+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-9 10:19 759 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش ئاندرويد يانفونلاردا ئومۇملاشقان ئىش؛ ئالمىغا ئەمدى قوشۇلىدۇ دېسە ئالما ئىشلىتىپ باقمىغانلار ھەيران قېلىشى مۇمكىن.
يېقىندا ئالمىنىڭ iOS نىڭ بىر سىستېما كەسمە رەسىمى ئاشكارىلاندى. بۇ رەسىمدە كۆرسىتىلىشىچە «تېلېفون ۋە Facetime سۆزلىشىش» كە سۆزلىشىشنى ئۈنئېلىش ئىقتىدارى قوشۇلغان. «تەڭشەك» كە «سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىشنى ئېچىش» دەپ تەڭشەك قوشۇلغان بولۇپ، مۇشۇ تەڭشەكنى ئاچقاندىن كېيىن سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئالغىلى بولىدىكەن.

IMG_0007.jpeg

رەسىمدىكى چۈشەندۈرۈشكە قارىغاندا، ئابۇنىت سۆزلىشىدىغان قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن سۆزلىشىشنى ئۈن ئېلىش ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدۇ، ھەمدە سۆزلىشىش جەريانىدا باشقىلار بىلەن ئۈسكۈنىلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ.
دەرۋەقە، شەخسىيەتكە چېتىلىدىغان بولغاچقا سۆزلىشىشنى ئۈن ئېلىش بىر قىيىن مەسىلە، چۈنكى ئامېرىكا FCC نىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئېنىق بەلگىلىمىسى بار. پەقەت ئۈن ئېلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇش قىلسا ياكى سۆزلىشىش جەريانىدا ئۈن ئالغانلىق ھەققىدە ئاۋازلىق ئەسكەرتمە بولسا، ئاندىن ئۈن ئېلىش قانۇنلۇق بولىدۇ.
گوگۇل ئىلگىرى Android 6.0 دىكى سۆزلىشىشنى ئۈنگە ئېلىش API ئېغىزنى ئۆچۈرۋەتكەن.

Paujp55OYl-3m_8_NjAruMUCbNXQ1WoofFhD3KmCnsGtreQGVZRssdMmFJcE49JWGI-w4eCPLdvMj9KV.jpg

دۆلىتىمىزدە ئۈن خاتىرىسى قانۇنىي كۈچكە ئىگە، ئۈنئالغاندا باشقىلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت ئىككى تەرەپنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە سۆزلەشكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالىسا، ھەمدە ئۈن ئېنىق بولۇپ، يامان نىيەت بىلەن مونتاژ قىلمىسىلا (كېسىپ، ئۇلاپ ئۆزگەرتمىسە)، سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ.
دۆلىتىمىزدە 2015-يىلى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى، پاراڭلىشىش خاتىرىسى، يانفون قىسقا ئۇچۇرى قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق ۋاسىتىلەردە شەكىللەنگەن ياكى ساقلانغان ئۇچۇرلارنى ئىسپات قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئەر-خوتۇنلار ئاجرىشىش، ئەمگەك تالاش-تارتىشى ۋە ئەلئارا ئېلىم-بېرىم دېلولىرىدا سۆزلىشىش خاتىرىسى ئۈنۈملۈك ئىسپات قىلىنىدۇ.
ئالمىنىڭ 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان WWE DC 20 يەرشارى ئاچقۇچىلار يىغىنىدا iOS 14 ئېلان قىلىنىدۇ، ئىلگىرىكى پائالىيەتلەرگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىللىق يىغىن توردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

来源:it之家
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部