+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-22 10:29 1781 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۆپ قىسىم كىشىلەر بىلمەيدىغان، بىلسىمۇ دىققەت قىلمايدىغان بىر يۈرۈش ئىقتىدارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئالما ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرپ قىلدى. ئۇلار بۇ بىر يۈرۈش ئىقتىدار ئارقىلىق ئالما مەھسۇلاتىنى ھەممە ئادەمنىڭ ئىشلىتەلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. (ھەممە ئادەمنىڭ ئىچىدە جىسمانى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرىغان كىشىلەرمۇ بار)
0-7.jpeg
ھېكايىنى بىر 36 سېكۇنتلۇق ۋىدېئودىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.
2009-يىلى ئالما iPhone 3GS نى ئېلان قىلدى. ھەر قايسى تەرەپتىن قارىغاندا بۇ دەۋر ئەھمىيىتىگە ئىگە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون.
ئۇ تۇنجى قېتىم 3G نى قوللاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان يانفون، كامېرا پىكسېلىنىڭ دەرىجىسى 3 مىليون 200 مىڭغا كۆتۈرۈلگەن، يەنە فوكۇس تەڭشەش ۋە سىن سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارىنى قوللاشقا باشلىغان. مۇشۇ ئايفوندىن باشلاپ كىشىلەر يانفوندا «كۆچۈرۈش / چاپلاش» ئىقتىدارىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ دۆلىتىمىزگە رەسمىي كىرگۈزۈلگەن iPhone.
180616205234981.jpg

2009-يىلدىكى ئىككى سائەتكە سوزۇلغان WWDC ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كۆپ قىسىم كىشىلەر دىققەت قىلمىغان 36 سېكۇنتلۇق بىر يېرى بار.
Phil Schiller يېڭى نۇسخىدىكى iPhone 3GS نىڭ ئىقتىدارىنى سۆزلەپ،  iPhone غا تۇنجى قېتىم قوشۇلغان « ياندىن بايان (VoiceOver) » ، « چوڭايتىش كىچىكلىتىش (Zoom) » ، « تەتۈر رەڭ (White on Black) » ۋە« تاق ئاۋاز (Mono Audio) » نى تۇنۇشتۇردى.
0-3.jpg

ئۇزۇندىن بۇيان تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ قولايلىق لايىھىلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان يازغۇچى Shelly Brisbin نىڭ ئەسلەپ ئۆتىشىچە، ئەينى چاغدا بۇ قىسقىغىنە 36 سېكۇنت ۋاقىت، كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر توپى ئارىسىدا نۇرغۇن مۇھاكىمىلەرنى قوزغىغان.
بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ كەلگۈسىدىكى iPhoneنىڭ مېيىپلار توپىنىڭ تەسىراتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن؛ يەنە بەزىلەر كۆزىتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ، بۇ پەقەت چوڭ شىركەتلەرنىڭ كىشىلەرنى جەلىپ قىلىش ئۈچۈن مۇنداقلا قوشۇپ قويغان ئىقتىدار دەپ قارىغان.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئالما توسالغۇسىز لايىھىلەش ئىشىدا ئەستايىدىل بولدى. 10 يىلدىن بۇيان بۇ ئىقتىدارنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلدى.
دۇنيا قولايلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئالمىنىڭ دۇنيا توسالغۇسىز سىياسىتى ۋە پىلان باشقۇرغۇچىسى Sarah Herrlinge مۇخبىرنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نەچچە ئون مىليون كىشىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكەن بۇ ئىقتىدارنىڭ ئارقىسىدىكى لايىھەلەش ئۇقۇمىنى ئورتاقلاشتى.

ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرغان «ياندىن بايان» (旁白 VoiceOver)

voiceover-apple-994x400.jpg

ئايفون ئىشلەتكۈچىلەر ئايفوندىكى «ياندىن بايان» دېگەن ئىقتىدارنى كۆرسىمۇ دىققەت قىلمىغان بولۇشى مۇمكىن.
كۆرۈش سېزىمى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ ئىقتىدار كۇنۇپكىسىز iPhone نى«گەپ قىلىش» ئىقتىدارىغا ئىگە قىلغان بولۇپ، بارمىقىنى ئېكرانغا تەگكۈزسە، ياندىن بايان ئېكراندىكى مەزمۇننى ئوقۇيالايدۇ. ئۇ بولسىلا، ئېكراندىكى مەزمۇنلارنى كۆرەلمەيدىغانلار iPhone ئارقىلىق كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلام كىشىلەر قىلالايدىغان بارلىق ئىشلارنى تاماملىيالايدۇ.
2009-يىلى، ئالما iPhone OS3 گە رەسمىي«ياندىن بايان» (旁白) نى قوشتى؛ 2010-يىلى، iOS 4 تىكى«ياندىن بايان» سىرتتىن ئۇلانغان ئەمالار يېزىقى كۆرسەتكۈچنى قوللايدىغان بولدى، ئېكراندىكى مەزمۇنلارنى ئەمالار يېزىقى ئارقىلىق چىقارغىلى بولىدۇ (كۆرۈش توسالغۇسى بار كىشىلەر خەتنى «تۇتۇپ» ئوقويالايدۇ) ، ئەمالار يېزىقى ئېكرانىدىن پايدىلىنىپ يېزىق ئۇچۇرىنى كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

maxresdefault-7.jpg

2011-يىلى، iOS 5 تە يانفونىنى دەسلەپكى تەڭشەش جەريانىدا «ياندىن بايان» ئىقتىدارىنى قوللايدىغان قىلىندى، كۆرۈش توسالغۇسى بار كىشىلەر باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز بۇ ئىقتىدارنى قوزغىتىپ ئىشلىتەلەيدىغان بولدى؛ 2012-يىلى، iOS 6 دىكى «ياندىن بايان» نىڭ ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچىيىپ، بەلگىلەنگەن كۇنۇپكىلارنىڭ مەشغۇلات تۈرلىرىنى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان بولدى، مەسىلەن ئې خەتنى ئۆچۈرۈش ياكى بەلگىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلار.

