاڭ» بولسا مەسىلىنى ھەل قىلىش جەريانىدىكى سۇبيېكتىپ كەچۈرمىش. ئادەم قورالدىن پايدىلىنىپ ھەر خىل مۇرەككەپ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىيالايدۇ، بۇ جەرياندا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، ھاياجانلىنىدۇ ھەمدە ئۆز ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ۋە ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنەلەيدۇ، شۇڭا بىز ئادەمنى ھەم ئەقلىي ئىقتىدارغا، ھەم ئاڭغا ئىگە دەيمىز. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ماشىنىلىق ئۆگىنىش ياكى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇرەككەپ نىشاننى ئورۇنلىيالايدۇ، لېكىن «كەچۈرمىش» كە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ.
AI نىڭ قىلالايدىغان ئىشلىرىغا نەزەر سالساق، چىراينى پەرق ئېتىش، ئاۋازنى پەرق ئېتىش، ھەرىپ-بەلگىلەرنى پەرق ئېتىش قاتارلىقلار گەرچە قارىماققا ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىلىك، مۇرەككەپ كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ماھىيىتى پەقەت پىروگراممىغا ئەمەل قىلىپ ھەرىكەت قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئىنسانلار ئىگىلىگەن كۆپ قىسىم ئەڭ ئاددىي ئىقتىدارلارنىڭ ھۆددىسىدىن AI چىقالمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى ھەقىقىي چۈشىنىپ باقمىغان.
ئۆزلۈك ئېڭى بولمىسا، ھەرقانچە ئىلغار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارمۇ ئىنسانلارنىڭ «يىپ بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈلىدىغان ياغاچ قونچىقى» بولۇپ قالىدۇ. ئۇ ۋەزىپىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇندىيالايدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋەزىپىنى ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؛ ئۇ يۇقىرى سۈرئەتتە ھېسابلىيالىسىمۇ، ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسى سىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭىزنى «پەرقلەندۈرەلەيدۇ» ، ئەمما سىزنىڭ نېمە دېگەنلىكىڭىزنى «چۈشىنەلمەيدۇ» . شۇڭا، ھازىرقى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى پەقەت بىر مۇرەككەپ ئالگورىزىم دەپ قاراشقا بولىدۇ، گەرچە ئۇ نۇرغۇن ئەقلىي پائالىيەت جەھەتتە ئىنسانلاردىن كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن-ئاخىر ئىنسانلارنىڭ بىر خىل قورالى بولۇپ كەلدى. مەسىلىنى ھەل قىلىش جەھەتتە، قورال ئىلغار، قالاق دەپ ئايرىلىدۇ، لېكىن قوراللاردا مەڭگۈ ھاياتلىق بولمايدۇ.

timg (1).jpg

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئاچقۇچى «ئەقلىي ئىقتىدار» دا ئەمەس، بەلكى« ئاڭ» نىڭ ھازىرلانغان-ھازىرلانمىغانلىقىدا. ئەگەر ئاڭ كەمچىل بولسا، ئۇ ھالدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەپەككۇر سۇبيېكتى بولماي، يەنىلا ئىنسانلارنىڭ قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىنسانلارغا شۇنچە پايدىلىق بولىدۇ. ئەكسىچە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئادەملەرنىڭكىدىن ئاجىز بولسىمۇ، لېكىن پەقەت ئاڭ ھازىرلىسىلا، ئادەمگە يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
شۇڭا، ئەگەر مەقسەت نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ مەسىلىنىڭ جاۋابى بار بولسا، ئۇ ھالدا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مەڭگۈ ئاڭغا ئىگە بولمايدۇ. ئادەمنىڭ بارلىق ھەرىكىتى ۋە ئالاھىدىلىكى ئۆزىنىڭ ياشاش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئەمما ئادەمگە نىسبەتەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئاڭ ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى قىلچە خەۋپ-خەتەرسىز ھالدا ئىنسانلار ئۈچۈن ئەقلىي ئىقتىدارنى تەقدىم قىلىشتىن ئىبارەت. سەۋەب بولمىسا، تەبىئىي ھالدا نەتىجە بولمايدۇ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئېڭىنىڭ باش كۆتۈرۈشىدىن ئىبارەت بۇ مەسىلىدە مەڭگۈ ئاساسىي شارائىت كەمچىل. پەقەت سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھازىرقى ھېسابلاش سىستېمىسى قۇرۇلمىسىدا تەرەققىي قىلسىلا، ئۇلار ئادەمگە ئوخشاش ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىن، ئەمما ھېچقانداق ئاڭغا ئېرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولمايدۇ.

4. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئاڭغا قانداق ئىگە بولىدۇ؟
ئەگەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئۆز ئېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرالمايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشەنسەك، ئۇنداقتا بۇ مەسىلە ئۈستىدىكى مۇھاكىمە مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ، بىز خاتىرجەم ھالدا AI نى تەرەققىي قىلدۇرساق، ھەرگىزمۇ ئۇنى يوشۇرۇن خەۋپ دەپ قارىمايمىز. لېكىن مەسىلە شۇ يەردىكى، ئىنسانلار ئاڭنى AI نى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، «ئويلىمىغان يەردىن بۇلۇپ قېلىش» ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدۇ، تېخنىكا يۈزلىنىشىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تەرەققىي قىلىپ ئۆزلۈك ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشتە يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى مۇمكىنچىلىككە ئىگە.

u=1416515657,208490925&fm=27&gp=0.jpg

ئەمدىكى مەسىلە شۇكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئۆزلۈك ئېڭىغا ئېرىشىشى زادى قانداق شەرتلەرگە موھتاج؟
بىر خىل ئەڭ ئاساسلىق پىكىر يولى «سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» ، يەنى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۈزلۈكسىز تەبىئىي تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا «ئاجايىپ نۇقتا» غا يېتىپ، ئۆزلۈك ئېڭىغا ئېرىشىدۇ. مەسىلە شۇ يەردىكى، سان ئۆزگىرىشىنىڭ سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى پەقەت بىر خىل ھادىسە، ئەمما ئۇ مۇقەررەر قانۇنىيەت ئەمەس. خۇددى جاۋ تىڭياڭ كۆرسەتكەندەك، تېخنىكىنىڭ« تەدرىجىي تەرەققىياتى» نىڭ تېزلىنىشى بىر پاكىت، تېخنىكىنىڭ تېزلىنىشى تېخنىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇمۇ ئەمەلىيەت، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن، تېخنىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مۇقەررەر ھالدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك مەۋجۇدىيەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تېخنىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش مەلۇم تېخنىكا جەھەتتىكى مۇكەممەللىككە يېتەلەيدۇ، ئەمما بىر خىل مەۋجۇدىيەتتىن يەنە بىر خىل مەۋجۇدىيەتكە كۆتۈرۈلىدىغان ئاجايىپ نۇقتىغا يېتەلىشى ناتايىن. شۇڭا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تېخنىكا دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىشى ئارقىلىق سۈپەتنى دەرىجىدىن تاشقىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا ئايلاندۇرۇش-ئايلاندۇرالماسلىقى يەنىلا بىر گۇمان.
تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئاخىرقى پىرىنسىپى بىئونىكىدۇر (تەقلىد قىلىش)، ئادەم بىردىنبىر ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە ئەقلىي ئىقتىدار گەۋدىسى بولغاچقا، ئۆزلۈك ئېڭىغا ئىگە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى يارىتىش ئۈچۈن، پەقەت ئادەمنى ئۈلگە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئادەمدە نېمە ئۈچۈن ئاڭ پەيدا بولىدۇ، تەجرىبىچىلىك پىكىر يولى بويىچە بولغاندا، ئادەمنىڭ ئېڭى دۇنيا بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئادەمنىڭ شەيئىلەرنى بىلىشى، ئاڭ ھاسىل قىلىشى نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى ئاساس قىلىدۇ. بۇ تەجرىبىلەر ئادەم تۇغۇلغاندىن باشلاپ توپلىنىدۇ، لېكىن ماشىنا بۇ تەجرىبىلەرنى تامامەن ھازىرلىمىغان. ئۇ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھېكايىلىرىنى ھېس قىلىشى كېرەك. ئوخشاشلا بەزى تەتقىقاتچىلار ماشىنا سىستېمىسىنى ئاڭلاش، كۆرۈش، پۇراش، تېتىش ۋە تېگىش سېزىمى سېنزورى بار بىر ماشىنا ئادەمگە قاچىلاپ، ئۇنى بىز تۇرۇۋاتقان دۇنيادا ماڭدۇرۇپ، ئادەمنىڭكى بىلەن ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئاڭ پەيدا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.
«سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ نېمە ئۈچۈن چوقۇم بەدىنى بولۇشى كېرەك؟ » دېگەن ماقالىدە، بەدەننىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارغا نىسبەتەن مۇھىملىقى مۇھاكىمە قىلىنغان. AI نىڭ «گەۋدىسى» بولمايدۇ، ئۇ پەقەت ئىنسانلار بەلگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، ئەمما مۇھىت بىلەن ئۆزئارا تەسىر قىلىش جەريانىدا « ئاددىي ساۋات» قا ئېرىشەلمەيدۇ، شۇنداقلا ئۆز-ئۆزىدىن تەسىرات ۋە ئاڭ شەكىللەنمەيدۇ. ئەگەر AI نى ئاڭغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنى ئۆزى كونترول قىلالايدىغان بەدەنگە ئىگە قىلىش ھەمدە ئادەتتىكى شەخسلەرگە ئوخشاش فىزىكا دۇنياسى ۋە ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىش كېرەك.

