+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-16 11:04 1454 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
5-ئاينىڭ 14-كۈنى سامسۇڭ بىلەن كورېيە تېلېگرافى SK ھەمكارلىشىپ دۇنيادىكى تۇنجى 5G كۋانت يانفونىنى ئېلان قىلىپ، Galaxy A Quantum (بۇ Quantum نىڭ مەنىسى« كۋانت» ) دەپ نام بەردى. بۇ يانفوننىڭ كورىيەدە رەسمىي بازارغا سېلىندىغان ۋاقتى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ زاكاز قىلىنغان، سېتىلىش باھاسى 530 ئامېرىكا دوللىرى، تەخمىنەن 3758 يۈەن ئىكەن، ئەھۋالدىن خەۋەردار خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون دانىگە يەتكەن.

f97607d0-a732-434d-80b2-3ca979bcd9de.jpg

بۇ يانفونغا 6.7 دىيۇملۇق ئېكران ئورنىتىلغان بولۇپ، ئالدى كامېراسى تۆشۈك شەكىلدە ئورنىتىلغان، كەينىگە تۆت كامېرا ئورنىتىلغان، 4500 مىللىئامپېرلىق چوڭ باتارېيە سەپلەنگەن، 25W لىق تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

369d999b-aa3f-4cbc-89cc-b96220c5045f.jpg

بۇ يانفونغا ئاساسلىقى كىۋانت ئىختىيارى سان ھاسىللىغۇچ (QRNG) ئۆزىكى توپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، يانفون مەخپىي نومۇرىنىڭ يېشىلىش قىيىنلىق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان. (خاككېرلار يېشەلمەيدۇ دېيىلىۋاتىدۇ)

fe2f678f-3a8d-46ba-8ace-689a2a1b0cd7.jpg

بۇ ئۆزەكنىڭ ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى فوتوكۋانت ھالىتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ئېرىشكەن تاسادىپىي سان ئارقىلىق شىفىرلايدىغان بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى تاسادىپىيلىققا ئىگە، شىفىرنىڭ يېشىلىشىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پۇل تۆلەش، ئېلېكتىرونلۇق سالايىھەتنى دەلىللەش ۋە بەزى مۇھىم ھۆججەتلەرنى ساقلاشتا بىخەتەرلىكنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

iskender933 ۋاقتى: 2020-5-18 20:02:45
بۇ تىلفۇننىڭ قانداق ئەھمىيتى بار ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部