+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-2 10:59 1167 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆنۈگۈن vivo شىركىتى  X50 تۈرىدىكى ئۈچ خىل يانفوننى ئېلان قىلدى، ئۇلار  X50、X50 Pro ۋە  +X50 Pro
بۇنىڭ ئىچىدە vivo X50 Pro غا سەپلەنگەن مىكرو بۇلۇت سۇپىسى (微云台) تېخنىكىسى نۆۋەتتە بازاردىكى يانفونلاردا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، ئۇ ئالاھىدە مۇقىملاشتۇرغۇچ ئارقىلىق تىترەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە ئىگە ، vivo مۇ مۇشۇ يېڭىلىقى سەۋەبىدىن مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە ئېلان قىلىندى ۋە ئالقىشقا ئېرىشتى.

微信图片_20200602103916.png

vivo نىڭ مىكرو بۇلۇت سۇپىسى تېخنىكىسى ئەڭ ئاۋۋال APEX2020 ئۇقۇم يانفونىدا بارلىققا كەلگەن، vivo X50 Pro بولسا مىكرو بۇلۇت سۇپىسى تېخنىكىسىنى سودىغا ئىشلىتىدىغان تۇنجى يانفون بولۇپ، ئۇ يانفونىنىڭ كۆپ ئۆلچەملىك تىترەشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ سۈرەتكە تارتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، سىرتقى مۇقىملاشتۇرغۇچ ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، يەنە زاتۋور ۋاقىت ئارىلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتىپ، كەسپىي ئاپپاراتقا ئوخشاش كېچىدە يۇقىرى سۈپەتلىك رەسىم تارتالايدۇ.

0063Fj6Dly1g6zwmdlr8qg30go09d4qs.gif


رەسىم تارتقاندا قولنىڭ تىتىرىشى رەسىم سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. سىن ئالغاندا سىن سۈپىتىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، شۇڭا كەسپىي سىن ئېلىش ئىشلىرىدا مەخسۇس مۇقىملاشتۇرغۇچى جازا ئىشلىتىلىدۇ.

EIS.gif

23.png

1-1.gif

IMG_5149.jpg

بولۇپمۇ كېچىدە رەسىم تارتقاندا زاتۋور ۋاقتى ئۇزۇن بولۇش كېرەك، زاتۋور ئېچىلىپ يېپىلىپ بولغۇچە ئارىلىقتا قول تىتىرەپ كەتسە ئېرىشكەن نەتىجە تىتىرىگەن، ئاقما نۇر بولىدۇ.
شۇڭا تىتىرەشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇھىم.

بۇ مۇشۇ يانفوندا تارتىلغان رەسىم.
微信截图_20200602102925.jpg

微信截图_20200602102944.jpg

微信截图_20200602102958.jpg

X50 Pro غا سىلكىنىشتىن ساقلىنىش مىكرو بۇلۇت سۇپىسى قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن. مىكرو بۇلۇت سۇپىسىغا قوش شارىكلىق ئاسما قۇرۇلما قوللىنىلغان بولۇپ، X ئوق، Y ئوقنىڭ قوش ئوقلۇق ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، گىروسكوپتىن پايدىلىنىپ يانفوننىڭ تەۋرىنىش يۆنىلىشى ۋە يۆتكىلىشىنى ئۆلچەپ، فوتو ئاپپارات قېلىپىنىڭ تەتۈر يۆنىلىشلىك ھەرىكەت قىلىپ تولۇقلىشىنى كونترول قىلىپ، كۆرۈنۈشنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا تىترەشنىڭ  °3± تىن ئېشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


vivo X50 يۈرۈشلۈك يانفونلىرىدا يەنە كونا رەسىمنى ئوڭشاش ئىقتىدارى بار ئىكەن.

20200601_202349_424.jpg

ئەسلى رەسىم
20200601_202615_408.jpg

ئوڭشىغاندىن كېيىنكىسى
20200601_202732_735.jpg

X50 Pro غا پۈتۈن فوكۇسلۇق ئەقلىي سۈرەت تارتىش سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، مىكرو بۇلۇت سۇپىسىدىكى ئۇلترا يورۇقلۇق سەزگۈچى ئاساسىي سۈرەتكە ئېلىش MX598، 120° ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بۇلۇڭلۇق كامېرا لىنزىسى، 50mm تەڭ ئۈنۈملۈك فوكۇسلۇق سۈرەت لىنزىسى ۋە بەش ھەسسىلىك ئوپتىكىلىق ئۆزگىرىشچان فوكۇسلۇق كامېرا لىنزىسى سەپلەنگەن.

5ed510376227680ef100025f_1024.jpg

سەپلىمىسى:
+X50 Pro قا كۇۋالكوم 865+X55 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. SA&NSA قوش مودۇللۇق 5G قوللايدۇ. LPDDR5 تىپلىق ئىچكى ساقلىغۇچ بار. ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 120Hz
سامسۇڭ GN1 سېنزورى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەجىمى 1/1.3

5ed510376227680ef100025b_1024.jpg

20200601_204852_262.jpg

X50 ۋە  X50 Pro  غا كۇۋالكوم 765G مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، LPDDR4X ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. قوش مودۇللۇق 5G قوللايدۇ. ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 90Hz
ئېكرانىڭ 6.56 دىيۇم. ئالدى كامېراسى 32 مىليون پىكسېل، كەينى كامېراسى 48 مىليون پىكسېللىق ئاساسى كامېرالىق تۆت كامېرا گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن.
باتارىيەسى 4315mAh، تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

+X50 Pro نىڭ باھاسى:
8GB+128GB سىغىملىقى 4998 يۈەن
8GB+256GB سىغىملىقى 5498 يۈەن
12GB+256GB سىغىملىقى 5998 يۈەن
7-ئايدا بازارغا سېلىندىكەن.
20200601_205111_168.jpg

vivo X50 Pro نىڭ باھاسى:
8GB+128GB سىغىملىقى 4298 يۈەن
8GB+256GB سىغىملىقى 4698 يۈەن
6-ئاينىڭ 12-كۈنى سېتىش باشلىنىدۇ.
x50-pro.jpg

vivo X50 نىڭ باھاسى:
8GB+128GB سىغىملىقى 3498 يۈەن
8GB+256GB سىغىملىقى 3898 يۈەن
6-ئاينىڭ 6-كۈنى سېتىش باشلىنىدۇ.
x50.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部