+تېما يوللاش
abdulla156 يوللانغان ۋاقتى:2020-5-23 12:47 2426 قېتىم كۆرۈلدى 3 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
5-ئاينىڭ 23-كۈنى سەھەردە، كۆپ ساندىكى   سامسوڭ يانفونلىرى تۇيۇقسىز ئىشلىتىشكە ئامالسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالدى ، نۇرغۇنلىغان سامسۇڭ ئىشلەتكۈچى ئابونىتلار بۈگۈن ئەتتىگەندە ئالاقە سۇپىسىدا  ئۆزىنىڭ سامسۇڭ يانفونىنىڭ  ئىشلىتىشكە ئامالسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى،بايقالغان مەسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بولسا سامسوڭ يانفونىنىڭ سىستېمىسى ۋەيران بولۇش، قارا ئېكران بولۇۋېلىش ، قالايمىقان كود چىقىۋېلىش ، ئۇدا قايتا قوزغىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەن بولۇپ ئۈسكۈنىلەرنى نورمال ئىشلىتىشكە ئامال يوق بوپ قالغان . تەسىرگە ئۇچرىغان يانفون تىپلىرى ئىچىدە سامسۇڭ s8، s9، s10، ھەتتا s20 لەرمۇ بۇ قېتىمقى تەسىرگە ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە سامسۇڭ s8، s9، s10 قاتارلىقلارنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر.

ئەمەلىيەتتە، سامسۇڭ سىستېمىسىدا بۇ خىل مەسىلە بىر قېتىملا كۆرۈلگەن ئەمەس. بۇلتۇر Note 10 + نى سېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، نۇرغۇن تورداشلار مەزكۇر يانفوندا سېزىمچانلىقى كونتروللۇقىنى يوقاتقان BUG نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكاس قىلغان. ئەمما تەسىر دائىرىسى ئانچە چوڭ بولمىغانلىقتىن، سامسۇڭ شىركىتى بۇنى  ئانچە ئېتىبارغا ئالمىغان.

بۈگۈنكى كۈندە سامسۇڭ يانفونلىرىنىڭ سىستېما ۋەيران بولۇش ئىشى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئەگەر سامسۇڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بەرمىسە  كېيىن بازاردا پۇت تىرەپ مېڭىشى تەسكە توختايدۇ.
بەخىتكە يارىشا سامسۇڭ سىستېمىسى ۋەيران بولۇپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن مەلۇم بىلوگدا مەسىلىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلىش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى .
مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى:
1-قەدەم ئاۋۋال يانفوننىڭ مەنبە كونۇپكىسىنى ئۇلاپ ئىككى قېتىم باسىمىز،
2-قەدەم بۇچاغدا  يانفوننىڭ كامېراسى ئېچىلىدۇ ،ئاندىن بىر پارچە رەسىمگە تارتىمىز،
3-قەدەم تارتقان رەسىمنى يۇيۋېتىمىز، بۇ چاغدا ئېكران قۇلۇپ ئۇچۇرى ئېكرانغا چىقىدۇ
4-قەدەم قۇلۇپنىڭ رەسىمىنى باسساق بىز سالغان ئېكران قۇلۇپ چىقىدۇ قۇلۇپنى ئېچىۋەتسەك يانفون نورمال ئېچىلىدۇ.
5-قەدەم  تېلفوننىڭ چېسلاسىنى 2020-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىگە تەڭشەش كېرەك.
كاشىلا كۆرۈلگەن يانفوننىڭ ئاساسىي ھالىتى

微信图片_20200523125050.jpg

ئەگەر قىلالمىغانلار بولسا ئۈندىدارىمنى قوشۇۋالساڭلار ھەقسىز ياردەم قىلىمەن.
微信图片_20200523124613.jpg


3ئادەم ئىنكاس يازدى

begmurad ۋاقتى: 2020-5-23 14:55:17
مەن سامسۇڭ يانفۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن ، ئەزەلدىن ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى. بۈگۈنمۇ ئىنتايىن نورمال.  a60
ForgiveMe ۋاقتى: 2020-5-23 17:32:20
安全模式غا كىرىپ  رەسىم تاتتىپ بولۇپ يۇيىدىغان چاغدا چىكىنىپ كەتتى
无所为 ۋاقتى: 2020-5-24 10:35:35
مىنىڭكىدىمۇ تۇيۇقسىز قايتا قوزغۇلۇپ كىتىدىغان بەزى ئەپلە چىكىنىپ كىتىدىغان مەسىللەر كۆرۈلدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部