+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-29 11:16 826 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
« كۆزۈمنى ئېچىپ، ھېچنېمىنى كۆرەلمىدىم، كۆز ئالدىمدىكى قاراڭغۇلۇقتىن خۇددى قاباھەتلىك چۈشتىن قورققاندەك چۆچۈپ كەتتىم، تولىمۇ ئازابلاندىم، بۇ خىل تۇيغۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇيالمايمەن»
خېلېن كېللېر يازغان بۇ سۆز قانچىلىغان كېيىن ئەما بولۇپ قالغانلارنىڭ ئۇزۇنغىچە ئېسىدىن چىقمايدىغان قارا چۈشى ئىدى.
«ئەگەر ماڭا ئۈچ كۈن يورۇقلۇق بېرىلسە، مەن قانچىلىك نەرسىنى كۆرەلەيمەن!» بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ياشاۋاتقان سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى. بۇ ئارزۇ ئاخىرى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى.
(خېلېن كېللېر Helen Keller داڭلىق ئايال يازغۇچى، مائارىپچى، ساخاۋەتچى، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى.  ئۇ تۇغۇلۇپ 19 ئايلىق بولغاندا ئاشقازىنىغا قان تولۇش، مېڭىسىگە قان تولۇش سەۋبىدىن  كۆرۈش قۇۋۋىتى ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن ئايرىلغان. 1899-يىلى 6-ئايدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رادكلىف قىزلار ئىنستىتۇتىغا ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن. 1968-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى 88 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇ 87 يىل نۇرسىز، ئاۋازسىز دۇنيادا باتۇرلۇق بىلەن ياشىغان. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 14 پارچە ئەسەرنى تاماملىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقلىرىدىن «ئەگەر ماڭا ئۈچ كۈن يورۇقلۇق بېرىلسە» ، « تاش تام ھەققىدە ھېكايە» قاتارلىقلار بار. ئۇ مېيىپلەرگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، نۇرغۇن خەير-ساخاۋەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرغان.

6d7ac4da78233f4de38f1350e46f900c8d84d8c4-4e0116f4f0946067929743d8059f86e0543e5170.jpg

يېقىندا، شياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى فەن جىيۇڭ پروفېسسورنىڭ كوللېكتىپى «تەبىئەت Nature» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان 3D سۈنئىي كۆز قارىچۇقى ئەمالارغا يېڭى خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلدى. بۇ ئەترەت پۈتۈنلەي ئادەم كۆزىنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەقلىد قىلىنغان ئېلېكترو خىمىيەلىك كۆز (EC-EYE) نى ياسىغان، ئۇنىڭ دىيامېتىرى تەخمىنەن 2cm بولۇپ، ئادەم كۆزىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئوخشاش. بۇ دۇنيادىكى تۇنجى 3D سۈنئىي كۆز ئالمىسى.

5ec601c68e9f0942a7163010_1024.jpg

قۇرۇلما جەھەتتە ئادەمنىڭ كۆزى بىلەن ئوخشاش بولغاندىن سىرت، بۇ يېرىم شار شەكىللىك سۈنئىي كۆز ئالمىسى كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ نامى يىپچىلىرىنىڭ زىچلىقى ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ نۇر رېتسېپتورىنىڭ زىچلىقىدىن خېلىلا يۇقىرى، شۇڭا تېخىمۇ يۇقىرى سۈرەت پەرقلەندۈرۈش نىسبىتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
تەجرىبە نەتىجىسى EC-EYE نىڭ ئادەمنىڭ كۆزىگە قارىغاندا كۈچلۈك سەزگۈرلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. لايىھەنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەندىن كېيىن ، ئۇ ھەتتا ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ قارىغۇ نۇقتىلىرىنى يوقىتالايدۇ.

60f55dcc765befc8405444acdb06cbfbe86a9fe7-0a25c8863e19e2a567d90f6b99f27d05fa6dc9d0.jpg

«پىلانېتلار ئارا» ، «ماشىنا ئادەم» دېگەندەك فانتازىيەلىك كىنولاردا بۇنداق سۈنئىي «خاسىيەتلىك كۆز» ھەققىدە تەسەۋۋۇرلار بار ئىدى. بۇ فانتازىيەنىڭ رىئاللىققا ئايلىنىشىغا ئۇزۇن قالمىدى.
«ئەگەر ھەممە ئىشلار پىلان بويىچە ماڭسا ، بۇ تېخنىكا 5 يىل ئىچىدە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن»

01c30b1055c51dea151751cda03e12a96ed8e7be-dab578a45caa5c8b9bfa8f52a835eed609db10a2.jpg

