+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-6 11:21 3164 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفوندا ئىلگىرى ساقلىۋالغان بەزى رەسىمنى بېسىپ چىقىرىپ ئىشلىتىش ئېھتىياجى تۇغۇلغاندا قارىساق ئېنىقلىقى تۆۋەن، كىچىك؛ بېسىش ئۆلچىمىگە توشمايدۇ؛ بۇنداق چاغدا كىچىك رەسىمنى چوڭايتىش ئېھتىياجى تۇغۇلىدۇ.
ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ كونا رەسىملىرى، بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرىمىزنى يانفوندا رەسىمگە تارتىپ ياكى مەخسۇس ئۈسكۈنىدە سىكانېرلاپ ساقلىساقمۇ بىر خىل غۇۋا تۇتۇق بولىدۇ.
تۆۋەندە مۇشۇنداق كىچىك رەسىمنى چوڭايتىدىغان، كونا رەسىمنى سۈزۈك قىلدىغان ئىككى ئەپنى تونۇشتۇرىمىز.

Bigjpg

بۇ كىچىك رەسىمنى چوڭايتىدىغان ئەپ. ۋىندوۋس، ئاندرويد، ئالما نۇسخىسى ھەمدە ئۈندىدار ئەپچىسى بار.
ئىشلىتىشمۇ ئاسان، ئەپنى قوزغىتىپ چوڭايتىدىغان رەسىمنى تاللاپ، ئاندىن قانچىلىك چوڭايتىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ جەزملەشتۈرسىڭىزلا بولىدۇ.

3-12.jpg

بۇ ئەپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىدا ھەر ئايدا 20 رەسىمنى چوڭايتقىلى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تۆت ھەسسە چوڭايتقىلى بولىدۇ. ھەقلىق نەشىرىنى سېتىۋالسىڭىز تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارى بار.

4-9.jpg

ھەر قايسى ئەپ بازىرىدىن Bigjpg دەپ ئىزدىتىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
ئۈندىدارنىڭ ئىزدەيدىغان يېرىنى ئېچىپ، 小程序 نى تاللاپ، Bigjpg دەپ ئىزدەتسىڭىز ئۈندىدار ئەپچىسى چىقىدىكەن.

كونا رەسىمنى سۈزۈكلەشتۈردىغان ئەپ - 你我当年

5x-1.jpg

بۇ ئەپ سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدار ئارقىلىق كونا رەسىمنى سۈزۈكلەشتۈردىغان، غۇۋا رەسىمنى كۈچەيتىپ ئۇچۇق قىلىدۇ.

7-7.jpg

ئەپنى قوزغاتقاندىن كېيىن  历史照片 , 照片增强  دېگەن يەرنى بېسىپ كونا رەسىمنى تاللاپ سۈزۈكلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

8-2.gif

10-8.jpg

ئالما iOS نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://apps.apple.com/cn/app/id1461690800
ئاندرويد نەشىرىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://android.myapp.com/myapp/ ... com.bigwinepot.nwdn
ئۈندىدار ئەپچىسى ھازىرچە ئىشلىمەيدۇ.
بۇ ئەپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىدا ھەر كۈنى ئىككى پارچە رەسىمنى سۈزۈكلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部