+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-17 12:16 3554 قېتىم كۆرۈلدى 5 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-17 11:41  

Windows 10 يېقىندا بۇ يىللىق چوڭ يېڭىلىنىپ، MSDN غا چىقىرىلدى. نەشىر نومۇرى (Build 19041.208 (v2004
بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا مىخانىك قاتتىق دېسكا، CPU غا چۈشىدىغان يۈك ئازايتىلدى، 32 بىتلىق نۇسخىسىدىن ۋاز كەچتى. مىكروسوفت ئادەتتە ئالدىنقى يېرىم يىللىق يېڭىلىنىشتا ۋىندوۋس مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئىقتىدار قوشىدۇ، كېيىنكى يېرىم يىلدا Bug ئوڭشايدۇ؛ شۇڭا بۇ قېتىم قوشۇلغان، يېڭىلانغان ئىقتىدارلار بۇ يىلقى ئاساسلىق ئىقتىدارلاردۇر. يىل ئاخىرغىچە بۇنىڭدىن باشقا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ.

S31c09224-ce63-44d8-88c1-71c3013ff553.jpg

بۇ قېتىم Windows 10 غا قوشۇلغان، يېڭىلانغان ئىقتىدارلار.

1. ۋىندوۋس 10 ئەمدى «قاتمايدۇ»
Windows 10 v2004 بىر تۈرلۈك پۈتۈنلەي يېڭى بولغان قاتتىق دىسكىنىڭ يۈكىنى تەكشۈرۈش مىخانىزمىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، قاتتىق دىسكىنىڭ يۇقىرى پەللىدىكى ئىشلىتىش ۋاقتىنى ئاپتوماتىك پەرق ئېتىپ، Windows ئىندېكسىنىڭ خىزمىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ ياكى ئاستىلىتىدۇ. ئەڭ بىۋاسىتە ئىپادىسى شۇكى، ئىلگىرىكى قاتتىق دىسكا چىرىقىنىڭ زىيادە يورۇتۇش ھادىسىسى (قاتتىق دېسكىنىڭ ئۆزلىكىدىن توختىماي ئىشلەپ كېتىشى) زور دەرىجىدە ئازىيىدۇ، بولۇپمۇ SSD سەپلىمىگەن مېخانىكىلىق قاتتىق دىسكا ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر خۇش خەۋەر ھېسابلىنىدۇ.
Sb87b7298-1a45-4677-a2e4-0f1ecd649e1f.jpg

2. يېڭى نۇسخىدىكى Cortana
مىكروسوفت ئەقىلىي ئىقتىدارلىق ياردەمچىسى Cortana بۇ قېتىم كۆرۈنەرلىك ئۆزگەردى ، نۇرغۇن دىئالوگ لوگىكىسى قوشۇلدى ، نۇرغۇن مەشغۇلاتلار كونا نەشرىگە ئوخشىمايدۇ ، يېڭى كۆرۈنمە يۈزىدە ئالاھىدە لايىھە ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئابونتلار Cortana نى ئېكراندىكى كۆزنەككە ئوخشاش خالىغان ئورۇنغا سۆرىيەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، يېڭى Cortana كەچلىك ھالەتنى قوللىدى.
Sfbde9b16-ba2e-47c2-8f5f-de0ad60362bd.jpg

3. باشلاش تىزىملىكىنىڭ كۆرۈنمە يۈزىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى
باشلاش تىزىملىكىنىڭ UI رەڭگىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى. باشلاش تىزىملىكىگە چىقارغان سىنبەلگىنىڭ تەگىلىكى سىترېئولۇق ئۈنۈمدە كۆرۈنىدۇ.
S92c1151c-65e1-45f5-9a3a-4c93ceb84438.jpg

4. ۋەزىپە باشقۇرغۇچىقا «دېسكا تۈرى» قوشۇلدى.
يېڭىدىن HDD/SSD دېسكا تۈرىنى كۆرگىلى بولىدىغان ئىقتىدار قوشۇلدى. ھەر قايسى دېسكىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەش ئەھۋالىنى ئايرىم كۆرگىلى بولىدۇ.
Sddefbbc9-f0d7-4b9b-96dc-33096d14beeb.jpg

5. GPU تېمپېراتۇرىسىنى كۆرسىتىش
بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا سىنكارتا GPU تېمپراتۇرسىنى كۆرسىتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى، ھازىرچە NVIDIA سىنكارتىنىڭ تېمپېراتۇرسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. AMD سىنكارتىنى قوللىمايدىكەن.
236159e1-7257-4e22-b508-5023081ef216.jpg

