+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-3 10:26 1092 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-6-3 10:09  

ئالدىنقى ھەپتە تېڭشۈننىڭ Wetool دېگەندەك ئۈچۈنچى تەرەپ ئۈندىدار قوراللىرىغا قارىتا چەكلەش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق.
تېڭشۈن بۇ خىل چەكلەش تەدبىرىنى جەسەت تازىلاش، ئاپتوماتىك جاۋاب قايتۇرۇش... ئىقتىدارى بار باشقا دېتاللارغىچە كېڭەيتتى.
2-ئىيۇن، خاڭجۇ ئىنتېرنېت سوت مەھكىمىسى (خاڭجۇ تۆمۈريول تىرانسپورت سوت مەھكىمىسى) دەۋاگەر تېڭشۈن كومپيۇتېر شىركىتى، تېڭشۈن پەن-تېخنىكا شىركىتى بىلەن جاۋابكار جېجياڭ مەلۇم تور شىركىتى، خاڭجۇدىكى مەلۇم پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ ناتوغرا رىقابەت ماجىرا دېلوسىغا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، ئىككى جاۋابكارنى دېلوغا چېتىشلىق ناتوغرا رىقابەت قىلمىشىنى توختىتىپ، ئىككى دەۋاگەرنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنى ۋە مۇۋاپىق خىراجى ئۈچۈن 2 مىليون 600 مىڭ يۈەن تۆلەشكە ھەم ئۇنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىشكە ھۆكۈم قىلدى.

20200602_153126_656.jpg

بۇ دېلو ئۈندىدار توپىنى كونترول قىلىش يۇمشاق دېتالى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۈندىدار سانلىق مەلۇماتىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى بېكىتىشكە چېتىلىدىغان تۇنجى ناتوغرا رىقابەت دېلوسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ دېلو ھۆكۈمى تور سۇپىسىنىڭ ئۆزى كونترول قىلغان ئابونىتلارنىڭ ئۇچۇرىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان خاراكتېردىكى سانلىق مەلۇمات ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تور سۇپىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان سانلىق مەلۇمات ھوقۇق-مەنپەئەتى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق-مەنپەئەت چېگراسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
دەۋاگەر تېڭشۈن كومپيۇتېر شىركىتى ۋە تېڭشۈن تېخنىكا شىركىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈندىدار يۇمشاق دېتالىنىڭ نەشر ھوقۇقى ئىگىسى ۋە ئۈندىدار مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىجارەتچىسى.
ئىككى جاۋابكار ياساپ، تارقاتقان «جۈ كې توڭ توپ كونترول قىلىش يۇمشاق دېتالى» Xposed سىرتقى قىستۇرما (外挂) تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ« شەخسىي نومۇر» ئىقتىدار بۆلىكىنى شەخسىي ئۈندىدارغا كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىپ، بۇ يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتىنى سېتىۋالغان ئۈندىدار ئابونتلىرىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدا سودا، باشقۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىسى: ئۈندىدارنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش، توپ مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۈملىدىن دوستلار چەمبىرىكىدىكى مەزمۇنلارغا ئاپتوماتىك يۈرەك بېرىش، ئۈندىدار ئۇچۇرىنى توپ تارقىتىش، ئۈندىدارغا دوست قوشۇلغاندا ئاپتوماتىك ماقۇللاش ۋە جاۋاب قايتۇرۇش، جەسەت تازىلاش (清理僵尸粉)، ئۈندىدار ھېساباتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېقىش؛ ئۈندىدار ئابونتلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرى، دوستلار مۇناسىۋىتى زەنجىرى ئۇچۇرى ۋە ئابونتلارنىڭ مەشغۇلات ئۇچۇرى (دوستلار چەمبىرىكىدىكى يۈرەك بېرىش، ئىنكاس يېزىش، چىقىم قىلىش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى مۇلازىمېتىردا ساقلاپ، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىغا ئىگە بولۇۋېلىش.

