+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-21 11:19 1387 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
شىنلاڭ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: جۇدى تور پەن-تېخنىكىسى دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركەت ياسىغان «ئۈندىدار دىيالوگ ھاسىل قىلغۇچ» ، « ئۈندىدار سودىگىرى كەسمە رەسىم ياسىغۇچ» قاتارلىق توققۇز خىل يانفون ئەپ دېتالى تېڭشۈن شىركىتى تەرىپىدىن سوتقا ئەرز قىلىنغان، ئاخىرىدا شېنجېن شەھىرى نەنشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 1-سوتتا بۇ شىركەت تېڭشۈن شىركىتىگە 750 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلىنغان.

8718367adab44aedbc91f943b81c8701a08bfbbe.jpg

بۇ 9 خىل ئەپ ئۈندىدار سۆزلىشىش خاتىرىسى، پۇل يۆتكەش خاتىرىسى.... نىڭ كەسمە رەسىملىرىنى يالغاندىن ياساشقا ئىشلىتىلگەن.

جۇدى تور پەن-تېخنىكىسى چىقارغان بۇ خىل «يالغان» نى ياسايدىغان ئەپلەر ئۈندىدار كۆرۈنمە يۈزى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان قىزىل بولاق، مېمورىيال، پاراڭلىشىش خاتىرىسى قاتارلىقلارنى خالىغانچە شەكىللەندۈرەلەيدۇ، راست-يالغاننى پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ، ھەمدە ئۇلار يەنە تور بەت نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، قىسمەن كەسىپلىرى ھەقلىق.

b48b4f88ba33404eb2445e851aa7cf6e.jpg

تېڭشۈن شىركىتى بۇ قىلمىشنى بايقىغاندىن كېيىن، بۇ ئەپلەر ئۈندىدارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، كىشىلەردە خاتا تونۇش، ئارىلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ساختىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ دەپ قارىدى.
تېڭشۈن شىركىتى جۇدى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قىلمىشى تېڭشۈن ئەسەرلىرىنى كۆپەيتىش ھوقۇقى، تارقىتىش ھوقۇقى، ئۇچۇر تورىدا تارقىتىش ھوقۇقى قاتارلىق ئەسەر ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى دەپ قاراپ، جۇدى شىركىتىدىن 10 مىليون يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلدى. شېنجېن شەھىرى نەنشەن رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بىرىنچى سوتتا جاۋابكار جۇدى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تېڭشۈن پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە 750 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشكە ھۆكۈم قىلدى.
خەلق سوت مەھكىمىسى: جۇدى تور پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تېڭشۈن پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ياراتقان ئەقلىي نەتىجىلەردىن پايدىلىنىپ، ئىجابىي، ئىجابىي ئىجتىمائىي قىممەت يارىتىشقا ئىشلەتمەي، ئەكسىچە ئابۇنىچىلارنى ساختا كۆچۈرمىچىلىك قورالى بىلەن تەمىنلەپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ۋە ھەممە ئېتىراپ قىلغان سودا ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ناتوغرا رىقابەت شەكىللەندۈرگەن، دەپ قارىغان.

بەزى تور سودىگەرلىرى ئۈندىداردا ئۆزىنىڭ سودىسىنىڭ ناھايتى ياخشىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن پۇل تاپشۇرۋالغانلىق كەسمە رەسىمنى، سۆزلىشىش خاتىرسىنى توختىماي چىقىرىدۇ. بۇنداق رەسىملەرنىڭ بەزىلىرى راست، بەزىلىرى يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان ئەپتە ياسالغان ساختا رەسىم.

aca4fdc3f315478fa2c23993842b3145.jpg

ئۇنىڭدىن باشقا ئۈندىداردىكى قىزىل بولاقنى ئاپتوماتىك تالىشىش، بىر كۇنۇپكا بىلەن توپلارغا، دوستلار چەمىبىرىكىگە يوللاش، بىر يانفوندا كۆپ ئۈندىدار ئېچىش، مەۋھۇم ئورۇن بەلگىلەش (ئورۇن ئۇچۇرىنى خاتا كۆرسىتىش) ، توپ دوست قوشۇش... قاتارلىق «ئالاھىدە» ئىقتىدارلىق ئۈندىدار، قىستۇرمىلارنىڭ ھەممىسى تېڭشۈننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە خىلاپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل ئالاھىدە قىستۇرمىلار، ئەپلەرگە نورمال بولمىغان كود يوشۇرۇنغان. بۇلارنى ئىشلەتسىڭىز ئۈندىداردىكى پۇلىڭىز، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ئۈندىدار ھېساباتىڭىزنىڭ ھەر ۋاقىت پېچەتلىنىش ئېھتىمالى بار. (پۇلغا سېتىۋېلىپ ئىشلىتىدىغانلار بار تېخى)

来源:新浪科技
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部