ھەر يىلى دۇنيا بويچە 7 مىليون ئادەم ئەما بولۇپ قالىدۇ .
ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، %80 مۇھىت ئۇچۇرىغا كۆز ئارقىلىق ئېرىشىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۆرۈش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچراش بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تولۇق ھەل قىلىنمىغان قىيىن مەسىلە.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) بۇلتۇر ئېلان قىلغان «دۇنيا كۆرۈش قۇۋۋىتى دوكلاتى» دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيادا ئاز دېگەندىمۇ 2 مىليارد 200 مىليون ئادەم كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچىراش ياكى كۆرمەس بولۇپ قېلىش ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ، ئەمالارنىڭ سانى ھەر يىلى 7 مىليون ئادەم كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 1 مىليارد ئادەم يىراقنى كۆرەلمەسلىك، ، گلاۋكوما، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى زۆرۈر داۋالاش ياكى پەرۋىش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
WHO جەنۋەدە تەسىس قىلغان ئەمالىقتىن ۋە گاستىن مۇداپىيەلىنىش پىلانىنىڭ مۇدىرى Thyleforss ھەر يىلى جۇڭگودا تەخمىنەن 450 مىڭ ئادەمنىڭ كۆرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، بۇ ھەر بىر مىنۇتتا بىر يېڭى ئەمانىڭ پەيدا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ داۋالاش ۋاسىتىلىرى پەيدا بولماقتا، مەسىلەن، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوپېراتسىيەسى قاتارلىقلار. لېكىن، كۆرۈش تور پەردىسى پىگمېنتىنىڭ ئۆزگىرىشى، ياشانغانلاردىكى سېرىق داغنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق مەڭگۈلۈك ئىقتىدارلارنىڭ زەخىملىنىشى بىمارنى تەدرىجىي يورۇقلۇقتىن مەھرۇم قىلماقتا،ئەڭ ياخشى كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرىمۇ بۇلارنى داۋالاشقا ئامالسىز.
ئالىملار بىئونىك كۆزنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى.
​​بىئونىك كۆز ئەمەلىيەتتە كۆرۈش تور پەردىسى ھاسىل قىلىش بولۇپ ، بىر يۈرۈش فوتو ئېلېكتر سىگنالىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ، سىگنال كۆرۈش نېرۋىسىغا يەتكۈزۈلۈپ، مېڭىگە كىرگۈزۈلىدۇ. ئاندىن كېيىن، بۇ سىگناللار رەسىمگە ئايلىنىپ، سۈنئىي كۆز ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «كۆرەلەيدۇ».

EC-EYE دىن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ Second Sight ناملىق بىر داۋالاش مەھسۇلاتى شىركىتى تەقلىدىي كۆز ئۈسكۈنىسى Argus II نى بازارغا سالغان ھەمدە 2013-يىلى FDA نىڭ تەستىقى بىلەن بازارغا سېلىنغان.
سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا، Argus II بولسا مىكرو كامېرا ئورنىتىلغان كۆزەينەك. كامېرا تارتقان كۆرۈنۈش بىر تەرەپ قىلغۇچقا يەتكۈزۈلۈپ ئانالىز قىلىنىپ، چوڭ مېڭە چۈشىنەلەيدىغان سىگنالغا ئايلاندۇرۇلىدۇ، بۇ سىگنال سىمسىز يوللاش ئارقىلىق كۆز ئالمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىگە يەتكۈزۈلۈپ، مېڭىگە ئەۋەتىلىدۇ.
Argus II نى ئىشلىتىش قولايسىز ، ئىشلەتكۈچى پەقەت رەڭسىز ئىزنا ۋە يورۇقلۇقنىلا غۇۋا كۆرەلەيدۇ، خۇددى دۇنياغا بىر قەۋەت قېلىن موزايكا ئۇرغاندەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسى قىممەت، باھاسى 150 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ ئەمالارغا ئازراق بولسىمۇ يورۇقلۇق ئاتا قىلغان.
2015-يىلى 68 ياشلىق ئەما بولۇپ قالغىنىغا 10 يىل ئالان زېلاد Argus II كۆچۈرۈلگەن سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسى ھەمدە بىر يۈرۈش ئۈسكۈنىلەرنى تاقىغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئايالىنىڭ چىرايىنى كۆرگەن.

bf31c3b3b850554c121ce7bfbb1a2d02b5b8cfc7-8c126c6938dab24387c15131e9229496890ad163.jpg

Argus II نىڭ بازارغا سېلىنغىنىغا يەتتە يىل بولدى، گەرچە ئالىملار ئىزچىل چوڭ مېڭىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرىدىغان كۆز ئالمىسى شەكىللىك سۈنئىي كۆز بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي ئېقىمدىكى CCD بىلەن ئۆزئارا تولۇقلىغۇچى مېتال ئوكسىدلىق يېرىم ئۆتكۈزگۈچ (CMOS) سۈرەت سېنزورىنىڭ ھەممىسى تەكشى يۈزلۈك قۇرۇلما بولۇپ، ئۇنى كۆرۈش تور پەردىسىگە ئوخشاش يېرىم شار شەكلىدە قۇراشتۇرۇش ئىنتايىن قىيىن.
پەقەت يېرىم شار شەكىللىك كۆرۈش تور پەردىسىلا لىنزا پىرىنسىپى ئارقىلىق نورمال فوكۇسلانغان تەسۋىر ھاسىل قىلالايدۇ.
شىياڭگاڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسى تېخنىكىسىدا بۆسۈپ ھاسىل قىلدى.

