+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-25 11:39 1659 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-25 11:39  

خۇاۋېي ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور - 华为智慧屏X65 خۇاۋېي ئەقىلىي ئېكرانى X65 تە ئەنئەنىۋى تىزگىنەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، قول ئىشارىسى ئارقىلىق تېلېۋىزورنى كونترول قىلدىغان قىلىنغان. بۇ ئىقتىدار تىزگىنەك ئىزدەش ئاۋارىچىلىقىدىن خالاس قىلىپ، زامانىۋى تېخنىكىنى ھېس قىلدۇردۇ.
قول ئىشارىسى ئارقىلىق ئاۋازنى تەڭشەش، ئاۋازنى ئىتىش، قويۇلۋاتقان كىنونى تۇرمۇزلاش، ئالدى كەينىگە ماڭدۇرۇش... قاتارلىقلارنى قىلغىلى بولىدۇ. قول تىزگىنەككە ئايلىنىدۇ.

ChMlWl60-gOIRN-xAADnjPbk4VkAAO8BgHC6JQAAOek406.jpg

تېلۋىزورنىڭ تەڭشىكىدىكى 设置 > 智慧助手 > AI慧眼 > AI慧眼 نى ئاچقاندىن كېيىن ئەقىلىي ئىقتىدارلىق كامېرا بوشلۇقتىن قول ئىشارىسىنى كۆرۈپ بۇيرۇقنى قۇبۇل قىلىدۇ.

ئالقاننى ئېكرانغا قارىتىپ توختاش ئىپادىسىنى چىقارسا ئېكراندا قويۇلۋاتقان سىن تۇرمۇزلىنىدۇ، ئوخشاش مەشغۇلاتنى تەكرارلىسا داۋاملىق قويۇلىدۇ.

微信图片_20200525111233.gif

ئېكرانغا قاراپ بارماقنى ئېغىزغا تەككۈزۈپ «تېنچ» دېگەن ئىپادىنى چىقارسا تېلۋىزورنىڭ ئاۋازى ئىتىلىدۇ. ئوخشاش ھەرىكەتنى تەكرارلىسا ئاۋاز ئېچىلىپ ئەسلىگە كېلىدۇ.

微信图片_20200525111240.gif

مۇشتۇمنى تۈگۈپ، باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماقنى تەككۈزسە ئېكراندا بۇيرۇق كۆرسەتمىسى كۆرۈنىدۇ، ئۈستىگە كۆتۈرسە ئاۋاز چوڭيىدۇ، پەسكە قىلسا ئاۋاز پەسىيىدۇ. باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماق ئاچسا بۇيرۇق جەزملىشىدۇ.

微信图片_20200525111223.gif

ئېكرانغا قاراپ باش بارماق بىلەن كۆرسەتكۈچ بارماقتا بىر نەرسىنى تۇتقاندەك قىلىپ جۈپلەپ ئوڭ-سولغا سىيرىسە قويۇلۋاتقان كىنونى ئالدى كەينىگە سۈرگىلى بولىدۇ.

微信图片_20200525111214.gif

بۇ خىل ئادەمنىڭ قول ئىشارسىنى كۆرۈپ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش ئۈسكۈنىنىڭ ئىچىگە قاچىلانغان سىستېما ئالگورزىمى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغان بولۇپ، تورغا ئۇلانمىسىمۇ ئىشلەيدۇ. ئىشلەتكۈچىنىڭ چىرايى ۋە قول ئىشارىسىنى تورغا يوللىمايدۇ. بۇ ئارقىلىق شەخسىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىنغان.
خۇاۋېي ئەقلىي ئېكران X65 غا سەپلەنگەن 24 مىليون پىكسېللىق ئالاھىدە كەڭ بۇلۇڭلۇق AI كامېرا، ئەڭ يېڭى بايراقدار ئۆزەك، ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك AI ھېسابلاش كۈچىگە ئىگە قوش NPU قاتارلىق قاتتىق دېتال قاتلىمىدا بوشلۇقتىن قول ئىشارىسىنى تۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، سۆرەش ئادىتى بىلەن سۈرئىتىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، خۇاۋېي ئەقلىي ئېكران X65 نىڭ ئاۋازىنى تەڭشەش، سۈرئىتىنى تەڭشەشكە ماسلىشىش ئېلىپ بېرىپ، ئاۋاز ۋە سۈرئىتىنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتىنى ئىشلەتكۈچىنىڭ قولىنىڭ يۆتكىلىش سۈرئىتى بىلەن ماسلاشتۇرغان. يەنى، ئىشلەتكۈچىنىڭ ھەرىكىتىنى «ئۆگىنىپ» ماسلىشالايدۇ.

خۇاۋېي ئەقىلىي ئېكرانى X65 ئېلىپ كەلگەن پۈتۈنلەي يېڭىچە بوشلۇقتىن قول ئىشارىسى ئارقىلىق كونترول قىلىش -تىزگىنەك بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان قولايلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئادەم بىلەن ماشىنىنىڭ ئالاقىسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. « قاتتىق دېتال» خۇددى ھاياتلىققا ئوخشاش، بىزنىڭ قول ئىشارىتىمىزنى، ھالىتىمىزنى، ھەرىكىتىمىزنى چۈشىنەلەيدىغان بولدى، كەلگۈسىدە كۆز ئىشارىسىنى چۈشىنىدىغان بولۇشى مۇمكىن.
فانتازىيە بارغانسىرى رىئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ.
minority-report-interface1.jpg

2ئادەم ئىنكاس يازدى

Eliyop ۋاقتى: 2020-5-26 16:45:39
ئەجەيىپ قالتىس تەخنىكادىن بىرسى ئوتتۇرغا چىقىپتۇدە ،تىلۋۇزۇرلارغىمۇ گاچا تىلىنىنى چۈشۈنىدىغان ئىقتىدار قۇشۇلۇپتۇ، يەنى ھىسياتسىز بىر جىسىمغا ئىشارە ئارقىلىق ھىسياتنى چۈشۈنىدىغان قىلىپتۇ دىسەك توغرا بولغىدەك.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部