161831149191.jpg

ئەلۋەتتە، بەدەن ئاساسى پەقەت ئاڭنىڭ شەكىللىنىشىدىكى بىر خىل ئېھتىماللىق قىياسى بولۇپ، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا ماشىنا سىستېمىسىنىڭ ئۆزىدە. ئەقلىي ئىقتىدارلىق كومپيۇتېر چوقۇم ئاڭ ھاسىل قىلامدۇ؟ بىر خىل جاۋاب «بىرىكمە ئۇچۇر نەزەرىيەسى» (Intergratted informattion theory) دىن كەلگەن. ئۇچۇر نەزەرىيەسىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئاڭغا ئېنىقلىما بېرىشكە ئۇرۇنۇپ، بىر فىزىكىلىق سىستېمىنىڭ قانداق شەرت ھازىرلىغاندا ئاندىن ئاڭغا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئانالىز قىلغان. ئۇنىڭ يادرولۇق كۆز قارىشى شۇكى، ئاڭ ھاسىل قىلالايدىغان سىستېما ئاز دېگەندە ئىككى ئاچقۇچلۇق ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرى، بۇ سىستېما قانچىلىك ئۇچۇر مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە بىرى، سىستېمىدىكى ئۇچۇرنىڭ بىرىكىش دەرىجىسى.
بىرىكمە ئۇچۇر نەزەرىيەسىدىن قارىغاندا، ئاڭنىڭ ماھىيىتى ئەمەلىيەتتە ئۇچۇر بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئاڭ كەچۈرمىشى ئىنتايىن زور ئۇچۇر مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ ھېسابچىلىق (computationalism) نىڭ ئاساسىي كۆز قارىشى −« بىلىش يەنى ھېسابلاش» ، بارلىق روھىي ھالەت، جۈملىدىن ئاڭ تەجرىبىسىنىڭ ھەممىسى ھېسابلاش ھالىتىگە تەۋە، ئۇلار پۈتۈنلەي ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سەزگۈ كىرگۈزۈش، ھەرىكەت نەتىجخسى ھەمدە باشقا ھېسابلاش ھالىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىدار مۇناسىۋىتىنىڭ بەلگىسى، شۇڭا ھەممىسىنى ھېسابلاشقا بولىدۇ.
ئاڭنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسى ئۇ تۇرۇۋاتقان سىستېمىغا باغلىق بولماستىن، بەلكى ئۇچۇر مىقدارى بىلەن بىرىكىش دەرىجىسىگە باغلىق بولىدۇ، بۇ ئىككى ئالاھىدىلىك ئاڭنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى مۆلچەرلەشتىكى ئاچقۇچلۇق ئۆلچەم. بىر سىستېمىنىڭ ئۇچۇر مىقدارى قانچە چوڭ، بىرىكتۈرۈش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، سىستېما ئېڭى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ھەرقانداق بىر ئاڭ تەسىراتى ئىنتايىن زور ئۇچۇر مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، ئۇچۇر يەنە يۈكسەك دەرىجىدە بىرلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ، ئاڭ ھالىتى قانچە كۈچلۈك بولسا، شۇنچە ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پەقەت ئۇچۇر مىقدارى بىلەن بىرىكتۈرۈش دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرغاندىلا، ئاڭ ئاندىن ئېنىق نامايان بولىدۇ. مەسىلەن، ئادەم سەگەك چاغدىكى چوڭ مېڭىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى كۆپ مىقداردىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مېڭە رايونلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن ئۇزۇن مۇساپىلىك ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە بىرىكىپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەگەر چوڭ مېڭىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالسا (مەسىلەن، ناركوز قىلىش ۋە قاتتىق ئۇيقۇدا) ، ئاڭ ئاجىزلايدۇ، ھەتتا يوقىلىدۇ.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «بىرىكمە ئۇچۇر نەزەرىيەسى» تىل مۇھىتىدا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئاڭ پەيدا قىلغان، پەقەت ئىنتايىن ئاجىز. چۈنكى گەرچە سىستېما ئۇچۇر مىقدارى ناھايىتى زور بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىرىكمە ئەمەس، تور بىلەن تور ئوتتۇرىسىدا، ئالگورىزىم بىلەن ئالگورىزىم ئوتتۇرىسىدا پۈتۈنلەي ئايرىلغان ھالەتتە تۇرىدۇ.