5ec601c68e9f0942a7163011_1024.jpg

فەن جىيۇڭ ئەترىتىنىڭ 3D سۈنئىي كۆز قارىچۇقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، چۈنكى ئۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى بولۇپ سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىنى يېرىم شار شەكلىگە كەلتۈرۈپ، تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە ئادەمنىڭ كۆزىگە تەقلىد قىلىپ لايىھەلەنگەن. ئەگەر كىلىنىكىدا قوللىنىلسا، ئەما كىشىلەر بۇ دۇنيانى تېخىمۇ ئاسان، تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيدۇ.
كونكرېت تۈزۈلۈش جەھەتتىن قارىغاندا، يېرىم شار شەكىللىك ئاليۇمىن ئوكسىد پەردىسىگە يۇقىرى زىچلىقتىكى كالتسىي-تىتان رۇدىسى نامى يىپچىلىرى (nanowires) ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدىكى يورۇقلۇق رېتسېپتورىغا تەقلىد قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئارقا يۈزىگە ئۇلانغان سۇيۇق ھالەتتىكى مېتال سىم ئىنسانلارنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدىن كېيىنكى نېرۋا تالاسىغا تەقلىد قىلىنىپ، سۈنئىي يېرىم شار شەكىللىك كۆرۈش تور پەردىسىنى لايىھەلەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

eeba080a8f9d7681ba307955ff90a8924fb2428a-e970fd3992370cd36d1ebeaef6d9cf58209b6b32.png

ئۇنىڭدىن كېيىن، سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىنى سىلىتسىي پولىمېرىدىن ياسالغان كۆز ئۇۋىسىغا قاچىلايدۇ، ئالدىنقى يېرىم تەرىپى ئاليۇمىن ۋە ۋولفرام پەردىسى تىرەپ تۇرىدىغان يېرىم شار شەكىللىك قاپ بولۇپ، ئىچكى قىسمى ئىئون سۇيۇقلۇقى بىلەن تولغان، ئادەم كۆزى ئەينەك تەنچىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن باشقا، يېرىم شار شەكىللىك پەردە قەۋىتىگە بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان نانومېتىر سېنزورىنىڭ زىچلىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، 8^10×4.6 كىۋادرات سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، بۇ نورمال ئادەمنىڭ كۆرۈش تور پەردىسى نۇر رېتسېپتورى ھۈجەيرە زىچلىقىنىڭ 40 نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، نەزەرىيە جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، تەجرىبىدە ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئادەم كۆزىنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى. بىر تەرەپتىن EC-EYE نىڭ نۇرغا بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسى ئادەم كۆزى بىلەن ئوخشاش بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ نۇرغا بولغان سەزگۈرلۈك دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى . نامى يىپچىلىرىنىڭ يورۇقلۇق سىگنالىنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 19.2 مىللىسېكۇنت ئىچىدە ماسلىشىپ توك ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئادەم كۆزىنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ.

f5c59a36890c7e66622a2220e2232a0bd28bd93b-689a797fcfc338538f551c0701fdc713efc514c8.png

EC-EYE دا گەرچە بۆسۈش بولغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ناھايىتى چوڭ چەكلىمە مەۋجۇت. مەسىلەن، ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسىدە، سۇيۇق ھالەتتىكى مېتال ئۆتكۈزگۈچ سىملارنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ كىچىكلىتىپ، دىيامېتىرىنى ئۇنىڭ بىلەن تۇتاشقان نامى سىملىرىغا ماسلاشتۇرۇش كېرەك، ھالبۇكى، بۇ خىل مىكرو زاپچاسلار كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ناھايىتى تەس، ياساش تەننەرخى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ.
يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ئېلېكترو خىمىيە دېتاللىرىنىڭ ئىقتىدارى تەدرىجىي ئاجىزلايدۇ. مەزكۇر ئىلمىي ماقالىسدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىئون سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئەھۋالدا، سۇيۇقلۇقتىن نۇر ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، سۈنئىي كۆرۈش تور پەردىسىنى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىنى تېخى بىلگىلى بولمايدۇ.
ئەڭ مۇھىمى، نۆۋەتتە EC-EYE پەقەت كومپيۇتېردىلا ئېلېكتىر سىگنالىنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، نۇر سېزىش ئۈسكۈنىلىرىنى قانداق قىلىپ چوڭ مېڭە بىلەن بىخەتەر ئالماشتۇرۇپ سۈرەت ھاسىل قىلىشقا كەلسەك، يەنى« كۆرۈش» ھەرىكىتىنى ھەقىقىي تاماملاش فەن جىيۇڭ كوللېكتىپى دۇچ كەلگەن كېيىنكى بىر تۈرلۈك زور خىرىس.


来源:it之家
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部