+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-15 11:10 1542 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ھەر قېتىم يېڭى يانفون چىققاندا تورداشلار «يېڭىلىق يوقكەنغۇ، باشقا يانفونغا قارىغاندا قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟» دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازىدۇ.
تۆۋەندە باشقا يانفونغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر قانچە يانفون (ئىقتىدارى)نى تونۇشتۇرىمىز.

1. ئېكرانى ئايلىندىغان قوش ئېكرانلىق LG Wing
يېقىندا LG نىڭ ئېكرانى ئايلىندىغان قوش ئېكرانلىق يانفونى ئاشكارىلاندى. بۇ يانفوننىڭ ئىككى ئېكرانى بولۇپ، ئۈستىدىكى ئېكراننى 90 گىرادۇس ئايلاندۇرسا ئاستىدا يەنە بىر ئېكرانى بار.

181115v4rzhp4ez5u85rrp.-Crazy-but-is-it-real.jpg

181123i1npnvlkvt5bz6l0.jpg

بۇ خىل لايىھە ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى ئايلانما ئېكرانلىق كۇنۇپكىلىق يانفون بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

1811310on0n9vtltx7457e.jpg

ئاساسىي ئېكرانى 6.8 دىيۇملۇق، 90 گىرادۇس ئايلانغاندىن كېيىن، ئاستىدىكى 4 دىيۇملۇق چاسا شەكىللىك سىزىمچان ئېكران كۆرۈنىدۇ، بۇ كىچىك ئېكران ئارقىلىق خەت يازغىلى ياكى ئويۇننى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.


2. ئىككى بارماقنىڭ ئىزىنى بىرلا ۋاقىتتا تونۇيدىغان سامسۇڭ +Note20
كۈزدە ئېلان قىلىنماقچى بولغان سامسۇڭ +Note20 يانفونىغا كۇۋالكومنىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد 3D Sonic Max ئولترا ئاۋاز دولقۇنلۇق بارماق ئىزى سېنزورى سەپلىندىغان بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى بارماقنىڭ ئىزىنى تونۇيدۇ.

5ebd20a88e9f090e1d762cb0_1024.jpg

ئىككى بارماقنىڭ ئىزىنى تونۇسا بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە قۇلۇپ ئېچىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە سامسۇڭنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ يانفونى 8-ئايدا ئېلان قىلىندىكەن.

3. يىجىيا 8Pro نىڭ كامېراسىنىڭ پېرسپېكتىۋ ئىقتىدارى بار. (تېشپ ئۆتۈپ كۆرەلەيدۇ)
يىجىيا 8Pro نىڭ ئارقا كامېراسى ئىنفىرا قىزىل نۇرغا ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ، رەسىمگە تارتىپ سۈزگۈچ ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلسا تېخىمۇ سۈزۈك قىلىدۇ، ئاشكارىلىنىشىچە بۇ ئىقتىدار ئىنفىرا قىزىل نۇرنىڭ «تېشىپ ئۆتۈش» رولىدىن بولىدىغان بولۇپ، سۇلياۋ، رەخىتنىڭ ئارقىسىنى «كۆرەلەيدىكەن»، خۇددى رېنتگېنگە سېلىپ، ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزاسىنى كۆرگەندەك.

20200514_064156_0.jpg

51b25093db454f4bb20f91b973392446.gif

يىجىيانىڭ بىر خىزمەتچىسىنىڭ تونۇشتۇرشىچە، بۇ كامېرا ئالاھىدە سۈزگۈچ ئورنىتىلغان كامېرا بولۇپ، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سۈرەتكە تارتىش فوتوگراف ساھەسىدە كونا، ئومۇملاشقان بىر ئىقتىدار. ھەتتا ھەر يىلى مەخسۇس مۇشۇ جەھەتتىكى سۈرەتكە تارتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدىمۇ مەخسۇس ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سۈرەتكە تارتىش ئۈسكۈنىلىرى بار. بۇ پەقەت ئاددىي ھالدىكى «ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق سۈرەتكە تارتىش» ، كۆپچىلىك ئويلىۋالغاندەك ئۇنچىۋالا «قالتس مۇرەككەپ» ئىقتىدارى يوق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部