6. يېڭىچە خاتىرە دەپتەر
خاتىرە دەپتەر (记事本) گە يېڭىدىن خەت نۇسخىسىنى تەڭشەش، قۇر سىتون ئورنىغا بەلگە سېلىش، بىر كۇنۇپكا بىلەن ئىزدەش، UTF8 تە كودلاش، ساقلانمىغاننى ئەسكەرتىش قاتارلىق ئىقتىدارلار قوشۇلدى.
Sb8c97b76-6b6a-4165-b537-3687065cfcbc.jpg

7. كۆكچىش
كۆكچىش كۆزنىكى ئۆزگەرتىلىپ، تېخىمۇ ئاددىي ئۇسۇلدا ئۇلاشقا بولىدىغان قىلىندى. ئۇقتۇرش مەركىزى ئارقىلىقمۇ كۆكچىشنى ئۇلاشقا بولىدۇ.
Sa455b4cb-4456-450c-b3e8-1728f3d9249c.jpg

8. قاتتىق دېسكا تازىلاش
بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا دېسكا تازىلاش (磁盘清理) تىكى چۈشۈرگەن ھۆججەت قىسقۇچ (下载文件夹) دېسكا تازىلاشتىن چىقىرۋېتىلىپ، ئىشلەتكۈچىنىڭ ئۇقۇشماي توردىن چۈشۈرگەن مۇھىم ھۆججەتنى ئۆچۈرۋېتىشنىڭ ئالدى ئېلىندى.
S7f0ecb17-5610-435b-9ba9-d450d2121bd2.jpg

9. ئويۇن جەھەتتە ياخشىلاندى
كۆپ ئېكراننىڭ يېڭىلاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ، ئىككى ئېكران ئارىسىدىكى كۆزنەكلەرنى يۆتكەش كەلتۈرۈپ چىقارغان قېتىۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، پۈتۈنلەي يېڭى DirectX 12 Ultimate يەنە Raytracing 1.1 قوللاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.  بۇنىڭ بىلەن سىنكارتا بايلىقى ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئىشلەپ، ئويۇننىڭ راۋانلىقى ياخشلىنىدۇ.
Se4a6ec30-b9f2-4a15-a479-7cfe36862455.jpg

10. ئاڭلاپ يېزىش تېخىمۇ كۆپ تىلنى قوللايدىغان قىلىندى.
ۋىندوۋس 10 دا بىۋاستە ئاڭلاپ يېزىش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئەسىلدىكى ئېنگىلىزچە ۋە پۇتۇڭخۇانى قوللاشتىن بۇ قېتىم ئېنگىلىزچىنىڭ كانادا، ئەنگىلىيە، ئاۋىستىرالىيە، ھىندىستان تەلەپپۇزى، فىرانسۇزچە، گېرمانچە، ئىتالىيانچە، ئىسپانچە... قاتارلىق كۆپلىگەن تىللارنى قوللاشقا كېڭەيدى. تىل تەڭشەش كۆرۈنمە يۈزى ئۆزگەرتىلدى. ( Win+H كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئاڭلاپ يېزىش ئىقتىدارنى قوزغىتىشقا بولىدۇ.)
Saa78e199-9d31-47af-8ef6-025937dfda6d.jpg

11. سىستېمىنى يېڭىلاشتا ئېقىمنى چەكلىگىلى بولىدىغان قىلىندى
Windows 10 نىڭ يېڭىلىنىشى كۆپ ۋاقىت ۋە تور سەرپ قىلىدۇ. بۇ كۆچمە تور ئىشلىتىدىغانلارغا ياخشى ئىش ئەمەس. بۇ قېتىم يېڭىلىنىشتا «设置-传递优化-高级选项» تەڭشىكىگە تور ئېقىمنىڭ يۇقىرى چېكىنى بەلگىلەپ قويۇشقا بولىدۇ.
96cb819a-265a-4029-b71b-ccad673319e7.jpg

12. PUA قوغداش
بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا بىخەتەرلىك تەڭشىكىگە قارشى ئېلىنمايدىغان پىروگرامما - (不受欢迎程序( PUA دەپ بىر تۈر قوشۇلغان، «安全中心-应用和浏览器控制-基于声誉的保护-阻止可能不需要的应用» نىڭ ئىچىدە.
بۇ تەڭشەك ئېچىلغاندىن كېيىن سىستېما ئېلان، شىفىرلىق پۇل كان قېزىش پروگراممىسى (BT پۇلى قېزىش)، باشقا ئەخلەت قىستۇرما، پروگراممىلارغا باغلانغان دېتاللارنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ توسىدۇ.
S311797b3-7d4a-453b-a062-b8a88176182d.jpg