دەۋاگەر تېڭشۈن مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى جاۋابكارنىڭ ھەرىكىتى ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ نورمال ھەرىكىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئىككى دەۋاگەرنىڭ ئۈندىدار سانلىق مەلۇماتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان سانلىق مەلۇمات ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، « ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ 2-، 12-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناتوغرا رىقابەت شەكىللەندۈرگەن، شۇڭا 5 مىليون يۈەن ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشكە، ھەمدە ناماقۇل بولۇش، تەسىرىنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.
ئىككى جاۋابكار مۇنداق دېدى: ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان يۇمشاق دېتالى ئۈندىدار مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان ئىقتىدارىنى ئەمەلگە ئاشۇردى، بۇ بىر قىسىم يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىقتىدار ئۈندىدار ئېلېكتىرونلۇق سودا ئابونتلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش ۋە تىجارەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇۋاپىقلىقىغا تەۋە بولۇپ، ئۈندىدار مەھسۇلاتلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە توسقۇنلۇق قىلمىدى ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلمىدى. ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغان يۇمشاق دېتال ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سانلىق مەلۇمات ھوقۇق-مەنپەئىتى خېرىدارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشى كېرەك، ئىشلەتكۈچىلەر شەخسىي سانلىق مەلۇماتنى ئېلىپ يۈرۈش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ،شەخسىي سانلىق مەلۇماتنى قانداق شەكىلدە زاپاسلاش، ساقلاش بۇ سانلىق مەلۇماتنى كونترول قىلغۇچى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئىككى دەۋاگەر ئۆزى كونترول قىلىۋاتقان ئابۇنىچىلارنىڭ ئۇچۇرىغا نىسبەتەن ھېچقانداق سانلىق مەلۇمات ھوقۇق-مەنپەئەتىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقى قىلمىشلار ناتوغرا رىقابەت قىلمىشىنى شەكىللەندۈرمەيدۇ.
سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش يۇمشاق دېتالىنىڭ توپ مەشغۇلاتى ئۈندىدارنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، ئابونتلارنىڭ ئۈندىدار مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشىگە روشەن كاشىلا پەيدا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، ئۈنۈمىگە خەۋپ يەتكۈزىدۇ، ئىككى دەۋاگەر قانۇنلۇق تەمىنلىگەن تور مەھسۇلاتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە توسقۇنلۇق قىلدى ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلدى، بۇ « ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ 12-ماددا 2-تارماق 4-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن باشقا تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق تور مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىنىڭ نورمال ئىشلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشىغا تەۋە ناتوغرا رىقابەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.
ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش يۇمشاق دېتالىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۈندىدار ئابونتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى توپلىشى، ئۆزى كونترول قىلغان مۇلازىمېتىردا ساقلاش ھەرىكەتنىڭ «ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» نىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغان ناتوغرا رىقابەت قىلمىشىغا تەۋە ياكى تەۋە ئەمەسلىكى توغرىسىدا سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىدى: ئىككى دەۋاگەر سانلىق مەلۇمات ھوقۇق-مەنپەئەتىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۈندىدار سۇپىسى سانلىق مەلۇماتىنى ئىككى خىل سانلىق مەلۇمات شەكلىگە بۆلۈشكە بولىدۇ: بىرى، سانلىق مەلۇمات بايلىقى ئومۇمىي گەۋدىسى، يەنە بىرى، يەككە سانلىق مەلۇمات گەۋدىسى. تور سۇپىسى تەرەپ سانلىق مەلۇمات بايلىقىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسى بىلەن يەككە سانلىق مەلۇماتنىڭ بەھرىمەن بولۇشىغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان سانلىق مەلۇمات ھوقۇق-مەنپەئەتى بار.

دېمەك، «ئىقتىدارلىق دېتال ساتىمەن، ئۈندىدارنى توڭلاتمايدۇ...» دەپ تەشۋىق قىلىنىپ سېتىلىۋاتقان ئۈندىدار ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل قوشۇمچە دېتاللارنىڭ ھەممىسى تېڭشۈن تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ. ھەقلىق ياكى ھەقسىز شۇ خىل دېتاللارنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۈندىدارى ھېساباتى تېڭشۈن تەرىپىدىن ھەر قاچان توڭلىتىلىش، مەڭگۈلۈك چەكلىنىش خەۋىپى بار.

2018424141632431530.png

ئۈندىداردا سىزنى دوستلۇقتىن ئۆچۈرۋەتكەن ئەزا سىزنىڭ ئەزا تىزىملىكىڭىزدە ساقلىنىپ تۇرىۋېرىدۇ، بۇنى جەسەت ئەزا دەپ ئاتايدۇ. چەمبىرەك توپلاردا جەسەت تازىلىۋېلىڭ، جەسەت تازىلايمەن دەپ «تازلىقچىلار» بەك ئاۋۇپ كەتكەن. جەسەت تازىلايمەن دەپ يۇقارقىدەك مەخسۇس دېتاللارنى ئىشلىتىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدۇق، بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى خۇلاسسى چىقىپتۇ.

来源: it之家
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部