+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-31 10:27 1053 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى سەھەر سائەت 3 تىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە ) تېسلانىڭ CEO سى ئېلون ماسك (Elon Musk) قارمىقىدىكى ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى SpaceX تۇنجى قېتىم ئادەملىك «ئەجدىھا ئالەم كېمىسى» نى قويۇپ بېرىپ، ئىككى ئامېرىكىلىق ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزۈپ، سودا ئالەم قاتنىشىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.



May-31-2020-03-27-12.gif

بىر دانە SpaceX «قارچىغا 9» ناملىق راكېتا NASA نىڭ كېننىدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىنىڭ 39A قويۇپ بېرىش سۇپىسىدا بوشلۇققا قويۇپ بېرىلىپ، SpaceX نىڭ «ئەجدىھا ئالەم كېمىسى» ئالەم بوشلۇقى بۆلۈمچىسىنى ئوربىتىغا كىرگۈزدى. راكېتا قويۇپ بېرىلىپ، 2.5 مىنۇتتىن كېيىن بىرىنجى ئۈگىسى ئاساسىي گەۋدىسىدىن ئايرىلىپ يەر شارىغا قايتىپ كېلىپ ،ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئادەمسىز كېمىگە قونىدى.

92c3-iufmpmp5132308.png

بۇ ئامېرىكىنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشىنىڭ يېڭى دەۋرىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا تۇپرىقىدا تۇنجى قېتىم ئادەملىك راكېتا قويۇپ بېرىش، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئادەملىك راكېتانى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئادەملىك ئۇچۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئەينى يىلى ئارمستروڭنىڭ ئاي شارىدا تۇنجى قەدەمنى باسقىنى بىلەن ئوخشاش. NASA نىڭ ئىدارە باشلىقى Jim Bridenstiine ئېيتقاندەك: بۇ ئىنسانىيەت ئالەم قاتنىشىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.
«مۇشۇ دەقىقىدىن باشلاپ، بىز ئالەم بوشلۇقىغا سەپەر قىلدۇق، ئاي شارىغا قايتىپ كەلدۇق، مارسقا كۆچىمىز، بىپايان ئاسمان بوشلۇقىدىكى يۇلتۇزلار بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزدا يەنە بىر مۇھىم قەدەم تاشلىدۇق»

112479200_space_x_dragon_mission_profile_inf640-2x_chinese-nc.png

بۇ قېتىمقى تارىخىي خاراكتېرلىك راكېتا قويۇپ بېرىش SpaceX ئۈچۈن بىر قېتىملىق سىناق بولۇپ، بۇ SpaceX نىڭ NASA سودا ئالەم قاتنىشى پىلانىدىكى بىر مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ۋەقە ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەجرىبە خاراكتېرلىك پىلاندا، خۇسۇسىي شىركەت NASA ئۈچۈن يېڭى ئالەم ئۇچقۇسى ياساپ، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئېلىپ بارىدۇ. SpaceX شىركىتىنىڭ بۇ پىلانغا تۆھپە قوشقىنى ئەجدىھا ناملىق ئالەم كېمىسى (Crew Dragon) . گەرچە ئەجدىھا ناملىق ئالەم كېمىسى ئىلگىرى نەچچە قېتىم ئۇچۇش سىنىقى قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئادەم ئېلىپ ئۇچۇپ باقمىغان.
SpaceX شىركىتى ئالتە يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن بۇ قەدەمنى باستى. بۇلتۇر، بۇ شىركەت بىر قېتىم تولۇق سىناق ئۇچۇش ئېلىپ بېرىپ، ئادەمسىز ئەجدىھا ناملىق ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. بۇ شىركەت يەنە ئالەم بوشلۇقى بۆلۈمچىسىنىڭ جىددىي قۇتۇلۇش سىستېمىسىنى سىناق قىلىپ، ئەجدىھا ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىش جەريانىدا مەسىلە كۆرۈلسىمۇ، ئادەمنى بىخەتەر جايغا ئاپىرالايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. SpaceX بەزى ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىغان بولۇپ، راكېتا كاشىلىسى ۋە بۇلتۇر يەر يۈزى سىنىقى مەزگىلىدە ئەجدىھا ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم بوشلۇقى بۆلۈمچىسىنىڭ پارتلىشى قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈردى. SpaceX شىركىتى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولدى ھەمدە بۇ مەغلۇبىيەتلەرنىڭ بۇ شىركەتنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ئالەم كېمىسى ياساپ چىقىشىغا ياردەم بېرىدىغان« سوۋغات» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھازىر ئەجدىھا ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ «ئادەم ئېلىپ» ماڭىدىغان ۋاقىتى بولۇپ قالدى. ئەجدىھا ناملىق ئالەم كېمىسىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىككى يولۇچى NASA نىڭ نوپۇزلۇق ئالەم ئۇچقۇچىسى Bob Behnken ۋە Doug Hurley بولۇپ، 2018-يىلى ئۇلار بۇ قېتىمقى ۋەزىپىگە تەقسىم قىلىنغان. NASA ۋە SpaceX شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئىككى يىللىق مەشىقىدىن كېيىن، ئۇلار SpaceX شىركىتىنىڭ زاكازلىق ئالەم كىيىمىنى كىيىپ ئالەم كېمىسىگە كىرىشكە تەييارلىنىپ بولغان.