13. سىستېمىغا قوشۇۋېتىلگەن تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دېتال، بۆلەكلەرنى ئۆچۈرۋېتىشكە بولىدۇ
بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا Windows Media Player、Microsoft画图 ، خاتىرە دەپتە قاتارلىق مىكروسوفت ئۆزى سىستېمىغا قوشۇۋەتكەن دېتاللارنى ئۆچۈرۋېتىشكە بولىدۇ. 设置-应用-应用和功能-可选功能 گە كىرىپ ئۆچۈرۈش مەشغۇلات قىلسا بولىدۇ.
135e8453-2b4e-4228-b25f-fe53e095a04f.jpg

14. بۇلۇتتىن چۈشۈرۈش
بۇرۇنقى سىستېما قاچىلاشتا سىستېما تەسۋىر ھۆججىتى (.iso)، بارماق دېسكا قاتارلىقلار لازىم بولاتتى.
Windows 10 v2004 كە بۇلۇتتىن چۈشۈرۈش (بۇلۇتتىن قاچىلاش) دەپ بىر تۈر قوشۇلدى. بۇنىڭدا ۋىندوۋسنىڭ قاچىلاش ھۆججىتىنى بۇلۇت مۇلازىمىتېرىدىن بىۋاستە چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بولىدۇ.
S993bad6c-17af-49c0-9457-bed74f1ee442.jpg

15. ئەمدى 32 بىتلىق ۋىندوۋس تەمىنلەنمەيدۇ.
مىكروسوفت بۇ قېتىمقى نەشىرىدىن باشلاپ OEM كارخانىلىرىغا 32 بىتلىق Windows 10 تەمىنلەشنى توختاتتى. 32 بىتلىق سىستېمىدىن تولۇق ۋاز كەچتى. بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈنلەي 64 بىتلىق دەۋرگە كىردۇق.
f8745cef-4c46-42bd-8ab8-f3d744f7a3b2.jpg

يېڭىلانغان باشقا ئىقتىدارلارمۇ بار بولۇپ، كېيىنكى قېتىمدا تونۇشتۇرىمىز.

قوشۇمچە: بۇ يەرنى چەكسىڭىز ۋىندوۋس 7 نى Windows 10 غا ھەقسىز كۆتۈرۈش ئۇسۇلى بار.

来源: PConline

5ئادەم ئىنكاس يازدى

ARISTO ۋاقتى: 2020-5-18 12:22:09
نەدىن تەكشۈرەيمىز قايسى نەشىرى ئىكەنلىكىنى
aliptori ۋاقتى: 2020-5-18 13:22:49
ARISTO يوللىغان ۋاقتى  2020-5-18 12:22
نەدىن تەكشۈرەيمىز قايسى نەشىرى ئىكەنلىكىنى

win+r نى بېسىپ ئىجراغا dxdiag نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلدۇرسىڭىز نەشىر نومۇرى كۆرۈنىدۇ
كارۋان159 ۋاقتى: 2020-5-19 20:22:55
مىنىڭ كومپيۇتېرىمغا تېخى يىڭلاش  ئۇچۇرى كەلمىگەن ئوخشايدۇ
Omar14 ۋاقتى: 2020-5-27 17:03:10
itellyou نىڭ يېڭىلاش قورالىنى ئىشلىتىپ يېڭىلاۋاتىمەن ، بىلمىدىم قايسى نەشىرىگە يېڭىلايدىكى  

يېڭىلاش قورالىنىڭ ئەدرىسىنى بەھىرلەپ قويدۇم
https://www.microsoft.com/en-us/software-download/windows10
无标题.jpg
Omar14 ۋاقتى: 2020-5-29 13:21:46

itellyou  دىكى يېڭىلاش قورالى ئارقىلىق يېڭىلاش مەغلۇپ بولدى ، شۇنداقلا كومپيۇتېرىمنىڭ ھەممە دېكىسىنى فورماتلىۋىتىپتۇ ، ئەجەپ ئاچچىقىم كەلدى ، كومپيۇتېرىم قوزغىلالماس بوپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن مىكروسوفت ئورگان تورىدىن   v2004 نەشېرنى چۈشۈرۈپ PE دا كىرىپ يېڭىلىۋالدىم ، تورداشلارغا دەيدىغىنىم ، ھەرگىزمۇ توردا تۇرۇپ سېستېما يېڭىلاپ قاچىلايدىغان ئىشنى قىلماڭلا .  


无标题.jpg
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部