+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-28 10:10 1247 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
چىقىم قىلىش ئىككىلىك كودى، ئىسىم كارتىسى ئىككىلىك كودى، ساغلاملىق ئىككىلىك كودى، مەكتەپ ئىككىلىك كودى، ماشىنىغا ئولتۇرۇش ئىككىلىك كودى، .... ھەممىلا يەردە ئىككىلىك كود ئىشلىتىلىدۇ. ئۈندىدارنىڭ ئىشلەتكۈچىسى بىر مىلياردىن ئاشىدۇ، ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ شەخسىي ئىككىلىك كودىلا بىر مىلياردتىن ئاشىدۇ دېگەن گەپ.

photo-1550482781-48d477e61c72.jpeg

ئۇنداقتا ئىككىلىك كودنى ئىشلىتىپ تۈگىتىپ بولغىلى بولامدۇ؟ تۈگەپ كېتىپ تەكرارلىنىپ قالىدىغان ئىش بولامدۇ؟
تېڭشۈن شىركىتى بۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: شۇنداق.
چۈنكى ئىككىلىك كودنىڭ ئۆلچىمى چەكلىك بولغاچقا، ئىككىلىك كودنىڭ سانى چەكلىك بولىدۇ. لېكىن بارلىق ئىككىلىك كودنى سىكانېرلاپ بولۇشقا ئىنتايىن ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.
ھازىرقى ئىككىلىك كودنىڭ 40 خىل ئىگە تەرەپ نۇسخىسى بار. (ئىككىلىك كودنى ياپونىيە Denso شىركىتى 1994-يىل 9-ئايدا كەشىپ قىلغان، بىر خىل ماترىسسا [matrix] ئىككلىك كود بەلگىسى)
40 نۇسخىسىنىڭ ئەڭ كىچىكى 21*21 ، ئەڭ چوڭى 177*177 ماترىسسا.
ئۈندىداردىكى ئىسىم كارتىسىنىڭ ئىككىلىك كودى37×37 ماتىرىتسا ئۆلچىمىدە، ئۈندىداردكى چىقىم قىلىش ئىككىلىك كودى 25×25 ماترىسسا ئۆلچىمىدە. چۈشىنىشكە قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ، كاتەكچىلەرنى ماترىسسا بىرلىكى قىلىپ ئىشلىتىمىز.



ھەرقايسى ماترىسسالاردا ھاسىل بولغان ئىككىلىك كودلارنىڭ سانىنى قانداق ھېسابلاش كېرەك؟ بىز مۇنداق بىر مىسال كەلتۈرەيلى:
تۆۋەندىكى تۆت كاتەكچىنىڭ ھەر بىر كاتەكچىسىدە ئىككى خىل رەڭ ئۆزگىرىشى بولىدۇ، بىر تۆت كاتەكچە قانچە خىل شەكىل ھاسىل قىلالايدۇ؟

289feeb21c92afac879db7b81fe01cf2de17d10a-4d8c27caa837f1622c97fb19e9214896ae7da5f1.jpg

بىر كاتەكچە ئىككى خىل رەڭدە، ئۇ ئىككى خىل ئېھتىماللىق، ئىككى كاتەكچە تۆت خىل ئېھتىماللىق، ئۈچ كاتەكچە سەككىز خىل ئېھتىماللىق، تۆت كاتەكچە 16 خىل ئېھتىماللىق. شۇڭا، تۆت كاتەكچە جەمئىي 16 خىل شەكىلنى ھاسىل قىلالايدۇ.
b5dc7867ae770a2f3b56fba6eda7fb99cca25e7b-92f1cd71546b5c3704fd67eeb2c671e03b94c9b0.jpg

25X25 ئۈندىدارنىڭ چىقىم قىلىش ئىككىلىك كودى
8296049f4ef66c8e94f7d47d25d2fd316aa10d6b-fb94f2be71963832bdc1a06564be0790229e2e0a.jpg

ھەر بىر قۇردا 25 دانە كاتەك بولۇپ، جەمئىي 25 ئىستون بولىدۇ، ئورۇن بەلگىلەشتە ئىشلىتىلىدىغان كاتەك ۋە ئېشىنچا خاتالىقنى تۈزىتىدىغان كاتەك قاتارلىقلارنى چىقىرىۋەتكەندە، يەنە 478 دانە كاتەك قالىدۇ. ئىككىلىك سىستېمىغا ئاساسلانغاندا، ھەربىر كاتەكچىنىڭ پەقەت قارا ياكى ئاق ئىككى خىل تاللىشى بولىدۇ، شۇڭا 478 دانە كىچىك كاتەكچىلەر نەزەرىيەدە جەمئىي 478^2 دانە ئىككىلىك كودنى گۇرۇپپىلىغىلى بولىدۇ.

شۇنداق بولغاندا 25X25 ئۆلچىمىدىكى ئىككىلىك كود ئارقىلىق 7804371375789980578453993074482915764371495356662427877147892399
063429347049414050300765257658729927899567
32780351655723861993919822071326572544 دانە ئىككىلىك كود ياساشقا بولىدۇ. يەنى، 144 خانلىق سان.
يۇقۇم مەزگىلىدىكى 140 مىليارد ئىككىلىك كودنىڭ سانىغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، ئۈندىداردا بىر يىلدا 600 مىليارد ئىككىلىك كود ئىشلىتىلگەن دەپ پەرەز قىلساق بولىدۇ. ئۇنداقتا ئۈندىدار 25X25 ئۆلچەمدە ھاسىل بولغان ئىككىلىك كودنى ئىشلىتىپ بولۇش ئۈچۈن قانچە يىل كېتىدۇ؟
يۇقارقى 144 خانلىق ساننى بىر يىلدا ئىشلەتكەن 600 مىلياردقا بۆلسە 132^10×1.301 يىل چىقىدىكەن. (133 خانلىق سان چىقىدىكەن، ئوقۇشقا ئامال بولمىدى)

d10353f498a903b315d4500fad7ed0b8724bed04-2d4de5b43629e4b106585cc09013253760ca1659.jpg

ئاۋۇ بىر يىلدا 600 مىليارد ئىككىلىك كود ئىشلىتىدۇ دېگەن دۆلىتىمىزىدىكى ئىستاستىكا، ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى ئادەملەر ئىشلىتىدۇ دەپ پەرەز قىلىپ ھېسابلىسا 131^10×2.602 يىل چىقىدىكەن.
يەنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئادەم ئىشلەتسىمۇ شۇنچىلىك يىلدا ئاندىن ئىشلىتىپ بولغىلى بولىدۇ دېگەنلىك.

来源:it之家

1ئادەم ئىنكاس يازدى

جەرەن ۋاقتى: 2020-5-28 20:45:37
ئىككىلىك كودنى خاتىرجەم قېرىغۇچە ئىشلەتسەك بولغىدەك ئەمسە دەيمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部