+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-4 10:27 858 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-6-4 16:46  

تۆنۈگۈن رۇڭياۋنىڭ Play تۈرىدىكى تۇنجى 5G يانفونى - روڭياۋ 荣耀 Play4  ئېلان قىلىندى.
بۇ يانفوننىڭ يارقىن نۇقتىسى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا سېنزورى سەپلەنگەن بىر تىپى بار بولۇپ، بۇنىڭدا ئىنفىرا قىزىل نۇر ئارقىلىق يانفوندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ۋە جىسىم تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ئىقتىدارى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

cmVzaXplPTIwMDAlMkMyMDAwJTJDc2hyaW5rJmltYWdlX3VyaT1odHRwcyUzQSUyRiUyRnMueWltZy5j.jpg

روڭياۋ Play4 Pro ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا ئۆلچەش نۇسخىسىغا بىر دانە ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېمپېراتۇرا سېنزورى قوشۇلغان بولۇپ، ئىنفىرا قىزىل نۇر ئېنېرگىيەسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۆلچىنىدىغان ئوبيېكتنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىي ئىسسىقلىق مودېلىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس توغرىلاش ئالگورىزىمى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان مۇھىتتىكى تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەشنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا روڭياۋ Play4 Pro نىڭ ئىنفىرا قىزىل نۇر بىلەن تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ئىقتىدارى، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ھەر ۋاقىت ئۆلچەپ، ئابونىتلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ قالماستىن يەنە ھەر خىل جىسىملارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى، مەسىلەن، سۇ تېمپېراتۇرىسى قاتارلىقلارنى ئۆلچەيدۇ. ئۆلچىيەلەيدىغان تېمپېراتۇرا دائىرسى 20- تىن 100 سېلسىيە گرادۇسقىچە، ئەڭ كىچىك توغرىلىق دەرىجىسى 0.1 گىرادۇس.



پىرىنسىپى نۆۋەتتە كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تېرمومېتىرغا ئوخشايدۇ.

f11f3a292df5e0fe0ee9a42e75c4f4ae5fdf7252.jpeg

微信截图_20200604010044.jpg

روڭياۋ Play4 Pro غا خۇاۋېي بوبرا كىيىك 990 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ،  UFS 3. 0 ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن.
NSA/SA قوش مودۇللۇق 5G قوللايدۇ.

800_800_0092EDD88C0405384D4C8E174498FDE4B5B470519DE1E116mp.png

微信截图_20200604010020.jpg

روڭياۋ Play4 Pro نىڭ كەينى ئاساسى كامېراسى 40 مىليون پىكسېللىق + 8 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا سەپلەنگەن. ئاساسى كامېراسىغا 1/1.7 دىيۇملۇق CMOS سېنزور ئورنىتىلغان.
ئالدىغىمۇ 32 مىليون پىكسېللىق + 8 مىليون پىكسېللىق قوش كامېرا سەپلەنگەن. ئالدى كامېراسى تۆشۈك شەكىلدە.
بارماق ئىزى سېنزورى يان تەرەپتە.

276B3A22752B0458A148020A0D20687873C65D2A58FF592B.jpg

باتارىيەسى 4200mAh بولۇپ، 40W تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

روڭياۋ Play4 ئۆلچەملىك نۇسخىسىغا لىيەنفاكې تىيەنجى 800 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. VC سويۇقلۇق سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى بار. قوش مودۇللۇق 5G قوللايدۇ.

800_800_96CF168A9815189A7E395A6AACA0167B331677789E85E66Emp.png

كەينىگە 64 مىليون پىكسېللىق ئاساسىي كامېرا + 8 مىليون پىكسېللىق كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا + 2 مىليون پىكسېللىق چوڭقۇرلۇق كامېراسى + 2 مىليون پىكسېللىق مىكرو ئارىلىق كامېراسىدىن ئىبارەت تۆت كامېرا ئورنىتىلغان. ئالدى كامېراسى 16 مىليون پىكسېللىق.

باتارىيەسى 4300mAh بولۇپ، 22.5W تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

微信截图_20200604010219.jpg

باھاسى:
روڭياۋ Play4 Pro تېمپېراتۇرا ئۆلچىيەلەيدىغان نۇسخىسى 8GB+128GB سىغىملىقى 2999 يۈەن
تېمپېراتۇرا ئۆلچىيەلمەيدىغان 8GB+128GB سىغىملىقى 2899 يۈەن
6-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ سېتىلىدۇ.

روڭياۋ Play4 ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ
6GB+128GB سىغىملىقى 1799 يۈەن
8GB+128GB سىغىملىقى 1999 يۈەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部