+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-8 11:45 776 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مەركىزىي بانكىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، 2014-يىلىدىن باشلاپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن رەقەملىك پۇلنى تەتقىق قىلىش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە رەقەملىك خەلق پۇلىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. شېنجېن، سۇجۇ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، چېڭدۇ ۋە كەلگۈسىدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدا يېپىق ھالەتتە سىناق قىلىنىپ، ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلغان ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن.
بىراق مەركىزىي بانكا بىرلا ۋاقىتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە توردا تارقالغان DC/EP ئۇچۇرى تېخنىكا تەتقىقاتى جەريانىدىكى سىناق مەزمۇنى بولۇپ، رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ رەسمىي ئەمەلىيلىشىپ تارقىتىلىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
ئۇنداقتا، مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى زادى نېمە؟ قانداق ئىشلىتىدۇ؟ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئۈندىدار، ئالىپاينىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

5edceff48e9f092d9077aee7_1024.jpg

بۈگۈن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتى «مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى سىزگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى خەلق پۇلىنىڭ رەقەملىشىشىدۇر.
دۆلىتىمىز مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنى ئەڭ بالدۇر تەتقىق قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 2014-يىلى، خەلق بانكىسى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇل تەتقىقاتىنى باشلىغان. 2016-يىلى، جۇڭگو خەلق بانكىسى رەقەملىك پۇل تەتقىقات ئورنى قۇرۇلۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ھۆكۈمەت ئاپپاراتى بولۇپ قالدى. 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، گوۋۇيۈەن خەلق بانكىسىنىڭ باشچىلىقىدا ھەرقايسى سودا ئاپپاراتلىرىنىڭ رەقەملىك خەلق پۇلى سىستېمىسىنى قانات يايدۇرۇشىنى تەستىقلىدى (ئىنگلىزچە ئىسمى: digital currencyy / electronnic payment، قىسقارتىلىپ DC/EP دېيىلىدۇ).
مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى خەلق پۇلىنىڭ بىر خىل رەقەملىك شەكلى، ئۇ يېڭى پۇل ئەمەس.
جۇڭگو خەلق بانكىسى رەقەملىك پۇل تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى مۇ چاڭچۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: رەقەملىك خەلق پۇلىنى خەلق بانكىسى تارقىتىدۇ، بەلگىلەنگەن تىجارەت ئاپپاراتى تىجارەتكە ھەم ئايرىباشلاشقا قاتنىشىدۇ، كەڭ مەنىدىكى ئىسچوت سىستېمىسىنى ئاساس قىلىپ، بانكا ئىسچوتىنىڭ باغلىنىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، قەغەز پۇل ۋە تەڭگە پۇل بىلەن تەڭ قىممەتلىك ھەمدە قىممەت ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىي تۆلەم خاراكتېرىگە ئىگە، كونترول قىلغىلى بولىدىغان نامسىز چىقىم قىلىش قورالى.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، رەقەملىك خەلق پۇلىنى خەلق بانكىسى تارقىتىدۇ، ئۇ قانۇنىي تۆلەش ئىقتىدارىغا ئىگە قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل.
بىت پۇلى قاتارلىق مەۋھۇم پۇلغا سېلىشتۇرغاندا، رەقەملىك خەلق پۇلى قانۇندا بەلگىلەن پۇل، قەغەز (تەڭگە) پۇل  بىلەن تەڭ قىممەتلىك، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە بىخەتەرلىكى ئەڭ يۇقىرى، لېكىن بىت پۇلى بىر خىل مەۋھۇم مۈلۈك بولۇپ، ھېچقانداق قىممەت ئاساسى يوق، شۇنداقلا ھېچقانداق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئىناۋەت كېپىللىكىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ، قىممەتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. بۇ مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇل بىلەن بىت قاتارلىق شىفىرلاشتۇرۇلغان مۈلۈكنىڭ ئەڭ تۈپ پەرقى.
تارقىتىش ۋە ئايرىباشلاش جەھەتتە، رەقەملىك خەلق پۇلىغا قوش قاتلاملىق تىجارەت سىستېمىسى قوللىنىلدى.
يەنى خەلق بانكىسى مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنى ئاممىغا بىۋاسىتە تارقاتمايدۇ ۋە ئالماشتۇرمايدۇ، بەلكى ئالدى بىلەن رەقەملىك خەلق پۇلىنى بەلگىلەنگەن تىجارەت ئاپپاراتلىرىغا، مەسىلەن، سودا بانكىسى ياكى باشقا سودا ئاپپاراتلىرىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، ئاندىن بۇ ئاپپاراتلار ئاممىغا ئالماشتۇرۇپ تارقىتىدۇ. بۇ خىل قوش قاتلاملىق تىجارەت سىستېمىسى قەغەز پۇل تارقىتىشقا ئاساسەن ئوخشاش، شۇڭا ھازىرقى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، شۇنداقلا ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادى ياكى پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىملىقىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

