+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-6 11:21 1064 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى قېتىم خەۋەر قىلىنغاندەك ئۈندىدار يېڭىلىنىپ، ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بولدى.
ئۈندىدار ئاندرويد نەشىرىنى 7.0.15 گە يېڭىلىغاندىن كېيىن شەخسىي ئۇچۇر بېتىگە كىرسە ئۈندىدار نومۇرىنىڭ يېنىدا ‹ بەلگىسى پەيدا بولسا شۇ يەرنى چېكىپ ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
نۆۋەتتە پەقەت ئاندرويد نەشىردىلا بولىدۇ، ئالمىدا بولمايدۇ. ئالما نەشىرى يېڭىلانغاندا بولۇشى مۇمكىن.
ئۈندىدار نومۇرىنى بىر يىلدا پەقەت بىر قېتىم ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

WechatIMG1164.png

* ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتىشتە قانداق تەلەپ بار؟
ئۈندىدار نومۇرى چوقۇم ئېنگىلىزچە ھەرپتىن باشلىنىشى لازىم. 6-20 خانلىق سان، ھەرپ، ئاستى سىزىقچە، ئېلىش بەلگىسى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
* ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتىشتە قانداق شەرت بار؟
1. ئۈندىدار نومۇرى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە ئۆزگەرتىلمىگەن بولۇشى لازىم، بىر يىل ئىچىدە ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز بىر يىل توشقاندا ئاندىن ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.
2. نۆۋەتە ئىشلىتىۋاتقان ئۈندىدار نومۇرىدا بىخەتەرلىك خەۋىپى بولماسلىقى كېرەك.
* ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، مۇشۇ ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق تىزىملاتقان ئۈچۈنچى تەرەپ كەسپلىرىگە تەسىرى بولامدۇ؟
بولمايدۇ.
* ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۈندىداردىكى ئالاقىداش ئەسكەرتىش ئۇچۇرى تاپشۇرۋالامدۇ.
ياق، ئۈندىداردىكى دوستلىرىڭىز سىزنىڭ نومۇر ئۆزگەرتكەنلىكىڭىز ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۋالمايدۇ.
* ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، باشقىلار ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇنقى كونا نومۇردا ئىزدەپ تاپالامدۇ؟
ياق، ئۈندىدار نومۇرى ئۆزگەرگەندىن كېيىن باشقىلار سىزنى يېڭى نومۇر ئارقىلىق ئىزدەپ تاپالايدۇ. بۇرۇنقى كونا نومۇردا ئىزدەپ تاپالمايدۇ.

بەزى تورداشلارنىڭ ئاندرويد نەشىرى 7.0.15 كە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزگەرتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا سەۋىرچانلىق بىلەن ساقلاپ تۇرۇڭ.
ئەلۋەتتە، ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر ئەمەس؛ ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئۆزگەرتمەي ئىشلىتىۋەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئۈندىدار نەشىرىنى يېڭىلاش ئۈچۈن 我-设置-关于微信-版本更新 نى چېكىپ يېڭىلىسىڭىز بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部