+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-6-1 10:38 975 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تېخنىكا تېز خەۋەرلىرى

Android 11 نى تارقىتىش كېچىكتۈرۈلدى
تۈنۈگۈن گوگۇل ھەرقايسى ئىشتاتلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق ۋە مالىمانچىلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، شىركەت ئەسلىدە كېلەر ھەپتە ئېلان قىلماقچى بولغان ئەڭ يېڭى Android 11 كۆچمە مەشغۇلات سىستېمىسى سىناق نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش پىلانىنى كېچىكتۈرىدۇ.

868.png

ئۇنىڭدىن باشقا، ئورگان تەرەپ يەنە «Android 11 سىستېمىسىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئالاھىدىلىك» نى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن كونكرېت ۋاقتىنى تېخى ئۇقتۇرمىغان.

ئالما ID دەلىللەش يوچۇقىنى بايقىغۇچىغا 100 مىڭ دوللار مۇكاپات بەردى

20200531224746_5874.jpg

ئالما شىركىتى يېقىندا ھىندىستاندىكى بىخەتەرلىك يوچۇقى تەتقىقاتچىسى Bhavuk Jain نىڭ Apple ID نى ئىشلىتىپ تىزىملىتىش كىرىشتە ئېغىر يوچۇقنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن 100 مىڭ دوللار مۇكاپات بەردى. بۇ يوچۇقنى Bhavuk ئالدىنقى ئايدا ئالما بىخەتەرلىك ئەترىتىگە دوكلات قىلغان، نۆۋەتتە ئالما بۇ يوچۇقنى ئوڭشىدى.

SpaceX نىڭ «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى بوشلۇق پونكىتى بىلەن ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ ئالەم كېمىسى ۋە قارچىغا راكېتاسىغا Linux سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن.
بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سائەت 22 دىن 16 مىنۇت ئۆتكەندە،  SpaceX شىركىتى DM-2 ئادەملىك «ئەجدىھا» ناملىق ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلىپ 19 سائەتتىن كېيىن، خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىپ، ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلدى!

demo2.png

8609-iumkapv7568206.png

SpaceX شىركىتىنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قارچىغا Falcon 9 راكېتا ۋە ئەجدىھا Crew Dragon ئالەم كېمىسىنىڭ سىستېمىسى Linux ئاساسىدىكى LabVIEW  ئىكەن. ئۇچۇش يۇمشاق دېتالىنى ++C/C ئارقىلىق يازغان.

20200601085116_6034.jpg

Crew Dragon ئالەم كېمىسى ئۇچۇش كۆرۈنمە يۈزىدە Chromium ۋە JavaScript نى ئىشلەتكەن، ئەمەلىي ئۇچۇش كومپيۇتېرى ++C ئاساسىدا يۈرگۈزۈلمەكتە.

مىكروسوفت AI نى خەۋەر تور بېكىتىنىڭ تەھرىرلەش ئەتىرىتىنىڭ ئورنىغا قويماقچى

689.png
ئىگىلىنىشچە، مىكروسوفت ئۆزىنىڭ باش بېتىدىكى خەۋەرنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تاللاش، تەھرىرلەش ۋە پىلانلاشنى توختىتىپ، بۇ تەھرىرلەش ئىشلىرىنى سۈنئىي ئەقىلىي ئىقتىدارلىق (AI) يۇمشاق دېتال ئارقىلىق قىلماقچى. بۇ سەۋەبتىن PA Media نىڭ تەخمىنەن 27 نەپەر مۇھەررىرىگە بىر ئاي ئىچىدە ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئۇلار ئىلگىرى MSN تور بېكىتى ۋە مىكروسوفت Edge تور كۆرگۈچتە ئۆزىنىڭ باش بېتىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان.

دۆلىتىمىز يانفونلىرى ھىندىستاندا ئۈستۈنلىكنى ئىگىلىدى
ھىندىستان نوپۇسى كۆپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ يانفون بازىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى زور. بۇنىڭدىن ئىلگىرى Counterpooint Research نىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىنىڭ 2019-يىللىق مال چىقىرىش مىقدارى 158 مىليون دانىگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئېشىپ، تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدىن ئېشىپ دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفون بازىرىغا ئايلانغان.
ھىندىستاندىن ئىبارەت بۇ بازار ئالدىدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن نۇرغۇن ماركىلار بەس-بەستە ھىندىستان بازىرىغا يۆتكەلدى. سامسۇڭنىڭ ئېلىمىزدىكى سېتىلىش مىقدارى ئىلگىركىگە يەتمەيلا قالماستىن، ھىندىستاندىمۇ ئوخشاشلا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلار تەرىپىدىن «قورشالدى»

5ed3b1b28e9f0978fa57aab0_1024.jpg

5-ئاينىڭ 31-كۈنى،  CMR ئېلان قىلغان 2020-يىلى Q1 بىرىنجى پەسىللىك ھىندىستان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ماركىسىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىدە تۆتى دۆلىتىمىزنىڭ يانفون ماركىسى بولغان. شياۋمى، vivo، realme، OPPO قاتارلىقلار تىزىملىككە كىرگەن، سامسۇڭ ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部