+تېما يوللاش
ablkm77 يوللانغان ۋاقتى:2020-6-2 20:11 1038 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يانفوننىڭ سەپلىمىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.
يىجا تىلفۇننى  سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئالما 11 بار  ئىدى، يىڭدىن ئالما  ئىشىلتىشىم ئىدى، ئەمما ئالمىنى 10 كۈنمۇ چىداپ ئىشلەتكىم كەلمىدى، ماڭا ئالمىنىڭ قىممەتلىكدىن باشقا بىرەر ئارتۇقچىلقى باردەك ھىس قىلمىدىم شۇڭا ئۇنى ئېلىشىغا سېتۋەتتىم.
بىر دوستۇم بۇلتۇر يىجىيا 7پرودىن بىرنى ئالغان، يىلدا نەچچە تېلفۇن ئالماشتۇردىغان كېسلى بار دوستۇم  شۇ يىجىيا 7پرونى ئېلىپلا شۇنىڭدا توختاپ قالدى. باشقا ھەرقانداق تىلفۇننى يىجىياغا تەڭ قىلمايدۇ، مەنمۇ ئالىپ تورىدا يىجىيا توغرىسدا ياخشى باھانى كۆپ ئاڭلىدىم،  بىر سېتىۋىلىش ئىستىكىم بار ئىدى .
شۇنداق قىلىپ 4000 يۈەنگە  سېتۋالدىم. ئەسلى يىجىيا 8 پرو سېتۋالاي دىگەن، لىكىن  ئۇنىڭغا پۇلۇم يەتمىدى.

cd9a1cb049ffee0ded3f0a549c58560d_840_840.png

تېلفۇننى  سېتىۋالغان  كۈندىن باشلاپ  ھەرخىل  ئىشىلتىش ئۇسۇللىردا  ئىشىلتىپ،  زادى ئىشلەتكەنلەر ئىغىزدىن چۈشۈرمەي ماختىغدەك قانداق ئالاھىدىلىكى بار دەپ بۇلشىغا ئىشىلتىپ باقتىم. مەسىلەن ئۇيۇن ئويناپ باقتىم، ئۇيۇننىڭ راۋانلىقدا گەپ  يوق. hdr高清 ھالەتتە  ئوينىغلى بۇلدىكەن، مەن بۇ تىلفۇندا ئۇيۇن ئوينىسام قىززىپ كىتەمدىكى دەپ ئەنسىرىگەن، لىكىن  بەك دىگدەك قىززىپ كەتمىدى بىردەم ئوينىسام ئازراق ئىسسدى، لىكىن قىززىغان قاتارغا كىرمەيدۇ. 
ئالدىدا نوۋا7 ئىشلەتكەن بەك قىززىغانتى، لىكىن يىجىيا تىلفۇن بەك قىززىپ كەتمىدى،  4300لىك  باتارىيەسى  نورمال ئىشىلتىشكە  2 كۈن يىتىدىكەن  دەپ ئويلۇدۇم.  ئەمما  ئۇيۇن  ئويناپ  ئانچى ـ مۇنچە ئىشلەتسە بىر كۈن تۇلۇق يىتىدىكەن.  توك قاچلىشى بىر سائەت ئەتراپىدا لىقلاپ بۇلدىكەن . تىلفۇننىڭ قولدا تۇتقاندىكى سىزىمى بەك ياخشى  شۇنداق راھەت تۇيغۇ بېردىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلفۇن بەك يەڭگىل ھەم نىپىز  شۇڭا ياز پەسلىگە  بەك ماس كىلدىكەن.
ئۇيۇن ئوينىغاندا ئىككى تەرەپتىكى ياڭراتقۇدىن ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلغىلى  بۇلدىكەن. ئېكراننىڭ سۈزۈكلىكى  2k ئېنىقلىقىغا يېقىنكەن، ئېكران بەك سۈزۈك ،مەن ئادەتتە تىلفۇن سېتۋالسام ئېكراننىڭ پىكسىلغا بەك دىققەت قىلمەن، چۈنكى تىلفۇنغا كۈندە نەچچە يۈز قېتىم قارايدىكەنمىز،  شۇڭا ئېكران سۈزۈك بولمىسا بىر خىل زېرىكىش تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قالدىكەن.  ئەمما بۇ تىلفۇننىڭ ئېكرانى ماڭا  يارىدى  ، سېستىمسى ئەسلى ئاندىرويىد سىستىمغا يىقىن بولغاچقا  تىلفۇننىڭ تېزلىكىگە  گەپ كەتمەيدۇ ، ئاپراتى خۇاۋېي ماتى 30 ياكى p40 تىلفۇنلىرغا يەتمىسمۇ  خۇاۋېي p30 پرودىن  سۈزۈكرەك تارتىدىكەن سىلىشتۇرۇپ باقتىم، ئەمما p30 پرودىكى  رەسىم ئازراقلا چوڭ چىقىدىكەن لىكىن سۈزۈكلىكتە يىجىيا ياخشىكەن .
يەنە بىر تەكىتلەشكە تىگشلىكى شۇكى يېقىن ئارىلىقتىن رەسىم تارتىش ئۈنۈمى ئادەمنى راسلا ھەيران قالدۇردىكەن. بىرتال ھەسەل ھەرىسنى  رەسىمگە تارتىپ باقتىم، ھەرىنىڭ ئۈستىدىكى ھەر بىر تال تۈكلىرگىچە ئېىق ئايرىغلى بۇلدىكەن.

IMG_20200602_135135.jpg

ئېكراننىڭ ئەگمە ھالتىمۇ ناھايتى مۇۋاپىق بەك ئەگمە بوپ كەتسىمۇ ئاسانلا چىقلىپ كىتەمدىكى دەپ خاتىرجەم بولغىلى بولمايدىكەن، ئەمما يىجىيانىڭ ئەگمىسى  بەك مۇۋاپىق بوپتۇ  ، باشقا ماركىدىكى تىلفۇنلاردا يوق بەزى ئىقتىدارلارنى ئانچى ساناپ بۇلاممىدىم. يادىمدا قالغىنى كۇنۇپكا تاختىسنى خەت يېزۋاتقان ھەر قانداق ۋاقىتتا  ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بۇلدىكەن بۇ تەرىپى ئالمىغا ئوخشايدىكەن.
ئەمدى بىرقانچە كەمچىلكى ، پىنيىن تۇنۇتقىلى بولمايدۇ، باشقا خەت نۇسخىسى قاچىلىغىلى بولمايدۇ. تەگلىك قاچىلغىلى بولمايدۇ.  لېكىن بۇ مەن ئۈچۈن ئانچە مۇھىم ئەمەس. ئەمما  ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ تىلفۇنغا ھېچ بولمىغاندا سۇدىن، چاڭ تۇزاندىن ساقلىنىش ئىقتىدارنى قوشماپتۇ.
يىجا تىلفۇننىڭ شىنجاڭ تەۋەسىدە مەخسۇس سېتىش ئورنى يوق.  مەسىلە چىقىپ قالسا زاۋۇتى بىلەن ئالاقىلشىپ مەسلىڭىزنى ھەل قىلالىسڭىز، بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بۇلالىسڭىز ئورگان تورىدىن ياكى ئىشەنچىلىك يەردىن سېتىۋېلىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部