5e2a233162fa8144737288a2.jpeg

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كېيىنكى 19 سائەتتە يەر شارى ئوربىتىسىنى ئايلىنىپ ئۇچىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئەجدىھا ئالەم كېمىسى قەرەللىك ھالدا ماتورنى قوزغىتىش ئارقىلىق، خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىشىۋېلىشقا قولايلىق يارىتىدۇ.

Behnken بىلەن Hurley يەر شارىغا قايتىپ كېلىپ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېنىغا قايتقاندىن كېيىن، بۇ خىل ئالەم بوشلۇقى ساياھىتىنى نورمال ھالەتكە ئايلاندۇرۇشنى ئويلىشىشقا باشلايدۇ. مانا بۇ سودا ئالەم قاتنىشى ئادەملىك پىلانىنىڭ ئەھمىيىتى. SpaceX ۋە NASA بۇ قېتىمقى سىناق ئۇچۇش مەزگىلىدە توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىدۇ ھەمدە بۇ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئەجدىھا ئالەم كېمىسىنىڭ خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا قەرەللىك بېرىپ-كېلەلەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.

OKWk9kuTURBXy8zMDI2MDhkOC0wZDAwLTQxNGItYmExYi05ODkxNzllMDdhMDIuanBlZ5GTBc0DFM0Bv.jpeg

SpaceX شىركىتى كېيىنكى قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئايلىنىدىغان ئەجدىھا ناملىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى بىر نەچچە ئايدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ چاغدا تۆت ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېلىپ يۈرىدۇ. NASA نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى Victor Glover, Mike Hopkins, Shannon Walker ۋە ياپونىيە ئالەم ئۇچقۇچىسى Soichi Noguchi نىڭ ئۇچۇشى مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىل باش كۈزدە باشلىنىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ئۇچۇشنىڭ يەنە بىر ئەھمىيىتى شۇكى ئالەمگە ئۇچۇش خىراجىتىنى زور دەرىجىدە تىجىدى. ئەينى چاغدا ئامېرىكىنىڭ ئالەم ئايروپىلانى پىلانىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى تەننەرخى بەك يۇقىرى بولغانلىقتىن ئىدى.
بۇ قېتىم SpaceX ئادەملىك ئالەم بوشلۇقىغا چىقىش ساھەسىدە NASA نى روسىيەنىڭ مونۇپۇللىقىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى تىجەپ بەردى.
بۇ بىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش. سودا شىركىتىنىڭ ئىنسانلارنى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا ئېلىپ چىقىشنىڭ باشلىنىشى، شۇنداقلا مارسقا چىقىش ئۈچۈن بېسىلغان ئىنتايىن مۇھىم قەدەم.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

Omar14 ۋاقتى: 2020-6-2 11:59:17
بۇ قىتىمقى قويۇپ بېرىشنى ھاياجان ئىلىكىدە تولۇق نەقمايدان كۆردۈم ، دۆلىتىمىزنىڭمۇ شەخشى كارخانلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ  ئالام بوشلۇقى تەتقىقاتىغا ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىلەكداشمەن .
ناسانىڭ  ماۋۇ بىتىدە پات پات خەلقئارا بوشلۇقتىكى ئالىملار بىلەن  سىنلىق پاراڭلاشقان نەق مەيدان تارقىتىدۇ ، قىزىققۇچىلار پايدىلىنىپ قىلىڭلا
https://www.nasa.gov/multimedia/nasatv/index.html#public
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部