+تېما يوللاش
alip يوللانغان ۋاقتى:2020-5-15 11:10 1336 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
90-يىللاردىكى ئۆچرەت تۇرۇپ تېلېفونلىشىدىغان تېلفون بوتكىسى كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك.

ce5adf60809a4d888b80e3e58badcbb4.jpg

كېيىن بۇ تېلفون بوتكىلىرى «WiFi بوتكىسى» غا ئۆزگەرتىلىپ كىشىلەرنىڭ ۋايفاي سىمسىز تورغا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلغان.

bf1fd0a103c44a5c82fba2ffe99bd037.jpg

ئۇنىڭدىن كېيىن «كىتاب، گېزىت ئوقۇش بوتكىسى» غا ئۆزگەرتىلىپ، كىشىلەرنىڭ تېلېفون ئۇردىغان، ۋايفاي ئارقىلىق تورغا چىقىدىغان، كىتاپ، گېزىت ئوقۇيدىغان، ئارىيەت ئالىدىغان ئورنىغا ئايلانغان.

b68db6eac3b4405783249c12737cb126.jpg

ئەمدى بۇ بوتكا «5G تېلېفون بوتكىسى» غا ئۆزگەرتىلدى.

3173a057dc864249aae3dc6eeffff4d5.jpg

شاڭخەينىڭ بەزى كوچىلىرىدا بۇرۇنقى تېلېفون بوتكىسىغا 5G تارقىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلدى. كىشىلەر بۇ بوتكىنىڭ ئەتراپىغا يېقىن كەلسە تېز سۈرئەتلىك 5G تورىدىن پايدىلىنالايدۇ.

e175a45ddb024ab7821e6867d49f27ab.jpg

«5G تېلېفون بوتكىسى» غا يېقىن كېلىپ تور سۈرئىتىنى ئۆلچىگەندە چۈشۈرۈش تېزلىكى 830Mbps ، چىقىرىش تېزلىكى 60Mbps ئەتراپىدا بولغان. بۇ 4G نىڭ  10-20 ھەسسىگە تەڭ.

5d1e73e418e446fb909f7bc70385992c.jpg

ئىلگىرىكى يازمىلىرىمىزدا تونۇشتۇرغاندەك 5G نىڭ چاستوتىسى يۇقىرى. يەتكۈزىدىغان ئۇچۇر مىقدارى، تېزلىكى يۇقىرى. چاستوتا قانچە يۇقىرى بولسا دولقۇن ئۇزۇنلۇقى شۇنچە قىسقا بولىدۇ، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قانچە قىسقا بولسا يەتكۈزۈش ئارقىلىق شۇنچە قىسقا بولىدۇ. توسالغۇلىدىن ئايلىنىپ ئۆتەلمەيدۇ. چاستوتا قانچە يۇقىرى بولسا سىگنالنىڭ ئاجىزلىشىشى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
شۇڭا 5G سىگنالى تارقىتىش ئۈچۈن بىرەر ئىككى يۈز مىتېر ئارىلىققا بىردىن كىچىك سىگنال تارقىتىش، كۈچەيتىش پونكىتى قۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇرۇنقىدەك 10 كىلومىتېرغا بىرەردىن مۇنار تىكلەپ قويۇپ 5G سىگنالى بىلەن قاپلاپ بولغىلى بولمايدۇ.
شۇ سەۋەبتىن بىنالارنىڭ ئۈستى، كوچىلاردىكى ھەر بىر سىتولبا، دوقمۇش-دوقمۇشلارغا 5G تارقىتىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلىۋاتىدۇ. «5G تېلېفون بوتكىسى» مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى.

来源: 头条
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部