+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-2 10:59 774 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
«پەن تېخنىكا گېزىتى» خەۋىرى:
تاشقى پىلانېت مەدەنىيەتىنى ئىزدەش «جۇڭگو ئاسمان كۆزى» [中国天眼] نى قۇرۇشتىكى بەش ئاساسلىق ئىلىم-پەن نىشانىنىڭ بىرى. يېقىندا، خەلقئارا ئالەم قاتنىشى يىغىنى (IAC) نىڭ تاشقى پىلانېت مەدەنىيەتنى ئىزدەش پىلانى دائىمىي كومىتېتى (IAA SETI) نىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تاشقى پىلانېت مەدەنىيەتنى ئىزدەش تەتقىقاتى (SETI) نىڭ ئالىمى، بېيجىڭ سىفەن داشۆ ئاستىرونومىيە سىستېمىسى ئالەمشۇناسلىق ۋە تاشقى پىلانېت مەدەنىيەت تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ تۇڭجيېنىڭ تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىشىچە، ئۈسكۈنىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىن، «جۇڭگو ئاسمان كۆزى» 9-ئايدا تاشقى پىلانېت مەدەنىيەتىنى ئىزدەشنى رەسمىي باشلايدىكەن.

20200428_152445_943.jpg

بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، « جۇڭگو ئاسمان كۆزى» دەپ ئاتالغان دىيامېتىرى 500 مېتىر كېلىدىغان شارسىمان رادىيو تېلېسكوپى (FAST) تاشقى پىلانېت مەدەنىيەتى ئىزدەشنى قوزغىتىپ، ئالەمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن كەلگەن ئەقىل-پاراسەتلىك ھاياتلىقنىڭ سىگنالىنى ئىزدەيدىكەن. رادىيو ئىمپۇلس سىگنالىنى ئىزدەش ۋە ئۆلچەش FAST نىڭ يادرولۇق ئىلمىي نىشانى. تاشقى پىلانېت مەدەنىيەتنى ئىزدەش FAST تېلېسكوپىنىڭ ئىلمىي نىشانلىرىنىڭ بىرى.

32435666.jpg

دىيامېتىرى 500 مېتىرلىق شارسىمان رادىيو تېلېسكوپى (Five-hundred-meter Aperture Sphericall Telescope) قىسقارتىلىپ FAST دېيىلىدۇ ‹中国天眼 جۇڭگو ئاسمان كۆزى› دەپ ئاتىلىدۇ، ئېلىمىز ئاسترونومى نەن رېندۇڭ 1994-يىلى بۇ تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، 22 يىلدا پۈتۈپ، 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۆلەت رەسەتخانىسى يېتەكچىلىك قىلىپ قۇرغان، ئېلىمىزنىڭ مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يەككە كالبېرلىق، ئەڭ سەزگۈر رادىيو تېلېسكوپى. ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى داڭلىق رادىئو تېلېسكوپى Arecibo نىڭ ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتۈپ، رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. گۇيجۇ ئۆلكىسىگە جايلاشقان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部