+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-18 10:09 1152 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، شەخسى ئۈندىدار سالونىنى دەللىگىلى بولمايتى.
ئۈندىدار سالوننى دەلىللەش ئۈچۈن يەككە تىجارەتچى، كارخانا، تاراتقۇ، ئىجتىمائىي تەشكىلات، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى... قاتارلىق تىجارەت كېنىشكىسى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى بار ئورۇنلارنىڭ نامىدا قۇرغان سالون بولسا بولاتتى.

5ec0bedb622768a1da000fbb_1024.jpg

5ec0bedb622768a1da000fb4_1024.jpg

يېقىندا ئۈندىدار ئارقا سۇپىدا بەزى شەخسىي نامىدا قۇرغان سالونغا ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىپ، شەخسلەر تىپىدىكى ئۈندىدار سالونىنى يېڭى دەلىللەش ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى، شەخسي ئۈندىدار سالونىنى دەلىللەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۈندىدار تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈندىدار سالونى ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرىنىڭ چىنلىقى، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۈندىدار  سالونىغا «شەخسىي دەلىللەش» ئۇسۇلى يېڭىدىن قوشۇلدى. شەخسىي سالون دەلىللەنگەندىن كېيىن، سالون بېتىدە دەلىللەش ئۇچۇرى، دەلىللەنگەن سالونغا خاس بەلگىلەر كۆرسېتىلىدۇ. بىر تەبىئىي يىل ئىچىدە شەخسىي سالوننى ئىككى قېتىم دەللىلىگىلى بولىدۇ.

نۆۋەتتە، شەخسىي سالوننى دەلىللەش ئىقتىدارى ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇپ، قىسمەن مەزمۇنى ياخشى، ئىجادىيەت يازمىلارنى كۆپ يوللىغان شەخسىي ئۈندىدار سالونىغا دەلىللەشنى ئىلتىماس قىلىش ئېچىپ بېرىلگەن. قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار ياكى شەخسىي ئالاھىدىلىكى، خاسلىقى بولمىغان شەخسىي سالونغا دەلىللەشنى ئىلتىماس قىلىشنى قوللىمايدۇ.

شەخسىي سالوننى دەلىللەش ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر، يازغۇچىلار ۋە باشقا خاسلىققا ئىگە يازما يوللايدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش.

2020051514253450701.jpg

سالون دەلىللەنگەندىن كېيىن، سالۇن قۇرغۇچى تېخىمۇ كۆپ ئۇلاش ئېغىزى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ. سالونغا تىزىملىك چىقىرالايدۇ. ھەقلىق تېما يوللاش ئىقتىدارىنى ئاچالايدۇ. ئۇچۇر يوللاش، ئابونت باشقۇرۇش، كۆرۈنمە يۈزى مول بولۇش، خام ماتېرىيال باشقۇرۇش، ھەمبەھىرلەش ئۇلاش ئېغىزى، ئۈندىدار كىچىك دۇكىنى، ئۈندىدار كارتىسى بېلىتىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، بەزى ھوقۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولىدۇ.

2020051514253450705.jpg

دەلىللەشتىن بۇرۇن ۋە دەلىللەشتىن كېيىنكى سالون ئۇلىنىش ئېغىزىنىڭ ھوقۇق پەرقى تۆۋەندىكى جەدىۋەلدە كۆرسىتىلدى.

5ec0bedb622768a1da000fb6_1024.jpg

ئەسلىدىكى ئۈندىدار سالوننى دەلىللەشنى پەقەت كارخانا نامىدا قۇرغان سالونلار قىلالايدۇ، ھەر قېتىملىق دەلىللەش ئۈچۈن 300 تەكشۈرۈش ھەققى تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھەر يىلى داۋاملىق 300 يۈەن تاپشۇرۇپ يىللىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىدۇ.
يېڭى سىناق قىلىۋاتقان شەخسىي ئۈندىدار سالوننى دەلىللەشتىن ئۆتكۈزدىغاندا تەكشۈرۈش ھەققى ئېلىنمايدۇ، چەكلىمە بولسا بىر يىلدا پەقەت ئىككى قېتىم ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ.
ئىلتىماس قىلغاندا، شەخسىي ئۈندىدار سالونى ئىگىسىنىڭ شەخس نامى، يوللىندىغان مەزمۇن تۈرى، ۋەكىللىك ئەسىرى قاتارلىق ئاساسىي ماتېرىياللارنى تولدۇرۇشى كېرەك.

5ec0bedb622768a1da000fba_1024.jpg

来源:腾讯科技
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部