بىر سىستېمىنى بىر قەدەر يۇقىرى ئاڭ دەرىجىسىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملىرى چوقۇم كەسىپلەشكەن بولۇشى ھەمدە تولۇق بىرىكتۈرۈلۈشى كېرەك، يەنى ھەرقايسى قىسىملارنىڭ ماسلىشىپ خىزمەت قىلىشى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل خىزمەت قىلىشىغا قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئۇچۇر مىقدارى گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما بەزى قىسىملىرى، مەسىلەن، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ نېۋرونلىرى ئارىسىدا زور مىقداردا باغلىنىش مەۋجۇت، شۇڭا بىرىكىش دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئېڭىمۇ ئىنتايىن ئېنىق بولىدۇ. بۇ پىكىر يولى بويىچە، ئەگەر سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇچۇر مىقدارىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇچۇرنىڭ بىرىكىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. كومپيۇتېرنى مىسالغا ئالساق، پەقەت ھەرقايسى كىرىستال لامپىلار ۋە ساقلاش بىرلىكلىرى ئارىسىدىكى تۇتاشتۇرۇش يېتەرلىك مۇرەككەپ بولسىلا، ئۇ ئادەم مېڭىسىگە ئوخشاش ناھايىتى يۇقىرى بىرىكمە ئۇچۇر سەۋىيەسىگە يېتەلەيدۇ. يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇچۇرنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭە قۇرۇلمىسىدىن ئۆرنەك ئېلىش يەنىلا مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى ئۇسۇللارنىڭ بىرى.
بىز شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىمىزكى، مۇنداق بىر تۈرلۈك سۈنئىي ئەقىل مەيدانغا كېلىدۇ، « ئۇ دۇنيادىكى ھەر خىل شەيئىلەر ئارىسىدىكى سانسىزلىغان مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەرنى رەتلەپ، بىلىمگە ئايلاندۇرالايدۇ ھەمدە يۈكسەك دەرىجىدە بىرىكتۈرۈلگەن يەككە سىستېمىغا كىرگۈزەلەيدۇ» (Christof Koch نىڭ سۆزى) ، ئۇنداقتا ئۇ بەلكىم مەخسۇس سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، بىر پۈتۈنلۈك ئىشلارغا تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن، يەنى ھەممىباب سۈنئىي ئەقلىي (Artificial General Intelligence) ياكى كۈچلۈك سۈنئىي ئەقىل (Strong AI) غا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن. ئۇچۇرنى بىرىكتۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرغانلىقتىن، ئۇ ھەرقانداق مەنزىرىنى مەقسەتلىك ھالدا سېزەلەيدۇ. شۇ چاغدا، ئۇ ئاسانلا تۇرىڭ سىنىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك سىناقلاردىن ئۆتىدۇ ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسى بولغان ئاڭغا ئىگە بولىدۇ.
قىيىنچىلىق شۇ يەردىكى، نۆۋەتتىكى ئىلمىي ۋاسىتىلەر يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئېڭىنىڭ شەكىللىنىش سىرىنى ئېنىقلىيالمىدى، ھەتتا ئىنسانلار چوڭ مېڭىسىنىڭ ماددىيلىق قۇرۇلمىسىنىمۇ تېخى تولۇق چۈشىنىپ بولالمايدۇ. ئېنىق تەقلىد قىلىپ ياساش ئوبيېكتى كەمچىل ئەھۋالدا، دەرىجىدىن تاشقىرى بىرىكمە ماشىنا سىستېمىسى بەرپا قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئۆزلۈك ئېڭىغا ئېرىشەلەمدۇ ـ يوق، ھېچبولمىغاندا ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ تېخى نامەلۇم.

来源:腾讯研究院
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部