+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-27 10:23 1029 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-27 10:23  

تۆنۈگۈن realme ھىندىستاندا  realme Watch ئەقىلىي ئىقتىدارلىق سائەتنى ئېلان قىلدى.
بۇ سائەتكە 1.4 دىيۇملۇق سىزىمچان ئېكران سەپلەنگەن، ئېنىقلىقى 320x320  بولۇپ،  2.5D لىق كاڭنىڭ ئورانگۇتان ئەينەك ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن. يورۇقلىقى 380 نىت.

S00QelS4zgmdm2.jpg

realme Watch كە 12 خىل سائەت تاختىسى سەپلەنگەن. سائەت، چېسلا، ھاۋا رايى، قەدەم سانى، يۈرەك سوقۇشى، سەرپ بولغان كالورىيە سانى كۆرۈنىدۇ. كېيىن يېڭىلاش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ سائەت تاختىسى تەمىنلەيدۇ.

S00Qemb5FQbAT8.jpg

realme Watch يەنە 24x7 پۈتۈن كۈن يۈرەك سوقۇشىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، Goodix تەمىنلىگەن يۈرەك رېتىمىنى ئۆلچەيدىغان PPG سېنزورى سەپلەنگەن. ھەمدە SpO2 سېنزورى ئارقىلىق قاندىكى ئوكسىگېن مىقدارىنى ئۆلچەيدۇ. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت، پەي توپ، يۈگۈرۈش ماشىنىسى، تىكتاك توپ قاتارلىق 14 خىل ھەرىكەت ھالىتىنى قوللايدۇ.
يەنە يىراق ئارىلىقتىن يانفوننىڭ كامېراسىنى كونترول قىلىپ رەسىم تارتىش، يانفوندىكى ناخشا-مۇزىكىنى قويۇش، ئاۋازنى كونترول قىلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار.
IP68 دەرىجىسدە سۇدىن مۇداپىئەلىنەلەيدۇ. ئەقىلىي ئىقتدارلىق ئۇقتۇرۇش كۆرسىتىش، ئۇزۇق ئولتۇرۇپ كەتسە ئەسكەرتىش، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئەسكەرتىش، ئۇيقۇنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارلىرىمۇ تولۇق.
باھاسى 3999 ھىندىستان رۇپىيىسى (تەخمىنەن 380 يۈەن) ، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ھىندىستاندا سېتىش باشلىنىدۇ.

S00QevTmcq2FU.jpg

realme ئوپپونىڭ قارمىدىقى بالا شىركەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部