+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-29 11:16 1187 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-29 11:16  

بۈگۈن سائەت 0 دىن باشلاپ تىيەنماۋ 2020-يىللىق 618 ئالاھىدە قىزىل بولاق پائالىيىتىنى باشلىدى. ئەڭ كۆپ بولغاندا 618 يۈەن قىزىل بولاق چىقىدۇ. بىر ئادەم بىر كۈندە ئۈچ قېتىم قىزىل بولاق ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە.
يەنە مۇشتەرى بولۇش، ئىمزا قويۇش، باشقىلارغا ھەمبەھرلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ قىزىل بولاق ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن.

20200528170937_9383.jpg

قىزىل بولاق ئېلىش ۋاقتى 29-ماي سائەت 00:00:00 دىن 20-ئىيۇن سائەت 23:59:50 كىچە.
قىزىل بولاقنى ئىشلىتىش ۋاقتى:
1-ئىيۇندىن 12-ئىيۇنغىچە (29-مايدىن 12-ئىيۇنغىچە ئېرىشكەن قىزىل بولاقنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ)
16-ئىيۇندىن 20-ئىيۇنغىچە (13-ئىيۇندىن 20-ئىيۇنغىچە ئېرىشكەن قىزىل بولاقنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ)

قىزىل بولاققا ئېرىشىش ئۇسۇلى:
كومپىيۇتېردا: بىۋاستە ماۋۇ ئادرېسنى چېكىپ، تور بەت ئېچىلغاندىن كېيىن تاۋباۋ ھېساباتىڭلارنى كىرگۈزسەڭلار بولىدۇ.
يانفوندا: يانفونغا ئاۋۋال 手机淘宝 ئەپ قاچىلانغان بولۇشى كېرەك. بۇ ئەپنى ئېچىپ ھېساباتىڭىزدا كىرىپ تەييار بولىسىز.
ئاندىن ئالپ سالونىغا 618 دېگەن ساننى كىرگۈزۈپ يوللىساڭلار بىر ئادرېس ئېچىلىدۇ. شۇ ئادرېسنى كۆچۈرۋېلىپ، يانفوننىڭ تور كۆرگۈچىسىدە (浏览器) ئاچىسىلەر. يانفوننىڭ تور كۆرگۈچىسىنىڭ ئادرېس ئىستونىغا كۆچۈرۋالغان ئادرېسنى چاپلىساڭلار بولىدۇ.
ماۋۇ رەسىمدىكىدەك 手机淘宝 دا ئاچىمەنمۇ دەپ سورايدۇ، 打开 نى بېسىپ ئاچسىڭىز بولىدۇ.

微信图片_20200529104306.jpg

بىر كۈندە ئۈچ قېتىم قىزىل بولاق ئالغىلى بولىدۇ. تەلىيى بارلارغا يۇقىرى بولغاندا 618 يۈەن قىزىل بولاق چىقىدىكەن.

微信图片_20200529104320.jpg

قىزىل بولاق دېگىنى مال سېتىۋېلىش بېلىتى 购物券 ئىكەن. يۇقاردا دېيىلگەن ۋاقىت ئېچىدە مال سېتىۋالسا مۇشۇ بېلەتنى ئىشلىتىپ سېتىۋالسا بولىدىكەن.

618 يەنى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى جىڭدوڭ تورىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى بولۇپ، 1998-يىلىدىن جىڭدوڭ تورى قۇرۇلغان كۈنىنى تەبىرىكلەپ پائالىيەت قىلغان. 2013-يىلدىن باشلاپ باشقا ھەر قايسى چوڭ تور سودا سۇپىلىرىمۇ 618 مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل ئېتىبار بېرىش، قىزىل بولاق تارقىتىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، بۇ كۈننى تور سودا بايرىمى قىلىۋەتكەن.
تىيەنماۋدىن باشقا جىڭدوڭ قاتارلىق تور سودا سۇپىلىرىمۇ بۇ يىلقى 618 دە ھەر خىل ئېتىبار پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部