+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-30 09:59 1412 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-30 09:59  

28-ماي ئۈندىدار ئاندرويد 7.0.15 نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ نەشىرىدە ئۈندىدارنى قاراڭغۇ ھالەتكە تەڭشەش سىستېمىغا بېقىنماي، ئۈندىدارنىڭ ئۆزىدە تەڭشىگىلى بولىدىغان قىلىندى.
بۇ نەشىردە يەنە ئۈندىداردا تاپشۇرۋالغان ئۇچۇر ئۇقتۇرشى، شۇ كۆزنەكتە ئاچقان تور بەت، ئەپچە قاتارلىقلار ئاپتوماتىك لەيلىمە كۆزنەككە چىقىدىغان قىلىندى.

20200528_222711_232.png

ئۇنىڭدىن باشقا بۇ نەشىرىدە بەزى تورداشلار ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتىش كۆزنىكىدىكى ئەسىلدىكى «微信号是账号的唯一凭证,只能设置一次» (ئۈندىدار نومۇرى ھېسابات نومۇرىنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى، پەقەت بىر قېتىملا تەڭشىگىلى بولىدۇ) دېگەن ئەسكەرتمىنىڭ «微信号是账号的唯一凭证,一年只能修改一次» (ئۈندىدار نومۇرى ھېسابات نومۇرىنىڭ بىردىنبىر ئىسپاتى، بىر يىلدا پەقەت بىر قېتىملا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ) دەپ ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىغان.

微信截图_20200530012606.jpg

ئەلۋەتتە نۆۋەتتە ئۈندىدار نومۇرى ئورنىتىپ بولغان ئابونتلار يەنىلا بۇ بەتكە كىرەلمەيدۇ، ئۈندىدار نومۇرى ئورنىتىپ باقمىغان ئابونتلار كىرسە بولىدۇ.
ئۈندىدار تەرەپ ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتىشكە مۇنداق شەرتلەرنى قويغان:
بىر يىل ئىچىدە ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتمىگەن بولۇشى كېرەك.
ئۈندىدار ھېساباتى يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە توڭلاپ قالمىغان، پارول ئۆزگەرتمىگەن بولۇشى كېرەك.
بىر ئۈسكۈنىدە ئۈندىدارنى ئاچقان ۋاقىت بىر ھەپتىگە توشقان بولۇشى كېرەك.

دېمەك، ئۈندىدار ئىگە تەرەپ ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتىكىلى بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، كېيىنكى نەشىرلىرىدە ئۆزگەرتكىلى بولۇشى مۇمكىن.
ئىلگىرى بىر مەزگىل ئۈندىدار نومۇرىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان قىلغان، كېيىن ئۇ ئىقتىدارنى تاقىۋەتكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا يېقىندا «بۇ كىشىلەر ئۈندىداردا پۇل يۆتكىسە بولمايدۇ» دېگەندەك گەپلەر دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىلىشقا باشلىدى. نۇرغۇن تورداشلار ئەمدى ئۈندىداردا پۇل تۆلەشكە بولمامدۇ؟ ئىككىلىك كود ئارقىلىق چىقىم قىلىش ئەمەلدىن قالامدۇ؟ دەپ ئىنكاس قالدۇردى.
بۇ يازمىدا «پەقەت يان تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق ئۈندىدارغا قوشقان كىشىلەرگىلا پۇل يۆتكىگىلى بولىدۇ، ئەمما ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق قوشقانلارغا ئۈندىدارغا پۇل يۆتكىگىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق قوشقانلارنى يۇيۇۋېتىپ، قايتا قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ» دېيىلگەن.
ئۈندىدار ئىگە تەرەپ بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مەزمۇندىكى «بۇ كىشىلەر ئۈندىداردا پۇل يۆتكىسە بولمايدۇ» دېيىش خاتا چۈشەنچە. ھېسابات ئايرىش ئۈندىداردا چىقىم قىلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ مەبلەغ ئوبوروت قىلىشىدىكى بىر ھالقا بولۇپ، ئادەتتىكى ئابۇنىچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پۇل يۆتكەشكە ئوخشىمايدۇ، ئۈندىداردا شەخسلەرنىڭ پۇل يۆتكەش قائىدىسىدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ!
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن «بۇ كىشىلەر ئۈندىداردا پۇل يۆتكىسە بولمايدۇ» دېگەن پىتنە-ئىغۋا تارقالدى؟
5-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۈندىداردا ھېسابات ئايرىش ئىقتىدارىنى تەڭشەش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ئۈندىداردا پۇل تۆلەش 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق قوشۇلغان شەخسىي ئايرىپ ھېسابات قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ قىلىنمايدۇ، پەقەت openid ئۇسۇلى ئارقىلىق قوشۇش شەكلى ساقلىنىپ قىلىنىدۇ. 9-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق شەخسلەردىن ھېسابات ئايرىشنى قوللىمايدۇ. ئىلگىرى ئۈندىدار نومۇرى ئارقىلىق قوشۇلغان شەخسىي ھېسابات قوبۇل قىلغۇچى تەرەپنى تېزدىن ئۆچۈرۈش ھەمدە openid ئۇسۇلى ئارقىلىق قايتىدىن قوشۇش كېرەك.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى ئوبيېكت ئۈندىداردا چىقىم قىلىدىغان سودىگەر ۋە ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ بولۇپ، ئادەتتىكى شەخسىي ئابۇنىتلارغا قارىتىلمىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۈندىداردا ھېسابات ئايرىش سىستېمىسىدا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ ئادەتتىكى پۇل يۆتكەش ئەمەس. نۇرغۇن كىشىلەر ھېساب ئايرىش بىلەن پۇل يۆتكەشنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ، خاتا چۈشەنچە پەيدا بولغان.

来源: it之家
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部