+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-17 12:17 2145 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-17 13:22  

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلەت ئىچىدىكى يان تېلېفون بازىرىدا «5G ئارقىلىق 4G نى قورشاپ يوقىتىش 5G围剿4G » ۋە « باھا ئۇرۇشى 价格大战 » دىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆز پەيدا بولغان.

20200517_103601_470.png

ئىزچىل يۇقىرى سەۋىيەدە مېڭىۋاتقان ئالما يانفونىنىڭ باھاسى يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن چۈشتى، ئالدىنقى ھەپتە ئالما ئورگان تورىدا iPhone 11 نىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1600 يۈەن چۈشتى، يۈرۈشلۈك ئايفونلارغا ئەڭ يۇقىرى ئېتىبار باھاسى 2600 يۈەن بولدى. ئىلگىرى يۇقىرى ئىستېمال ئۆلچىمىگە ئايلانغان ئالما ئايفوننىڭ باھاسى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆزلۈكىسىز چۈشتى. بۇ يىل 4-ئايدا بازارغا سېلىنغان يېڭى iPhone SE يانفونىنىڭ باھاسى 3299 يۈەن بولۇپ، ئالما تارىخىدىكى سېتىلىش باھاسى ئەڭ تۆۋەن iPhone بولۇپ قالغان.
ئالما شىركىتى راستىنلا باھا ئۇرۇشى قىلىۋاتامدۇ؟
سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى خەۋەرلىشىش ئىقتىسادى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ شىڭلياڭ مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئالمىنىڭ ئامبار بىكارلاش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن. ئايفوننىڭ يېڭى تىپى تېزلا ئېلان قىلىنىدۇ، بۇنداق چاغدا كونا تىپىنى سېتىپ چىقىرىپ ئامبارنى بىكارلىمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇم مەزگىلىدە تېزدىن مەبلەغ ئوبورۇتى قىلىشقا مۇھتاج.

iphone-compare-models-201909.jpg

ئالما ئۈچۈن يەنە بىر رىقابەت ئاندىرويىد 5G لاگېرىنىڭ «قورشاپ ھۇجۇم» دىن بولغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خۇاۋېي، روڭياۋ، شىياۋمى، vivo، OPPO، سامسۇڭ قاتارلىق كارخانىلارنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى 5G يانفونى جىددىي بازارغا سېلىندى. 5G تېرمىنالى جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە، 96 خىل 5G يان تېلېفون تېرمىنالى تورغا كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، بۇلتۇر 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا 39 خىل ئىدى. 5G يانفونلىرىنىڭ باھاسىمۇ تېز سۈرئەتتە چۈشىۋاتىدۇ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولدى.
ئالمىنىڭ  5G قوللايدىغان يانفونى 9-ئايلاردا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. مۇشۇ خىل ۋەزىيەت ئالمىنى باھا چۈشۈرۈشكە مەجبۇرلىدى.

ئالما ئىگە تەرەپ تور بەت ئادرېسى: https://www.apple.com.cn

来源:IT之家
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部