+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-24 09:26 1951 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-24 09:26  

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلار ئۈندىدار سالونى ياكى ئۈندىدار ئارقىلىق ئاچقان تور بەتنىڭ خەتلىرىنىڭ ئۇلانماي چىقىۋالغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
بۇ سالون ياكى تور بەتنىڭ مەسىلىسى ئەمەس.
يانفوندىكى خەت نۇسخىسىنىڭمۇ مەسلىسى ئەمەس.
بۇ ئۈندىدار ئىچكى قىسىمىدا ئىشلىتىدىغان تور كۆرگۈچ يادروسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 2018-يىلى مۇشۇنداق مەسىلە كۆرۈلۈپ كېيىن ئوڭشالغان.

微信截图_20200524003652.jpg

سالون مەزمۇنى ئۈندىدار ئىچىدىكى تور كۆرگۈچتە ئېچىلدۇ. ئۈندىدار يانفوننىڭ تور كۆرگۈچ يادروسىنى ئىشلەتمەستىن ئۆزىنىڭ ئايرىم X5内核 يادروسىنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا بەزىدە ئۈندىدار يېڭىلانغاندا مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە خەت ئۇلانماسلىق مەسىلىسى كۆرۈلىدىكەن. ئالما سىستېمىسىدا ئەپلەرگە ئايرىم تور كۆرگۈچ يادروسى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلمىغاچقا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ.
نۆۋەتتە خەت ئۇلانماسلىق مەسىلىسى ئوپپو، رۇڭياۋ يانفونلىرىدا كۆپرەك كۆرۈلىۋاتىدۇ.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇنداق ئۇسۇللارنى سىناپ باقساڭلار بولىدۇ.

ئالپ سالونىغا dbtbs دەپ كىرگۈزسەڭلار http://debugtbs.qq.com دەپ بىر ئادرېس چىقىدۇ، شۇ ئادرېسنى چېكىمىز.  

تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك چىقىدۇ.

微信截图_20200523234324.jpg

安装本地内核 نى چېكىمىز. نورمال قاچىلانسا مەسىلە ئوڭشىلىدۇ. بەزى يانفوندا خاتالىق چىقىۋېلىپ قاچىلانمايدىكەن.
يۇقارقى يەرلىك يادرو قاچىلانمىسا 安装线上内核 نى چېكىپ توردىكى يادرونى قاچىلايمىز. يادرو قاچىلىنىپ بولغاندىن كېيىن خەت ئۇلانماسلىق مەسلىسى ئوڭشىلىشى مۇمكىن.
يەنە ئوڭشالمىسا 清除DebugTBS چېكىپ TBS تازىلايمىز. ئاندىن ئوڭشىلىدۇ.
بىر قېتىمدا بولمىسا يۇقارقى مەشغۇلاتنى تەكرار قىلىپ بېقىڭلار.

يەنىلا ئوڭشالمىسا، تور بەتنى يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىسى (浏览器) دە ئېچىپ پايدىلىنىپ تۇرساڭلار بولىدۇ. ئۈندىدارنىڭ كېيىنكى نەشىرىدە ئوڭشىلىشى مۇمكىن.

微信截图_20200524001755.jpg

يەنى، سالون ياكى ئۈندىداردا ئاچقان تور بەتلەرنىڭ خەتلىرى داۋاملىق ئۇلانماي چىقىۋالسا ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئۈچ چېكىتنى چېكىپ، 在浏览器打开 نى بېسىپ يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىسىدە ئاچسا نورمال كۆرۈنىدۇ.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

foxtpdf ۋاقتى: 2020-5-25 10:06:16
مۇشۇ  LG ماركىلىق يانفونلاردىمۇ ئى ھەرىپى ئۇلانمايدىغان مەسىلە بار ئىكەن  ،  شۇنىمۇ ئۇلىنىدىغان قىلىشنىڭ  ئامالى بارمىدۇ  ؟

باھا سۆز

ھازىرمۇ ل گ ئىشلىتىدىغان ئادەم باركەن ھە  ۋاقتى: 2020-5-26 00:58
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部