ھەر قېتىملىق سىستېما يېڭىلاشتا، توسالغۇسىز لايىھەسىدىكى ئىقتىدارنىڭ ئاز-ئازدىن ئەلالاشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز. بۈگۈنگە قەدەر، «ياندىن بايان» 35 خىلدىن ئارتۇق تىلنى قوللايدۇ.

«ياندىن بايان» ئىقتىدارى قوزغىتىلغاندىن كېيىن يانفون ئېكراندىكى ھەر قانداق خەتنى ئاۋازلىق ئوقۇپ بېرىدۇ. ئورتاق تىل، ئېنگىلىزچىنى بىلسىڭىز تېخى ياخشى. ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ باشقىچىرەك تەلەپپۇزدا ئوقۇپ بېرىدىكەن. ئالپ سالونىدىمۇ بىر قانچە كۆرەلمەيدىغان تورداش بار. ئۇلار ئايفوننىڭ مۇشۇ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، سالون، تور بەتتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ چۈشىنىدىكەن؛ تور سودىسى قىلىپ كىرىم قىلىدىكەن.
(ئايفوندىكى «ياندىن بايان» رەسىمدىكى خەتنى ئوقۇيالمايدۇ، شۇڭا باشقا سالون يازمىلىرىنى رەسىمگە ئايلاندۇرۋەتمەي، ئامال بار يېزىق شەكىلدە يوللىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز)
微信图片_20200522012432.jpg

ئايفوننىڭ كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرىغانلار ئۈچۈن چىقارغان «ياندىن بايان» ئىقتىدارىدىن باشقا تەڭشەكتىكى [قوشۇمچە ئىقتىدار] نىڭ ئىچىدە يەنە ئاڭلاش ئىقتىدارى، ھەرىكەت ئىقتىدارى تۇسالغۇغا ئۇچىرىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس چىقارغان 「听力」ۋە「肢体活动能力」قاتارلىق ئىقتىدارلىرى بار، يەنە [ئۆگىنىش ئىقتىدارى] مەخسۇس سەھىپىسى بار.

8-1-1.png

خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ گەپ قىلماس بولۇپ قالغان بالىنىڭ ئالمىنىڭ ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچىسى siri نىڭ تۈرۈتكىسىدە گەپ قىلىدىغان بولغانلىقىدەك مىساللار بار.
ئالمىنىڭ توسالغۇسىز ئىقتىدارى يەنە iPhone、iPad、Mac ئۈسكۈنىلىرى ئارا سۇپا ئاتلاپ خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. مەسىلەن ئايپەدتىكى تېكىستنى كۆچۈرۈپ، ئايفونغا چاپلىغىلى بولىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان ئالما ئۈسكۈنىلىرىگە قوشۇمچە ئىقتىدار لايىھەلىگەندە، ئامال بار بىرلىككە كەلگەن مەشغۇلات لوگىكىسىنى ساقلاپ قالىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان «ياندىن بايان» ئىقتىدارىنى مىسالغا ئالساق، ئېكران ئوقۇش ھالىتىدە ئالاھىدە قول ئىشارىتى بۇيرۇقى ئارقىلىق iPhone ئىشلەتسە بولىدۇ، بۇ بىر يۈرۈش بۇيرۇق iPhone دىن iPad غا كېڭىيىپ قالماي يەنە Mac دا سېزىمچان كونترول قىلىش تاختىسى ئارقىلىقمۇ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، Apple Watch كە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر يۈرۈش بۇيرۇق مەھسۇلات تولۇق شەكىلگە كىرگۈزۈلۈشتىن بۇرۇنلا ماسلاشتۇرۇلىدۇ.

apple-pre-black-friday-holiday-gift-guide-2018-1.jpg

كىشىلەرنىڭ توسالغۇسىز لايىھەگە بولغان دىققىتىنىڭ تەدرىجى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ پەن-تېخنىكا شىركەتلىرى بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.
ئالتە يىل ئىلگىرى، ئالما iOS تا ئالتە نۇقتا ۋە سەككىز نۇقتىنى قوللايدىغان مەۋھۇم ئەمالار يېزىقى كۇنۇپكا تاختىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان ھەم 80 خىلدىن ئارتۇق تىلنى قوللىغان (پۇتۇڭخۇانىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). يېقىندا، گۇگول يېڭىدىن ئىنگلىز تىلىنى قوللايدىغان مەۋھۇم ئەمالار يېزىقى كۇنۇپكا تاختىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى، مىكروسوفت لايىھەلىگەن توسالغۇسىز Xbox كونتروللىغۇچ بولسا ئورالمىسىدىن تارتىپ ئىشلىتىشكىچە بولغان ئىشلاردا ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىغان كىشىلەرگە بولغان قولايلىق كۆزدە تۇتۇلغان.

blogpost-header-v02.gif

ئالما مۇنداق دېدى: توسالغۇسىز ئىقتىدار بىر خىل كىشىلىك ھوقۇق. بۇ سۆز پەقەت مېيىپ كىشىلەرگىلا قارىتىلغان ئەمەس. بىزنىڭ نىشانىمىز، بىز ياساپ چىققان ھەممە نەرسە توسالغۇسىز بولىدۇ، بىزنىڭ ئۈسكۈنىمىزدىكى ھەر بىر ئىقتىدار ھەممە ئادەمگە ئېچىۋېتىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部