+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-26 11:24 1338 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى، پۇل يۆتكەش خاتىرىسنى يالغاندىن ياسايدىغان ئەپنى بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن تېڭشۈن ئەمدى ئۈچۈنچى تەرەپ ئۈندىدار قوراللىرىنى چەكلەشكە باشلىدى.
بۇنىڭ ئىچىدە ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك Wetool قورالىمۇ بار. بۇ قورالنى ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئۈندىدارى پېچەتلىنىدۇ.

5ecbe1fc8e9f09377b75d80c_1024.jpg

ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىسى 1 مىلياردىن ئاشىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە، كۆچمە چىقىم قىلىش يۇمشاق دېتالى. تور سودىگەرلىرى خىزمەت ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۈچۈنچى تەرەپ قىستۇرما دېتاللىرى، ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئۈندىدار ئىشلىتىدۇ. مەسىلەن: كۆپ ئۈندىدار ئېچىش، قىزىل بولاقنى ئاپتوماتىك تۇتۇش، ئاپتوماتىك ئادەم قوشۇش... دېگەندەك قىستۇرما ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئۈندىدارلار ئۈچۈنچى تەرەپ دېتالىغا تەۋە. بۇلاردا ئالاھىدە ئىقتىدار بولغان بىلەن ئىگە تەرەپنىڭ بولمىغاچقا بىخەتەرلىك خەۋىپى مەۋجۇت.
يېقىندىن بېرى ئۈندىدار ئوغىرلىندىغان، ئىچىدىكى پۇل يوقاپ كېتىدىغان... ئەھۋاللار كۆرۈلىۋاتىدۇ؛ شۇڭا تېڭشۈن ئۈندىدارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۈچۈنچى تەرەپ قوراللىرىغا زەربە بېرىشكە باشلىدى.

5ecbe1fc8e9f09377b75d80a_1024.jpg

Wetool ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك توپ باشقۇرۇش قورالى. توپ سىتاستىكىسى قىلىش، ئاپتوماتىك دوست قوشۇش، ئاپتوماتىك توپ تەكلىپنامىسى ئەۋەتىش، كۆپ توپقا يوللاش... دېگەندەك ئەسىلدىكى ئۈندىداردا يوق ئىقتىدارلار بار. بۇ ئەپنىڭ يەنە ھەقلىق نۇسخىسىمۇ بار بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارى بار بولغاچقا ئۈندىدار سودىگەرلىرى كۆپ ئىشلىتىدىغان ئەپ.
بۇنىڭدىن باشقا ھەقلىق، ھەقسىز ھەر قانداق ئۈچۈنچى تەرەپ ئۈندىدار قورالى، قىستۇرما ئىشلەتكەنلەرنىڭ ئۈندىدارىنىڭ پېچەتلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى.
2020052608404132051.png
كۆپ ئۈندىدارى بارلار كۆپ ئۈندىدار ئېچىشقا ئېھتىياجلىق، شۇ سەۋەبتىن ھەر خىل كۆپ ئۈندىدار ئاچىدىغان قورال، ئەپلەر بار. ئالما يانفونغا كۆپ ئۈندىدار ئاچىدىغان قوراللارنىڭ ھەممىسى تېڭشۈن تەرىپىدىن چەكلىنىدۇ. ئالمىدا ھەر قانداق ۋاستە ئىشلىتىپ كۆپ ئۈندىدار ئاچسىڭىز ئۈندىدارىڭىز پېچەتلىنىدۇ.
ئاندرويد يانفونلارنىڭ سىستېما تەرىپىدىن چىقىرىلغان كۆپ ئەپ ئېچىش «分身» ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئىلگىرى باشقا قورال ئىشلەتمە سىستېمىنىڭ مۇشۇ قوش ئەپ ئېچىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۈندىدار ئاچسا پېچەتلەنمەيتى.

c4fb464c14b641b0bdf93033065ef7fc.jpg

يېقىندا مۇشۇ سىستېمىنىڭ قوش ئەپ ئېچىش ئارقىلىق ئاچقان ئۈندىدارنىڭمۇ پېچەتلەنگەنلىك ئەھۋالى بار. شۇڭا كۆپ ئۈندىدار ئاچىدىغانلار دىققەت قىلارسىلەر.

ecd121898dee4a619667bd076a4e8fd0.jpg

مۇشۇ سەۋەبتىن ئۈندىدار پېچەتلەنسە ئېچىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرسە، ئالدامچىلىق قىلمىشىڭىز بولمىسا ئۈندىدارنى ئېچىپ بېرىدىكەن.

来源:驱动之家
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部