+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-5 10:53 1054 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
نۆۋەتتە دەسلەپكى قەدەمدە سودىغا ئىشلىتىلگەن 5G تورى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، نۇرغۇن كىشىلەر قولىدىكى 5G قوللىمايدىغان يانفوننى قانداق قىلارمىز، يانفون ئالماشتۇرۇش زۆرۈرمۇ؟ دېگەن خىيالدا؛ ھەتتا بەزى تورداشلار 5G دەۋرىدە 4G يانفوننى ئىشلەتكىلى بولمامدۇ؟ ئەمەلدىن قالامدۇ؟ دەپ سوراۋاتىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىكى ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بۇ ۋاقىتتا 34 مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 4G تورىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

a4d77c4cd6694bdb85ac4a03862bfeb0.jpg

بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بۇ ئىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ 5G تورى قۇرۇلۇشىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئەمەس، بەلكى ئاقىلانە تاللاش.
مۇكەممەل بولغان ئالاقە تورى ئۇل مۇئەسسەسى كەمچىل بولۇش ئىزچىل بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كەمچىلىكى بولۇپ كەلگەن. 2G دىن 4G دەۋرىگىچە، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تور قۇرۇلۇشى مۇكەممەل بولمىغان، مەيلى ئاساسىي پونكىت سانى بولسۇن ياكى تور بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى بولسۇن، تېلېگراف ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىشكە يەتمىگەن.

0b095d2eb53045b29aa4411ccd030a92.jpg

شۇڭا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ بۇ قېتىم زور مىقداردا مەبلەغ سېلىپ 4G تورىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ مۇكەممەل 4G خەۋەرلىشىش تورى ياساشتىن ئىبارەت.
ئۇنىڭدىن قالسا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G نى كېڭەيتىشىدىكى سەۋەب ئىشلەتكۈچىلەرنى تۇتۇپ قېلىش ئۈچۈن، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 3G دەۋرىدە ئەۋزەللىككە ئىگە ئىدى، 4G غا كەلگەندە سىگنالى باشقا ئىككىسىدىن ناچار بولدى، نۇرغۇن جايلاردا ھەتتا سىگنال قوبۇل قىلالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان زور مىقداردا ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ 4G تورىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ھەرىكىتى ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ ئابونت ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كەلگۈسىدە 5G قۇرۇلۇشىنى ئېلىپ بېرىشىغا ناھايىتى پايدىلىق.
ھازىر 5G تەدرىجىي ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما سىگنالنىڭ مۇكەممەلسىزلىكى ۋە قىممەت يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەققى يەنىلا ئانچە كۆپ قوبۇل قىلىنمىدى. 5G نى ئومۇمىيۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە 3 يىلدىن 5 يىلغىچە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. يېزا، سەھرا، چەت رايونلارغا تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.
5G تولۇق ئىشلىتىلگەن ھالەتتىمۇ 4G ئەمەلدىن قالمايدۇ، ئۇزۇنغىچە 5G بىلەن بىللە مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا يەنە نۇرغۇن ئابونت داۋاملىق 4G ئىشلىتىدۇ.
كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ پۈتۈن دىققىتىنى 5G گە قارىتىش سەۋەبىدىن 4G سىگنالىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىۋاتقان ئەھۋالدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئەكسىچە 4G گە كۆڭۈل بۆلۈشى بىر ئاقىلانە تاللاش؛ خەۋەرلىشىش شىركىتى پۇل تاپىدىغان شىركەت بولۇشى سۈپىتى بىلەن پۇل تاپالمايدىغان ئىشقا مىلياردلاپ مەبلەغ سالمايدۇ.

a1838da280ee4687b886db9707a55885.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا جۇڭگو تېلگرافى يۈننەن تارماق شىركىتى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يۈننەندە 3G تورىنى تەدرىجىي تاقايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى.
4G、5G تورى قۇرلۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن يۈننەندە 3G-EVDO تورىنى تەرىجىي تاقايدۇ.
3G تورى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلارنى تېزلىكتە كارتا ۋە يانفون تېرمىنالىنى 4G  ، 5G گە كۆتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

0J414C45-1.jpg

كېيىنكى قەدەمدە پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە تېلېگىرافلا ئەمەس، ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ھەممىسى  3G تورىنى تەدرىجىي تاقايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن 2G نىڭ ئۆمرىمۇ ئۇزۇن قالمىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部