مۇ چاڭچۈن بانكا ھېسابات سىستېمىسىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق سىستېما ئىكەنلىكىنى ، ئادەتتە بانكا ھېساباتى ئېچىش ئۈچۈن نۇرغۇن ھۆججەت ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ، مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇل سىستېمىسىدا ، شەخسىي سالاھىيەت بىردىنبىر بەلگىسىنى شەكىللەندۈرەلەيدىغان ھەرقانداق نەرسە ھېسابات بولالايدۇ.
«سالاھىيىتىڭىزنى ئىسپاتلىيالىسىڭىزلا، ئۇنى ھېسابات نومۇرى قىلىپ ئىشلىتەلەيسىز، مەسلەن، سىزنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىڭىز خەلق پۇلى ھېسابىدىكى رەقەملىك پۇل ھەميانى بولالايدۇ، سىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياكى ئاپتوموبىل توختاتقان چاغدا ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ئارقىلىق پۇل تۆلىيەلەيسىز، مانا بۇ كەڭ مەنىدىكى ئىسچوت سىستېمىسى ئۇقۇمى»

بانكا سچوتىنىڭ باغلىنىشىنى قوللاش دېگەنلىك بانكا سچوتى بولمىسىمۇ رەقەملىك خەلق پۇلى ھەميانىنى ئاچقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ بەزى يېزا رايونلىرى ياكى چەت تاغلىق رايونلاردىكى ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بانكا ھېساباتى بولمىغان تەقدىردىمۇ، رەقەملىك پۇل ھەميانى ئارقىلىق مۇناسىپ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، بۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت ئىچىدىكى بانكا ھېساباتى بولمىغان چەت ئەللىك ساياھەتچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىغىمۇ رەقەملىك پۇل ھەميانىنى ئارقىلىق تېخىمۇ قولايلىق ھالدا ئاز سوممىلىق چىقىم قىلغىلى بولىدۇ.
خەلق بانكىسى مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنى بەلگىلەنگەن تىجارەت ئاپپاراتىغا ئالماشتۇرۇپ تارقاتقاندا، بۇ ئاپپارات خەلق بانكىسىغا %100 تەييارلىق فوندى تاپشۇرۇشى كېرەك، مانا بۇ 1:1 بولغان ئالماشتۇرۇش جەريانى. بۇنداق بولغاندا مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنىڭ ئارتۇق تارقىتىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

رەقەملىك پۇل ئۈندىدار، ئالىپاي بىلەن توقۇنۇشمايدۇ.

مەركىزىي بانكا 2019- يىلى 10- ئايدا ئېلان قىلغان« 2018- يىللىق جۇڭگونىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كۆرسەتكۈچىنى تەھلىل قىلىش دوكلاتى» غا ئاساسەن، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگودا كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7.22 بانكا ئىسچوتى بار بولدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئېلېكتىرونلۇق چىقىم قىلىش نىسبىتى %80 تىن ئاشتى. ئۇنداقتا، دۆلىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرونلۇق چىقىم سىستېمىسى شۇنچە تەرەققىي قىلغان ئەھۋالدا، نېمە ئۈچۈن يەنە مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنى تەتقىق قىلىپ چىقىرىدۇ؟
مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. مۇ چاڭچۈن مۇنداق دېدى: بىت پۇلى ۋە باشقا بەزى شىفىرلاشتۇرۇلغان مۈلۈكنىڭ پەيدا بولۇشى، بىر دۆلەتنىڭ پۇل ئىگىلىك ھوقۇقىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم مەقسەت پۇلنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق پۇلنىڭ ئورنىنى قوغداش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ بارلىققا كېلىشى چىقىم سىستېمىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق پۇلى چىقىمىنىڭ قولايلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خۇاڭ گوپىڭنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى قەغەز پۇل ۋە مېتال پۇللارنى بېسىش، تارقىتىش تەننەرخى يۇقىرى، ئېلىپ يۈرۈش قولايسىز بولغاچقا، رەقەملەشتۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى ئىشقا كىرىشسە، پۇل ياساشقا كېتىدىغان تۈرلۈك تەننەرخلەرنى زور دەرىجىدە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ.
يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدا، مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى يەنە پۇل سودىسىدىكى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش پۇرسىتىنى ئازايتىدۇ. جۇڭگو خەلق داشۆسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش پەن-تېخنىكىسى ۋە پۇل مۇئامىلە پەن-تېخنىكا تەجرىبىخانىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ياڭ دۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپپارات ۋە شەخسلەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىۋاسىتە ئۇچراشمايدىغان سودا ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىشكە تېخىمۇ مايىل بولىدۇ، مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇنىڭ تارقىتىلىشى ۋە قوللىنىلىشىنى تېزلىتىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنىڭ ئالىپاي، ئۈندىداردا چىقىم قىلىش قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۆرسەتمەيدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، مۇ چاڭچۈن ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى نۆۋەتتىكى كۆچمە چىقىم قىلىشقا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى پۇقرالارغا تېخىمۇ كۆپ چىقىم قىلىش قورالىنى تاللاش پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپ، تېخىمۇ كۆپ چىقىم قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ دېدى.
«نۆۋەتتە ئالىپاي، ئۈندىدار سودا بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇلى ئارقىلىق چىقىم قىلىنىدۇ. مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئەمەلىيەتتە ھەمياندىكى پۇلنى، سودا بانكىسىنىڭ ئامانەت پۇلىنى مەركىزىي بانكىنىڭ پۇلىغا ئايلاندۇردۇ، ھەميان ئۆزگەرمەيدۇ، پەقەت ھەميان ئىچىدىكى پۇلنىڭ شەكلى ياكى تۈرىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۈندىدار ياكى ئالىپاي يەنىلا ھەميان سۈپىتىدە پۇقرالارنى چىقىم مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ»

مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنى ئىشلىتىش بازارلاشتۇرۇپ تاللاش جەريانى.
كۆچمە چىقىم قىلغاندا، كىشىلەر بەزىدە بەزى ئوڭايسىز ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدۇ، مەسىلەن، تور بولمىغان يەر ئاستى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ھەق تاپشۇرۇش ياكى سىگنالى ياخشى بولمىغان ئايروپىلاندا يېنىدا نەق پۇل بولمىسا بىر بوتۇلكا سۇ سېتىۋېلىشمۇ ناھايىتى قىيىن. مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلىنى ئىشلەتكەندە بۇ خىل مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
قوللىنىش كۆرۈنۈشى جەھەتتە، مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى قەغەز پۇلغا ئوخشاش «قوش تورسىز چىقىم قىلىش» نى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، يەنى كىرىم-چىقىم قىلىدىغان ئىككى تەرەپ توردىن ئايرىلغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ يەنىلا چىقىم قىلالايدۇ.
كەلگۈسىدە پەقەت يانفونغا رەقەملىك خەلق پۇلى ھەميانى (ئەپ) قاچىلانسىلا، تور، سىگنال بولمىسىمۇ، پەقەت يانفوننى تەككۈزۈپلا ھېسابات يۆتكەش ياكى ھەق تۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى يەنە كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم نورمال نامسىز چىقىم قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. نۆۋەتتىكى چىقىم قىلىش قوراللىرى، مەسىلەن ئىنتېرنېت ئارقىلىق چىقىم قىلىش، بانكا كارتىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى بانكا ھېسابات سىستېمىسى بىلەن باغلانغان بولۇپ، نامسىز ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. رەقەملىك خەلق پۇلى بانكا ھېساباتىغا بېقىنمايدۇ، نامسىز ئىقتىدارغا ئىگە، بەزى مۇۋاپىق، قانۇنلۇق ئاز سوممىلىق چىقىم قىلىش قىلمىشلىرىغا نىسبەتەن، نامسىز ھالەتتە چىقىم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شەخسىي سىر ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.
يانفوننى تەككۈزۈپلا پۇل تۆلىگىلى بولسا مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك ھەميانى بىخەتەرمۇ؟ چەت-ياقا يېزا-قىشلاقلاردىكى ياشانغانلار ئىشلىتىشنى ئۆگىنەلەمدۇ؟
مۇ چاڭچۈن مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ بۇنداق بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى يوق. مەھسۇلات لايىھەلەش جەھەتتە، رەقەملىك خەلق پۇلى سودىسى قىلىشتىن بۇرۇن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ، جەزملەشتۈرمىسە سودىنى تاماملىغىلى بولمايدۇ، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلدا ئەگەر راستىنلا ئوغرىلىقچە ئىشلىتىش قاتارلىق قىلمىشلار يۈز بەرسە، ھەقىقىي ئىسىم ھەميانى، رەقەملىك خەلق پۇلى يىتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەركىزى بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن ، رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ لايىھىلىنىشى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنالنى ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان ياكى ئىشلىتەلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق ئويلاشقان. كەلگۈسىدە مەيلى IC كارتا ، ئەقىلىي ئىقتىدارسىز يانفون ياكى باشقا قاتتىق دېتاللار ئارقىلىق رەقەملىك پۇلنى ئىشلىتەلەيدۇ. «مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان پۇل تۆلەش قورالى ، ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنى رازى قىلىپلا قالماي ، بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئېتىبار بېرىدۇ».
مۇ چاڭچۈننىڭ قارىشىچە، چىقىم قىلىش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لايىھەلەش جەريانىدا، مەركىزىي بانكىنىڭ رەقەملىك پۇلى ئىگىلىگەن خېرىدارلار ئۇچۇرىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، رەقەملىك خەلق پۇلى ھەميانىنى بىر قانچە دەرىجىگە ئايرىغان. ئەگەر كۆپ سوممىلىق چىقىم قىلغاندا ياكى مەبلەغنى يۆتكىگەندە، چوقۇم ھەقىقىي ئىسىم بىلەن پۇل قاپچۇقى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. كۆپ سوممىلىق خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ۋە پۇل يۇيۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇچۇردا ھەقىقىي ئىسمى بار بولغاچقا، دېلونى تەكشۈرۈش ۋە مەبلەغنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشكە مۇناسىپ ياردەم بېرەلەيدۇ.

来源:驱动之家
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部