+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-18 10:09 1500 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
جۇڭشىڭ يانفونى بىلەن جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيە تورى دۆلەت ئىچىدە تۆۋەن چاستوتىلىق بۆلەكتىكى 5G يانفونىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش سىنىقىنى تاماملاپ، 5-ئاينىڭ 17-كۈنى «دۇنيا تېلېگراف كۈنى» دە تۆۋەن چاستوتىلىق بۆلەك تورىدىكى VoNR ئاۋازلىق / سىنلىق سۆزلىشىش سىنىقىنى ئىشقا ئاشۇردى.
جۇڭشىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى سىناق قىلىنغان تېرمىنال جۇڭشىڭ پات ئارىدا ئېلان قىلىدىغان 5G نىڭ ئەڭ يېڭى تىپى − جۇڭشىڭ تيەنجى Axon 11SE 5G بولۇپ، بۇ قېتىمقى تېلېفونلىشىش سىنىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى جۇڭشىڭ 5G يېڭى يانفونىنىڭ جۇڭگو رادىيو-تېلېۋىزىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ تور چاستوتا بۆلىكىدىكى 5G يانفونىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

20200517_163246_952.jpg

جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى شىئەن تەجرىبە بازىسىدا 700MHz چاستوتىدا ئاۋازلىق / سىنلىق (5G VoNR) نى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ سىناقتا ئىشلەتكەن 5G تېرمىنالى جۇڭشىڭ تيەنجى Axon 11 SE 5G يانفونى. بۇ تۆت چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 5G تورىنى قوللايدىغان تۇنجى يانفون.
جۇڭشىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆچمە خەۋەرلىشىش ساھەسىدە، تۆۋەن چاستوتىلىق بۆلەك ئادەتتە «ئالتۇن چاستوتا بۆلىكى» دەپ قارىلىدۇ، سىگنال قاپلاش دائىرىسى كەڭ، تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، تەنئەرقى تۆۋەن، چوڭ دائىرىدە ئۇدا تور قاپلاشقا ماس كېلىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
دۆلىتىمىزدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، جۇڭگو تېلگىرافى قاتارلىق ئۈچ خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن باشقا جۇڭگو رادىئو-تېلۋىزىيە تورىمۇ 5G تارقىتىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى تۆتىنجى چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە 5G تور چاستوتىسىنى تەقسىم قىلغاندا رادىئو-تېلېۋزىيە تورىغا ئەڭ ياخشى چاستوتا بۆلىكى تەقسىم قىلىنغان.
جۇڭشىڭ تيەنجى Axon 11 SE 5G بۇ قېتىمقى سۆزلىشىش سىنىقىدا ئاۋازلىق ئۇلاش ئىقتىدارى مۇكەممەل، سىنلىق سۆزلىشىش ئۈنۈمى ياخشى بولدى. بۇ يانفون 6-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

来源:头条

1ئادەم ئىنكاس يازدى

yahxidost ۋاقتى: 2020-5-18 17:36:55
مەن كوچمە خەۋەرلىشىش كارتىسىدا باشقىلار بىلەن سىنلىق سوزلىشۋاتقىلى 1ئايدىن ئاشتى، لىكىن بۇنىڭغا ئايرىم 1مىنۇتىغا 0.29مو پۇل تۇتىدىكەن، ئىشلىتىش ھەققى ئايرىم چىقىدىكەن، تىلفوننىڭHDبەلگىسى چىققان تىلفونلاردىلا ئىشلەتكىلى بۇلىدىكەن،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部