+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-27 10:24 1683 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆنۈگۈن بىر بىرى بىلەن بەسلىشىپ ئىككى يانفون ئېلان قىلىندى. ئۇلار روڭياۋ X10 ۋە Redmi 10X ؛ ئىككىلىسىنىڭ ئىسمىدە 10 X بار.

روڭياۋ 荣耀X10
تۆنۈگۈن روڭياۋ X10 بازارغا سېلىندى. ھەر قايسى تور سۇپىلىرىدا سېتىش باشلىنىپ  8 مىنۇتتا 100 مىڭ دانە سېتىلدى.

20200526_132344_293.jpg

بۇ يانفونغا خۇاۋېي بوبرا كىيىك 820 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن، 5G قوللايدۇ.

20200521094051_1324.jpg

روڭياۋ X10 نىڭ ئېكرانى 6.63 دىيۇملۇق LCD ئېكران. ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 90Hz ، بارماق ئىزى سېنزورى يان تەرەپتە.
ئالدى كامېراسى تارتما شەكىلدە.

af3b9e7571ee45708a3c014c2c671ca3.jpg

كەينى كامېراسى 40 مىليون پىكسېللىق ئۈچ كامېرادىن تۈزۈلگەن. 1/1.7 دىيۇملۇق سېنزور سەپلەنگەن.

451a0e24d8ef4bb6b0731c00dd2a82aa.jpg

باتارىيەسى 4300mAh، تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ. گرافىت ئالكېنلىق سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى بار.

99430a9e564e4d7e839fc5e8ea9fdcbc.jpg

باھاسى:
6GB +64GB سىغىملىقى 1899 يۈەن
6GB +128GB سىغىملىقى 2199 يۈەن
8GB +128GB سىغىملىقى 2399 يۈەن.

Redmi 10X
تۆنۈگۈن يەنە Redmi 10X/10X Pro 5G ئېلان قىلىندى.
Redmi 10X قوش كارتا 5G قوللايدىغان بولۇپ، لىيەنفاكې تىيەنجى 820 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن.

20200526_145142_502.jpg

شىياۋمى شىركىتى ئىلگىرى ئىزچىل كۇۋالكوم بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۇۋالكومنىڭ يېڭى چىققان مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئالدى بىلەن شىياۋمىغا يانفونلىرىغا ئىشلىتىپ كەلگەن.
بۇ قېتىم لىيەنفاكې (MediaTek) بىلەن ھەمكارلىشىپ تىيەنجى 820 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى سەپلىدى.
تىيەنجى 820 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ تۆت يادرولۇق، A76 رامكىسىدىكى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ بولۇپ، چاستوتىسى 2.6GHz گە چىقىدۇ.

WechatIMG2101.jpeg

Geekebench نىڭ سىنىشىدا تاق يادرودا 650 نومۇرغا، كۆپ يادرودا 2600 نومۇرغا ئېرىشكەن. ئەنتۇتۇنىڭ سىنىشىدا 410 مىڭ نومۇرغا ئېرىشكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى بۇ مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئىقتىدارى كۇۋالكوم  765G دىن ئېشىپ، بوبرا كىيىك 985 كە يېقىنلاشقان.

20200526_145830_738.jpg


بۇ يانفوننىڭ ئېكرانى 6.57  دىيۇملۇق سامسۇڭ AMOLED ئېكران، +HDR10 قوللايدۇ.  ئېنىقلىقى 2400×1080 ، ئالدى كامېراسى تامچە شەكىلدە. ئالدى كامېراسى 20 مىليون پىكسېل.
ئېكرانى بارماق ئىزى تونۇيدۇ. 3.5mm لىق تىڭشىغۇچ تۆشۈكى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق تىزگىنەك ئىقتىدارى بار. Redmi 10X Pro تولۇق ئىقتىدارلىق NFC قوللايدۇ.

20200526_150037_188.jpg

20200526_145600_126.jpg

كەينىگە 48 مىليون پىكسېللىق تۆت كامېرا سەپلەنگەن. 30 ھەسسە رەقەملىك فوكۇس ئۆزگەرتىشنى قوللايدۇ.

20200526_150610_962.jpg

b418a7a1ly1gf5v8zkq38j20u01404qp.jpg

OIS تۆت ئوقلۇق ئوپتىكىلىق تىتىرەشتىن ساقلىنىش قۇرۇلمىسى بار.
سۇيۇقلۇق سوۋۇتۇش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئويۇن ئوينىغاندىكى ئىسسىقلىق تارقىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان.
باتارىيەسى 4520mAh، تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

20200526_145315_608.jpg

Redmi 10X نىڭ باھاسى:
6+64GB سىغىملىقى 1599 يۈەن
6+128GB سىغىملىقى 1799 يۈەن
8+128GB سىغىملىقى 2099 يۈەن
8+256GB سىغىملىقى 2399 يۈەن
Redmi 10X Pro نىڭ باھاسى:
8+128GB سىغىملىقى 2299 يۈەن
8+256GB سىغىملىقى 2599 يۈەن
6-ئاينىڭ 5-كۈنى سېتىش باشلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا Redmi 10X نىڭ بەش جى قوللىماي 4G قوللايدىغان نۇسخىسىمۇ بار.
4G قوللايدىغان نۇسخىسىغا لىيەنفاكې Helio G85 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن. ئېكرانى 6.53 دىيۇملۇق LCD ئېكران. كەينى كامېراسى 48 مىليون پىكسېللىق تۆت كامېرا.
باتارىيەسى 5020mAh ، تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

6c6d8b86c8c348e1b60a66e317a7ed26.jpg

53f5eb69449f41559d38f60b9fac85cf.jpg

4G قوللايدىغان نۇسخىسىنىڭ باھاسى:
4+128GB سىغىملىقى 999 يۈەن
6+128GB سىغىملىقى 1199 يۈەن.

来源:IT之家

2ئادەم ئىنكاس يازدى

Omar14 ۋاقتى: 2020-5-27 17:09:43
لىيەنفاكېنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىلگىرىكى تىلفۇنلاردا كۆپ ئۇچرىتاتتۇق ،بولۇپمۇ زاپەر تاغتۇرا تىلفۇنلاردا كۆپ ئىشلىتەتتى ، مانا ئەمدى كىرىن ، كۇۋاللىكوم بىرتەرەپ قىلغۇچىسى بىلەن نومۇر تالىشىدىغان ھالەتكە ئۆتۈپتۇ ،  پەن تېخنىكا دىگەن زادى ، لىيەنفاكىنىڭ بۇ نەتىجىسىنى تەيجىدىيەن ئۆزەك ياساش تېخنىكىسىدىن  كەلدى دىسەك ئازراقمۇ خاتا كەتمەيدۇ .
13070083651 ۋاقتى: 2020-5-27 20:14:26
ئالىدىغان تېلېفونلار   ئەمدى بازارغا سېلىنىپتۇ ، مانا .مانا
ئۆزۈم بىرىنچى بولۇپ  ئالمىسام بولمىغىدەك  ، بۇ تېلېفونلارنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部