+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-16 11:04 1874 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-16 11:04  

5-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلقئارالىق «تېلگراف كۈنى». بۇ قېتىمقى تېلېگراف كۈنىنى خاتىرلەش ئۈچۈن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئابونتلارغا جاۋاپ قايتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى.

fe0b97a12c934dca9b2d3160a81c9beb.jpg

20 يىل ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ خەۋەرلىشىش ئىشلىرى ئەمدىلا باشلانغان بولۇپ، تېخنىكا، تەجرىبە، ئىختىساسلىقلار كەمچىل ئىدى. 20 يىلدىن كېيىن، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى 1G ئاق قېلىش، 2G دا ئەگىشىپ مېڭىش، 3G دا بۆسۈش ھاسىل قىلىش (بازار ئىگىلەشتە كەينىدە قېلىش)، 4G دە ماس قەدەمدە بولۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئاخىرى 5G دا يېتەكلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 5G نى ھەقىقىي تۈردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئېقىمغا ئايلاندۇردى. كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ تېزلەتكۈچىسى، رەقەملىك جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇل تېشىغا ئايلاندۇردى. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 124 مىڭنى قۇرۇپ، 56 شەھەرنى قاپلاپ، دۇنيا بويىچە 5G تورىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، 5G خېرىدارلىرى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان تېلېگراف تىجارەت شىركىتىگە ئايلاندى. 5G تەرەققىياتىنى تېزلىتىش جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ نىشانى بولۇپلا قالماي، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق نىشانى.
جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرىنىڭ تاللىشى ۋە داۋاملىق ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، 5-ئاينىڭ 17-كۈنى«جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، جاۋاب قايتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى» نى باشلايدۇ.

ff6981b54992468ab6cf5f753d0b2e01.jpg

تور يېشىنى تەكشۈرۈپ (网龄 ، كۆچمە خەۋەرلىشىشنى ئىشلەتكەن يىل سانى) ، مىدال ئېلىپ، بەش چوڭ ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇش. كۆچمە خەۋەرلىشىشنى ئىشلەتكەن ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا شۇنچە كۆپ ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدۇ.
5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە 10086 گە «2020» نى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ يوللىسا ئابونتنىڭ تور يېشىغا ئاساسەن مەخسۇس مېدالغا ئېرىشىدىكەن ھەمدە «5G مۇلازىمىتى، كەڭ بەلباغلىق توردىن بەھرىمەنن بولۇش، تۇغقانلار ئارا سۆزلىشىش مۇلازىمىتى، ھوقۇققا ئېرىشىش مۇلازىمىتى» (5G畅玩服务、宽带畅享服务、亲情畅聊服务、全球通尊享服务、权益惠享服务 ) قاتارلىق بەش چوڭ ئېتىباردىن بەھرىمەن بولىدىكەن. كۆچمە خەۋەرلىشىشنى ئىشلەتكەن ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا بەھرىمەن بولىدىغان ئېتىبار شۇنچە كۆپ بولىدىكەن.

098e0d9fb8734daabaff7e33c135c9ab.jpg

« يېڭى ئۇل ئەسلىھە، يېڭى ئىستېمال، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى 5G ئېكولوگىيە ھەمكارلىق ھەمراھلىق يىغىنى»
5- ئاينىڭ 17- كۈنى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ھەمكارلىق ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە «يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش، يېڭى ئىستېمال، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى − 5G ئېكولوگىيە ھەمكارلىق ھەمراھلىق يىغىنى» ئاچىدۇ مال زاكاز قىلىش يىغىنى ھالقىسىدا، ھەمكارلىق كارخانىسى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ سېتىش سۇپىسىدا 5G بازىرى ئىتتىك يان تېلېفون، VR قاتارلىق 5G تېرمىنالىنى ئېتىبار باھادا زاكاز قىلسا بولىدۇ.

62d5e8cc31634a9eb7ebeb662cc3844b.jpg

5G لىق بىۋاسىتە تارقىتىش، 5G  يانفوننى ئېتىبار باھادا سېتىۋېلىش
5-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن باشلاپ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ئەپ دېتالى، 10086 ئەپى (中国移动APP、10086APP)، ئالىپاي 10086 تۇرمۇش قانىلى قاتارلىق بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىلىرىدا 100 مەيدان چوڭ تىپتىكى بىۋاسىتە كۆرسىتىش: « G5 بىۋاسىتە كۆرسىتىش كارنىۋالى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى  شياۋمى، خۇاۋېي قاتارلىق يانفون كارخانىلىرى بىلەن بىرلىشىپ چىقارغان كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ 20 يىللىق خاتىرە نۇسخىسى  خۇڭمى K30 5G ۋە خۇاۋېي nova7 5G يانفونىنى بىۋاسىتە ئېتىبار باھادا تارقىتىدۇ، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى تېرمىنال بىلەن بىۋاسىتە سوۋغات بوغچىسى، ئېقىم مىقدارى سوۋغات بوغچىسى، ھوقۇق ـ مەنپەئەت سوۋغات بوغچىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئېتىبار بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە «يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، ئېقىم مىقدارىنى يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى باشلاپ، ئابۇنىچىلار نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتىدىن بىرنى سېتىۋالسا، 1GB ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشەلەيدۇ. بىر قىسىم بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە يەنە مۇكاپاتلىق چەك تارتىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

قوشۇمچە: 517 تېلېگراف كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى
دۇنيا تېلېگراف كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى تېلېگراممىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىدىن كەلگەن. 1844-يىلى تېلېگرامما ئاممىۋى ئالاقىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، تېلېگراممىنىڭ ئەڭ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپادىكى بىرقانچە دۆلەتتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «گېرمانىيە-ئاۋسترىيە تېلېگرامما ئىتتىپاقى» ۋە «غەربىي ياۋروپا تېلېگرامما ئىتتىپاقى» قۇرۇلغان.
1865-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، خەلقئارا تېلېگرامما ئالاقىسىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، فىرانسىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق 20 ياۋروپا دۆلىتىنىڭ ۋەكىللىرى پارىژدا «خەلقئارا تېلېگرامما ئەھدىنامىسى» نى ئىمزالىغان، خەلقئارا تېلېگرامما ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. 1932-يىلى 70 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھىرىدە يىغىن ئېچىپ، 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي «خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى» غا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.

de4b697b648647ed9048d431b09b002d.jpg

1969-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىنىڭ 24-نۆۋەتلىك مەمۇرىي كېڭىشى قارار ماقۇللاپ، خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلغان كۈنى 5-ئاينىڭ-17 كۈنىنى «دۇنيا تېلېگراف كۈنى» قىلىپ بېكىتىشنى قارار قىلغان ھەمدە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەردىن 1969-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

来源:头条
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部