+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-14 10:36 1322 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا ئالىمى ئاندىرى گايىم (Andre Geim) ۋە كونىستانتىن نوۋوسىلوۋ (Konstantin Novoselov) مىكرو مىخانىكىلىق ئايرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق  2004-يىلى گرافىت ئالكېن  ( Graphene  石墨烯 ) ئايرىپ چىققان. ھەمدە مۇشۇ تۆھپىسى بىلەن 2010-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئالاھىدە يۇقىرى توك ئۆتكۈزۈشچانلىق، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشچانلىق ۋە ناھايىتى چىدامچان بولۇشتەك ئۆزگىچە ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ‹‹سىرلىق ماتېرىيال›› دەپ ئاتالغان گىرافىت ئالكېننىڭ ھازىرقى زامان پەن – تېخنىكىسىدىكى ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇ لامپۇچكىدىن ئۆزەككىچە، باتارېيەدىن سېزىمچان ئېكرانغىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندىن يېڭى ئېنېرگىيە ئاپتوموبىللىرىغىچە، تېببىي بىئولوگىيە ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىغا ئىگە... ھەممىسىدە ناھايىتى مۇھىم ماتېرىيال سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا. ئۇ بىر خىل ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ماتېرىيال.
گرافىت ئالكېننى  ماتېرىيال قىلىپ ياسالغان گرافىت ئالكېن باتارېيەسى ئەنئەنىۋى لىتىي باتارېيەسىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەن، ھەجىمى چوڭ، توك يىتىش ۋاقتى قىسقا، زەرەتلەش ۋاقتى ئۇزۇن بۇلۇشتەك مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، باتارىيەدە دەۋر بۆلگۈچ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ.
گرافىت ئالكېن ئىككى ئۆلچەملىك نانومىتېر ماتېرىيالى بولغاچقا ئىشلەپچىقىرىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭا ھازىرغىچە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ ئومۇملاشمىدى.

daf7000884b1159c4b16.jpg

يېقىندا، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭچى (广汽集团) يېڭى ئېنېرگىيەلىك گىرافىت ئالكېن باتارېيەسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خىزمىتى ئاخىرى تەجرىبىخانىدىن ئەمەلىي ئاپتوموبىلغا قاراپ يۈزلەنگەن، گۇاڭچى يېڭى ئېنېرگىيەلىك Aion ئاپتوموبىلىغا ئالدى بىلەن گىرافىت ئالكېن باتارېيەسى سەپلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە ، گۇاڭچى ئاپتوموبىلچىلىقىنىڭ 3D گرافېن (3DG) ماتېرىيالىغا ئاساسەن ياسالغان «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز توك قاچىلىغىلى بولىدىغان باتارېيە» نىڭ توك يولى ئۆزىكى، باتارىيە گۇرۇپپىسى  سىناق خىزمىتىنى تاماملىغان. ئاپتوموبىلغا ئورنىتىپ يۇقىرى قۇۋۋەتلىك زەرەتلەش سىنىقى ئېلىپ بارغان، باتارېيەنىڭ ئۆمرى ۋە بىخەتەرلىكى ئىشلىتىش ئۆلچىمىگە يەتكەن.

s_67acfc9fcc69467d9d248d538dfd885d.png

بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز زەرەتلىنىدىغان باتارېيە» ئاپتوموبىلغا ئورنىتىلىپ زەرەتلەش سىنىقى ئېلىپ بېرىلغاندا، پەقەت سەككىز مىنۇتتىلا باتارېيەنى %85 زەرەتلەپ بولغان. توك قاچىلاش ۋاقتى بىلەن ئەنئەنىۋى يېقىلغۇ ماي ماشىنىسىنىڭ ماي قاچىلاش ۋاقتى ئوخشاش.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گۇاڭچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى 2014-يىلى گرافىت ئالكېن تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى باشلىغان. ئالتە يىل ئىزدىنىش ئارقىلىق، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئۈچ ئۆلچەملىك قۇرۇلمىلىق گىرافىت ئالكېن (3DG) ماتېرىيالىنى تەييارلاش ۋە قوللىنىش تېخنىكىسىنى تەدرىجىي ئىگىلىگەن.
بۇلتۇر 11-ئايدا، گۇاڭچى ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۈچ ئۆلچەملىك قۇرۇلمىلىق گىرافىت ئالكېن (3DG) ماتېرىيالىنى ئاساس قىلغان «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز زەرەتلەش باتارىيەسى» نى سىرتقا ئېلان قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، گۇاڭچى شىركىتىنىڭ گىرافىت ئالكېن باتارېيەسى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ھازىرلىدى ھەم تەجرىبىخانىدىن ئەمەلىي ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىش باسقۇچىغا كىردى.

来源:快科技

1ئادەم ئىنكاس يازدى

热情 ۋاقتى: 2020-5-14 10:57:39
تىلفۇن ساھەسىگە قاچان كىرە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部