+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-19 10:56 884 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ياساش پاي چەكلىك شىركىتى تەي جى دىيەن خۇاۋېي شىركىتىنىڭ 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق كۆپ سوممىلىق زاكازىغا ئېرىشتى. بۇ زاكازدا، ئاساسلىقى 5nm ۋە 7nm لىق ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە 5nm لىق ئۆزەك خۇاۋېي بوبرا كېيىك (چىلىن) 1000 يۈرۈشلۈك مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ ئۆزىكى ئىكەن. 7 نانومېتىرلىقى 5G ئاساسىي بەلباغ ئۆزىكى.

微信截图_20200519104651.jpg

تەي جى دىيەننىڭ زاكاز تىزىملىكىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە بۇ شىركەت پەقەت ئالما ۋە خۇاۋېيدىن ئىبارەت ئىككى شىركەتنى 5nm لىق مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگەن، ئالمىنىڭ مەھسۇلاتى بولسا A14 ئۆزەك، خۇاۋېينىڭ بولسا بوبرا كىيىك 1000 يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى ئىكەن. بۇ 700 مىليون دوللارلىق زاكازنىڭ يەنە بىر قىسمى 7nm لىق 5G ئاساسىي بەلبېغىغا قىلىنغان زاكاز. ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بوبرا كىيىك 1000 يۈرۈشلۈك ئۆزىكى خۇاۋېي Mate 40 يانفونلىرىغا تۇنجى بولۇپ ئىشلىتىلىدىكەن.

微信截图_20200519104706.jpg

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خۇاۋېينىڭ ۋاقىتلىق ئىجازىتىنى يەنە 90 كۈن ئۇزارتىپ، 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنىگە كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ ئۆزەك ياساش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىدىغان چەتئەل شىركەتلىرى خۇاۋېي ياكى خەيسى قاتارلىق شۆبە شىركەتلەرگە بەزى ئۆزەكلەرنى تەمىنلەشتىن بۇرۇن ئىجازەتنامىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ بەلگىلىمە ئىشلەپچىقىرىلغان ئۆزەكنى خۇاۋېيغا توشۇشقا رۇخسەت قىلىدۇ، پەقەت مال ئەۋەتىش ۋاقتى جۈمە كۈنىدىن باشلاپ 120 كۈن ئىچىدە تاماملانسا بولىدۇ. بۇ ئۆزەك گۇرۇپپىسى جۈمە كۈنىدىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، بولمىسا ئەڭ يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى چەكلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن خۇاۋېي بۇ زاكازنى جىددىي چۈشۈردى.

来源:头条
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部