+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-23 10:42 1540 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھەر يىلى كۈز پەسىلىدە ھەر قايسى ماركىلارنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.

خۇاۋېي mate40
خۇاۋېينىڭ mate يۈرۈشلۈك يانفونلىرى ھەر يىلى 9-ئايدا ئېلان قىلىناتتى، بۇ يىلمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن.
نۆۋەتتە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا mate40 يۈرۈشلۈكىگە 5 نانومىتېر تېخنىكىسىدا ياسالغان بوبرا كىيىك 1020 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىندىغان بولۇپ، ئۈچۈنچى ئەۋلاد 5G ئۆزىكى توپلاشتۇرۇلىدۇ. ئېكرانى 6.69 دىيۇم، ئىككى يان تەرىپى 90 گىرادۇس ئەگرى.

3ed462a9715d4744b704d4e47572948e.jpg

خۇاۋېي Mate40Pro نىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۇقۇم رەسىمى پەيدا بولدى.

a6b9a6deddbe42778baff1feb08a228c.jpg

eb31865f51fc4ad2adb319a4edf1fa47.jpg

بۇ رەسىمدىن قارىغاندا، ئالدى كامېراسى، بارماق ئىزى سېنزورى ئېكران ئىچىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان. كەينىدە يەنە بىر كىچىك ئېكران بار.
ئەلۋەتتە بۇ «ئۇقۇم» رەسىمى.

ئالما iPhone 12
ئالما مەھسۇلاتىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش بىلەن داڭ چىقارغان Jon Prosser ئاشكارىلىغان (بۇ ئادەم ئاشكارىلىغان ئۇچۇلار رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىكىسى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىقىدۇ)   iPhone 12 گە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار:

微信截图_20200523102858.jpg

edf895dc968548a291005358a8f3bc33.jpg

ئېلان قىلىنىش ۋاقتى ئەسلدىكىدىن بىرەر ئاي كېچىكىپ، 10-ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ.
iPhone 12 بەش جى قوللايدۇ.
iPhone 12 نىڭ ھەممە تىپىغا OLED ئېكران سەپلىنىدۇ.
باھاسى 649 دوللاردىن باشلىنىدۇ. (ئۆتكەن يىلقى ئايفون 11 دىن ئەرزان)
iPhone 12 Pro ۋە iPhone 12 Pro Max نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچى 6GB بولىدۇ، LiDAR (لازېرلىق رادار) سەپلىنىدۇ.
سىملىق تىڭشىغۇچى بىللە تەمىنلەنمەيدۇ، لازىم قىلدىغانلار ئايرىم سېتىۋالىدۇ (يانفوننىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىر)

微信截图_20200523102001.jpg

iPhone 12 نىڭ ئالدى كامېراسى، چىراي تونۇش سېنزورى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ماڭلىيى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنىپ، ئازراق كىچىكلىتىلىدۇ.

769dbc2c708e4e1f8cd14f6f756d3e65.jpg


شىياۋمى MIX4
كىيىنكى يېرىم يىلدا يەنە شىياۋمى شىياۋمى MIX4 ئېلان قىلىنىدۇ.
ھازىرقى ئۇچۇرلارغا قارىداندا : MIX4 كە لىيەنفاكې تىيەنجى +1000 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىپ، 5G ئىقتىدارى كۈچەيتىلىدۇ. كەينى ئاساسى كامېراسى 150 مىليون پىكسېلغا يەتكۈزۈلىدۇ.
باتارىيەسى 5000 مىللى ئامپىرغا كۆتۈرۈلىدۇ.
ئالدى كامېراسى ئېكران ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدىغان بولۇپ، ئېكران نىسبىتى %100 گە يەتكۈزۈلىدۇ.

73a72e71a4a0485b89f20ea19d2ef159.jpg

باھاسى 5999 يۈەندىن باشلىنىشى مۇمكىن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部