+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-19 10:56 2089 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-19 10:16  

يېقىندىن بېرى بەزى تورداشلار يانفونىنىڭ ئۈستىدىكى ھالەت ئىستونىدا «HD» بەلگىسى پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ نېمىگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى سوراپ ئىنكاس يازدى.
HD نىڭ مەنىسى سۈزۈك (High Definition) دېگەن مەنىدە. كىنو، فىلىملەرنىڭ ئېنىقلىقىغا ئىشلىتىدىغان ئۆلچەم. 720p دىن يۇقىرى سۈزۈكلىكتىكى فىلىمنى HD دەپ ئاتايدۇ.
يانفوندا پەيدا بولغان HD بەلگىسى VoLTE سۈزۈك سۆزلىشىش كەسپى (VoLTE高清通话业务) نىڭ ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

微信截图_20200519003537.jpg

VoLTE بولسا Voice over LTE نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ،  IMS ئاساسىدىكى ئاۋاز كەسپى.  بىر خىل IP سانلىق مەلۇمات يوللاش تېخىنىكىسى. 4G تورىغا تايىندۇ. ئاۋاز ۋە سانلىق مەلۇمات ئوخشاش بىر توردا يوللىندۇ. 4G تورىدىن پايدىلانغان بولغاچقا VoLTE دا يوقىرى سۈپەتتە ئاۋازلىق، سىنلىق سۆزلەشكىلى بولىدۇ.

_tR0-fxmueaa3680691.jpg

VoLTE كەسپى ئېچىلىپ، HD بەلگىسى پەيدا بولغان يانفوندا قارشى تەرەپ بىلەن بىۋاستە سىنلىق سۆزلەشكىلى بولىدۇ.
VoLTE كەسپى ئېچىلىسا سۆزلىشىۋاتقاندا تور ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.
قوش كارتىنىڭ ئىككىلىسى VoLTE قوللىسا بىر يانفونغا ئىككى تېلگراف كارتىسى سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

微信截图_20200519003333.jpg

بۇ خىل سىنلىق سۆزلىشىش گەرچە تورنى ئىشلەتسىمۇ ئايرىم ھەق ھېسابلىندۇ. مىنۇتىغا 0.29 يۈەن ھەق ھېسابلايدىكەن.
ئەلۋەتتە ئىككىلا تەرەپ ئۈندىدار ئىشلەتسە ئۈندىداردا سىنلىق پاراڭلاشسا ھەقسىز؛ ماۋۇ بىۋاستە تېلېفون ئۇرۇش شەكىلدە سىنلىق سۆزلىشىشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. ئۈندىدار دېگەندەك ئۈچۈنچى تەرەپ ئەپكە بېقىنمايدۇ؛ قارشى تەرەپ ئۈندىداردا بولمىسىمۇ، تېلېفون نومۇرى بولسىلا بىۋاستە سىنلىق سۆزلەشكىلى بولىدۇ.


微信截图_20200519003649.jpg

بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ سىنلىق سۆزلىشىش ئۈچۈن:
يانفون VoLTE نى قوللىشى كېرەك (ھازىرقى ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفونلار ئاساسەن قوللايدۇ)
يانفون 4G تورى ئېچىلغان بولۇشى كېرەك.
يانفونىڭىزنىڭ تەڭشىكىدىن 启用VoLTE高清通话 نى ئېچىشىڭىز كېرەك.

微信截图_20200519003439.jpg

سىز تەۋە خەۋەرلىشىش شىركىتى سىز تۇرۋاتقان رايوندا VoLTE كەسپىنى ئېچىشى كېرەك.

يانفوندا HD بەلگىسىنىڭ پەيدا بولغانلىقى يۇقارقى شەرتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
يانفونىڭىزنىڭ 启用VoLTE高清通话 تەڭشىكىنى ئېچىپمۇ HD بەلگىسى پەيدا بولمىسا خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئاچقۇزسىڭىز بولىدۇ.
微信截图_20200519003504.jpg

سىنلىق سۆزلىشىش 3G دەۋرىدىلا پەيدا بولغان. ئۇ چاغدا تور ئاستا، يانفوننىڭ ئىقتىدارى چەكلىك، سىنلىق سۆزلىشىش ھەققى قىممەت بولغاچقا ئومۇملاشمىغان.
يېقىندىن بېرى بۇ ئىقتىدار ئابونت ئىلتىماس قىلمىسىمۇ ئاپتوماتىك ئېچىلىشقا باشلىدى. 5G دەۋرىدە سىنلىق سۆزلىشىش ئاساسى ئېقىمغا ئايلىنىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部