+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-9 10:22 788 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شىياۋمى پۇل-مۇئامىلسى تۆنۈگۈن شياۋمى«شياۋمى ئۆز-ئارا ياردەم» (小米互助) نىڭ 6-ئاينىڭ 15-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى: ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ. 0 يۈەن بىلەن كىرىدۇ. 90 نەچچە خىل ئېغىر كېسەلنى قاپلايدۇ، ياردەمگە ئېرىشكەنلەرنىڭ پۇلى مۇشۇ «ئۆز-ئارا ياردەم» فوندىغا قاتناشقانلارغا چېچىلىدۇ.

2020060810480904830.jpg

بۇ «ئۆز-ئارا ياردەم» فوندىنى دەسلەپتە ئالىپاي يولغا قويغان، ئەڭ يۇقىرى ياردەم سوممىسى 300 مىڭ يۈەن. تېڭشۈننىڭمۇ بار؛ شىياۋمىنىڭكى ئالىپايغا سېلىشتۇرغاندا ياردەم سوممىسى يۇقىرىكەن. يەنى 500 مىڭ يۈەن؛ ئالىپاينىڭ «ئۆز-ئارا ياردەم» فوندى ھەققىدىكى يازمىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى چېكىڭ. مۇشۇ تېما يېزىلغاندىن كېيىن ئالىپاينىڭ «ئۆز-ئارا ياردەم» گە قاتنىشىپ، كېيىن تۇغقانلىرى ئاغرىپ قالغاندا يۇقىرى سوممىلىق ياردەمدىن بەھرمەن بولغان تورداشلىرىمىز خېلى بار.
5-ئاينىڭ 20-كۈنى، شياۋمى رەقەملىك پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى بالا شىركەت - بېيجىڭ شوۋۋاڭ ئۆز-ئارا ھەمدەم بولۇش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنى (北京守望相助科技有限公司) قۇرغان بولۇپ، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 20 مىليون يۈەن.
شياۋمى پۇل مۇئامىلسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز توردا ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش ساھەسىگە كىرىپ، رەقەملىك پەن-تېخنىكىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنى ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش كاپالىتى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز»
ئاشكارا ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شياۋمى پۇل مۇئامىلىسى 2015-يىلى 5-ئايدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق كەسىپ دائىرىسى ئىستېمال كىرېدىتى، 3-تەرەپ چىقىم قىلىش، ئالاقە تورى مالىيە باشقۇرۇش، ئالاقە تورى سۇغۇرتىسى، تەمىنلەش زەنجىرى پۇل مۇئامىلىسى، پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكىسى، مەۋھۇم بانكا ۋە چەت ئەل بۆلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
نۆۋەتتە، شياۋمى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ چىقىم قىلىش، تور كىچىك سوممىلىق قەرزى، مەۋھۇم بانكا، سۇغۇرتا ۋاسىتىچىسى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى، ئىستېمال پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق ئىجازەتنامىسى بار.
5-ئاينىڭ 30-كۈنى ، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن شياۋمى ئىستېمال پۇل مۇئامىلىسى (小米消费金融公司) چۇڭچىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى.

شىياۋمىنىڭ بۇ قېتىم يولغا قويماقچى بولغان «ئۆز-ئارا ياردەم» دىن پايدىلىنىش ئۈچۈن يانفونغا 小米金融 ئەپنى قاچىلىساق بولىدۇ؛ يانفونىڭىزدىكى ئەپ بازىرىدىن شۇ ئىسىمدا ئىزدەتسىڭىز بولىدۇ. شىياۋمى يانفون ئىشلەتمەيدىغانلارمۇ شۇ ئەپنى قاچىلاپ تىزىملاتسا بولىدۇ؛ ئالما نۇسخىسىمۇ بار.

微信图片_20200609095441.jpg

بۇ ئەپ ئارقىلىق يەنە شىياۋمى شىركىتىدىن كىچىك سوممىلىق قەرز ئالغىلى بولىدۇ. ھازىرقى كۈنلۈك ئۆسۈمى %0.05 ئىكەن.

微信截图_20200609095701.jpg

قەرز ئېلىپ ۋاقتىدا قايتۇرۋەتسە، شىياۋمى مەھسۇلاتلىرىنى ئىگە تەرەپ تور بېتىدىن كۆپرەك سېتىۋالسا شىياۋمى بېرىدىغان قەرز پۇل سوممىسى كۆپىيىدىكەن.

来源:快科技
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部