+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-5 10:53 1675 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
2018-يىلدىن باشلاپ ئۈندىدار تېڭشۈن ئىناۋەت مۇلازىمىتى 微信支付分 نى كىچىك دائىرىدە سىناق قىلغان. بىر نەچچە يىللىق سىناقتىن كېيىن، تۆنۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئىقتىدار ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋەتتى.
بۇ ئالىپاينىڭ خۇابېيغا ئوخشايدىغان ئالدىن چىقىم قىلىپ، كېيىن تۆلەيدىغان بىر خىل ئىناۋەت مەھسۇلاتى. بۇنىڭدىكى پۇل ئارقىلىق ئالدىن ئىستىمال قىلغىلى بولىدۇ، زاكالەت تۆلىمەي نىسىگە مەھسۇلات سېتىۋالغىلى، ھەقلىق مۇلازىمەتتىن بەھىرمەن بولغىلى بولىدۇ؛ پۇلنى چىقىرۋېلىشقا، باشقىلارغا قىزىل بولاق قىلىپ يۆتكەپ بېرىشكە بولمايدۇ.

تېڭشۈن ئىگە تەرەپنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۈندىدار جى فۇ فېن رەسمىي تورغا چىقىرىلغان بىر يىلدىن بۇيان، ئابۇنىچى سانى 100 مىليوندىن ئېشىپ، 30 نەچچە كەسىپنى قاپلىغان. %80 زاكالەت پۇلى زاكالەت پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان، ئابۇنىچى ئۈچۈن 100 مىليارد يۈەنگە يېقىن زاكالەت پۇلى تېجەپ بەرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۈندىدارنىڭ بۇ مۇلازىمىتىنى ئۈندىداردا بىۋاستە ئېچىش ئېغىزى يوق بولۇپ، ئۈچۈنچى تەرەپ ئارقىلىق ئاچاتتى. تۆنۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئىقتىدار ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋەتتى.
ئۈندىدارنىڭ 支付—钱包—支付分 گە كىرسە چىقىم قىلىش نومۇرى، يەنى ئىناۋەت دەرىجىسى كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن جى فۇ فېن قوللايدىغان مۇلازىمەت، مەھسۇلاتلاردىن بەھرمەن بولسا بولىدۇ.

20200604_145729_147.png

ئۈندىدار جى فۇ فېن مۇلازىمىتى ئىناۋەت خاتىرىسى ۋە ئىناۋەت مۇلازىمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىناۋەت خاتىرىسىدە سىزنىڭ لەۋزىگە ئەمەل قىلىش خاتىرىڭىز، چىقىم قىلىنىدىغان زاكاز، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زاكاز قاتارلىقلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئىناۋەت مۇلازىمىتى نۆۋەتتە 1035 خىل مۇلازىمەتنى قوللايدۇ، مەسىلەن ھەمبەھر ئىجارە ئېلىش، قاتناش، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، تۇرمۇش مۇلازىمىتى، ياتاق زاكاز قىلىش قاتارلىقلاردا زاكالەت پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، ئاۋۋال ئىشلىتىپ كېيىن تۆلەش، ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى تۆلىمەسلىك قاتارلىقلار.
ئۈندىدار جى فۇ فېن ئەڭ يېڭى شەخسىي ئۈندىدار چىقىم قىلىش بېتىدە سالايىھەت ئالاھىدىلىكى، چىقىم قىلىش ھەرىكىتى ۋە ئىناۋەت تارىخىدىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن شەخسىي ئىناۋەتنى ئۇنىۋېرسال باھالايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈندىداردا چىقىم قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىستېمال ئەھۋالى، ئۈندىداردا چىقىم قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋەدىگە ئەمەل قىلىش، سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى مۇھىم تەشكىل قىلغۇچى پارامېتىردۇر. ھەر بىر ئۈندىدار ئابونتىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر تارماق سانلىق قىممىتى بولىدۇ، ھەمدە ھەر ئايدا ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ. بەلگىلىك نومۇر ئۆلچىمىگە يەتكەندە، خېرىدارلار مىڭدىن ئارتۇق قولايلىق مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولالايدۇ.
ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، 微信支付分 مۇلازىمىتى ھەقسىز ئېچىلىدۇ، جى فۇ فېن نومۇرى پۇل سوممىسى ئەمەس. بۇ مۇلازىمەتنى سىستېما ئۆزى ئېچىپ بېرىدۇ، باشقىلار ھەقلىق-ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ ئېچىپ بېرەلمەيدۇ.

来源:IT之家

1ئادەم ئىنكاس يازدى

Gvlvm520 ۋاقتى: 2020-6-5 16:50:38
باشقا ئىش يوق ،يېقىندا ئۈندىدار  نومۇرى ئالماشتۇرىدغان ئىش چىقىپتىكەنغۇ  ،بۈگۈن ھەقىقى نەشىردە يولغا قۇيۇلۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر قىسىم كىشىلىرىمىز مۇشۇ كىچىككىنە ئىشقىمۇ بىر مۇنچە ھەق ئېلىپ قىلغىلى تۇرۇپتۇ. مۇمكىن بولسا كىينكى سالون يازمىدا  بىر قىسقا تىمىغا مۇشۇ ئۈندىدار نومۇرى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا قىستۇرۇپ قويغان بولساڭلار  .
رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部