+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-20 09:20 1444 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-20 09:20  

تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ۋىۋو شىركىتى توردا مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ iQOO Z1 يانفوننى ئېلان قىلدى.
بۇ يانفونغا لىيەنفاكېنىڭ تىيەنجى 1000Plus مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن، قوش كارتا قوش تور 5G قوللايدۇ. WiFi 6 قوللايدۇ.
ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 144Hz ، باھاسى 2198 يۈەندىن باشلىنىدۇ.
20200519_152743_966.png

بۇ يانفوننىڭ يارقىن نۇقتىسى بۇ تۇنجى بولۇپ 天玑 1000 Plus مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن يانفون. يەنە كېلىپ قوش كارتىدا 5G+5G  قوللايدۇ؛ ھازىر 5G قوللايدىغان باشقا يانفونلار ئاساسىي كارتىدا 5G  قوللىسا، قوشۇمچە كارتىدا 4G قوللايدۇ.
20200519_145605_815.jpg

تىيەنجى 1000Plus لىيەنفاكې شىركىتىنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى بولۇپ، 7nm تېخنىكىسىدا ياسالغان. CPU ئاساسى چاستوتىسى 2.6GHz قا چىقىدۇ. كۇۋالكوم 865 ، خۇاۋېي بوبرا كىيىك 990 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە.
20200519_145151_862.jpg
Geekbench4 ، 3Dmark ، ئەنتۇتۇنىڭ سىناق قىلىپ نومۇر قويۇپ باھالىشىدا، كۇۋالكوم 865 بىرىنجى، تىيەنجى 1000Plus ئىككىنجى، بوبرا كىيىك 990 ئۈچۈنچى بولغان.

5ec3a8268e9f0902d0435577_1024.jpg

5ec3a8268e9f0902d0435578_1024.jpg

دېمەك تىيەنجى 1000Plus مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ كۇۋالكوم 865 كە يېتەلمىسىمۇ يېقىن بارغان. پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان شىياۋمى Redmi 10X يانفونىغا تىيەنجى 820 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنمەكچىكەن.
يانفون كارخانىلىرىنىڭ دۆلىتىمىز كارخانىسى لىيەنفاكې ئىشلەپچىقارغان تىيەنجى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنى سەپلىشى يانفوننىڭ باھاسىنى چۈشۈرىدۇ شۇنداقلا كۇۋالكومنىڭ مونۇپۇللۇق ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىدۇ.

5ec3a8268e9f0902d043556f_1024.jpg

5ec3a8268e9f0902d043556c_1024.jpg

iQOO Z1 گە LPDDR4X ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە UFS2.1 ساقلىغۇچ سەپلەنگەن.
ئېكرانى 6.57 دىيۇملۇقFHD+ LCD ئېكران، HDR10 قوللايدۇ، ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 144Hz (ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسىنى تەڭشەشكە بولىدۇ) ، ئالدى كامېراسى ئوڭ ئۈستى تەرەپكە تۈشۈك شەكىلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بارماق ئىزى سېنزورى يان تەرەپتە.

20200519_150237_16.jpg

5ec3a8268e9f0902d043557d_1024.jpg

كەينى كامېراسى 48 مىليون پىكسېللىق AI ئالاھىدە كەڭ بولۇڭلۇق كامېرا قاتارلىق ئۈچ كامېرادىن تۈزۈلگەن. Hyper-HDR ، كېچىدە رەسىم تارتىش، مىكرو ئارىلىقتىن رەسىم تارتىشنى قوللايدۇ.

20200519_151256_875.jpg

بۇ يانفونغا 4500mAh لىق باتارىيە سەپلەنگەن؛ ئەقىلىي ئىقتىدارلىق توك تېجەش تېخنىكىسى، سۇيۇقلۇق سوۋۇتۇش سىسىتېمىسى ئىشلىتىلگەن. 44W لىق ئالاھىدە تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ، 23 مىنۇتتا %50 زەرەتلىنىپ بولىدۇ.

20200519_150957_314.jpg

تولۇق ئىقتىدارلىق NFC، قوش ستېرېئو ئاۋازلىق ياڭراتقۇ سەپلەنگەن.

20200519_145730_424.jpg

باھاسى: 6GB+128GB سىغىملىقى 2198 يۈەن
8GB+128GB سىغىملىقى 2498 يۈەن
8GB+256GB سىغىملىقى 2798
6-ئاينىڭ 1-كۈنى سېتىش باشلىنىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部