+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-13 10:52 1223 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
تۆنۈگۈن (12-ماي) ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ 12 يىللىقى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ 12-قېتىملىق ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنى ئازايتىش كۈنى. بۇ ئالاھىدە كۈندە بىز يەر تەۋرەشكە ئائىت بىلىملەردىن «بىر نەچچە ۋاراق» ئوقۇپ قويايلى. بۇ بىلىملەر ۋاقتى كەلگەندە جاننى قۇتقۇزۇشى مۇمكىن.
ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بىنالار داۋاملىق ئېگىزلىشىپ، يەر تەۋرەش ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن تەھدىتمۇ بارغانسېرى زورايماقتا. ئېغىر دەرىجىدە يەر تەۋرىمىگەن بولسىمۇ، 5 بال ئەتراپىدىكى يەر تەۋرەش قېتىم سانى كۆپەيمەكتە.

640.webp.jpg

ئۇنداقتا يەر تەۋرىگەندە، بىنانىڭ ئاستى قىسمى تېخىمۇ ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرامدۇ ياكى ئۈستى قىسمى تېخىمۇ ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرامدۇ؟ زادى ئۈستىگە قاراپ يۈگۈرۈش كېرەكمۇ ياكى پەسكە قاراپ يۈگۈرۈش كېرەكمۇ؟ ئېگىز بىنادا تۇردىغان ئاھالىلەر قانداق قىلىشى كېرەك؟
ئالدى بىلەن يەر تەۋرەشنىڭ قانداق قىلىپ قۇرۇلۇشنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ باقايلى.

1
نېمە ئۈچۈن يەر تەۋرەش دولقۇنى ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان قۇرۇلۇشنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب - رېزونانس. جىنمېن كۆۋرۈكىدە يۈز بەرگەن ئالاھىدە تەۋرىنىشنىڭ سەۋەبى بىلەن ئوخشاش.
رېزونانس بىر جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ يەنە بىر جىسىمنىڭ تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىككىسىنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى قانچە يېقىنلاشقانسېرى، رېزونانس پەيدا قىلغان تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رېزونانس جۇغلاش ئېففېكتىغا ئىگە بولۇپ، قارشىلىق كۈچى بىر قەدەر كىچىك بولغاندا، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان رېزونانس تەۋرىنىش ئامپلىتۇدىسىنىڭ بارغانسېرى چوڭىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بىر تال ئىنچىكە خادىنى پەقەت بىر قېتىم قاتتىق پۇلاڭلاتسا، ئىرغاڭلاپ كېتىشى ناتايىن. لېكىن، ئەگەر خادىنى دەۋرىيلىك پۇلاڭلاتساق، خادىنىڭ تەۋرىنىش دائىرىسى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. چاستوتا بىلەن خادىنىڭ ئەسلىدىكى چاستوتىسى بىر قەدەر يېقىن بولغاندا، بۇ خىل ئۆزگىرىش ئالاھىدە روشەن بولىدۇ.
ئېگىز قەۋەتلىك بىنالارنىڭ بىرقەدەر ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، ئۇنى يەردىن ئىبارەت بۇ «ئۈستەل» دە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىنچىكە ئۇزۇن «كۇبىك» دەپ قاراشقا بولىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، يەردىن ئىبارەت بۇ ئۈستەل كەڭ كۆلەمدە يۆتكەلمەيدۇ. لېكىن يەر تەۋرىگەندە، يەردىن ئىبارەت بۇ« ئۈستەل» زور دەرىجىدە سىلكىنىدۇ، ئۈستەلدىكى «كۇبىك» مۇ ئۇياق-بۇياققا تەۋرىنىپ تۇرىدۇ. تەۋرىنىشنىڭ چاستوتىسى بىلەن بىنانىڭ خاس چاستوتىسى بىر قەدەر يېقىن بولۇپ، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىر كۈچى ناھايىتى چوڭ بولغاندا، بىانىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى بارغانسېرى چوڭىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆرۈلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2
بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە، قايسى قىسمى تېخىمۇ ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ؟
تۇيۇقسىز يەر تەۋرىگەندە، ئېگىز بىنادا تۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئويلىغان بىرىنچى مەسىلە شۇكى، يۇقىرىغا يۈگۈرەمدۇق ياكى تۆۋەنگە قاچامدۇق؟

يەر تەۋرىگەندە، يۇقىرى قەۋەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تۆۋەن قەۋەت تېخىمۇ ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
بىر تال خادىنى ئۇياق-بۇياققا مىدىرلاتقاندا، خادىنىڭ چوققا قىسمىنىڭ يۆتكىلىپ تۇرۇش دائىرىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ئەمما ئۇچرايدىغان كۈچى تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ، ئاستى قىسمىنىڭ يۆتكىلىپ تۇرۇش دائىرىسى تېخىمۇ كىچىك بولىدۇ، ئەمما ئۇچرايدىغان كۈچى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. يەر تەۋرىگەندە ئاستى قىسمىنىڭ قايچىلانما كۈچى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، قۇرۇلۇش لايىھەلىگەندە، قايچىلىنىش كۈچىنىڭ تەكشىسىز تارقىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاستىنقى قەۋەتنى پۇختىلايدۇ. يەر تەۋرەشتىكى قايچىلانما كۈچنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئېنىقسىزلىقى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، يۇقىرى قەۋەتكە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەن قەۋەت تېخىمۇ ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

640.webp (1).jpg

تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، تۆۋەن قەۋەتلىك بىنالار ئېگىز قەۋەتلىك بىنالارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بۇ ئېگىز قەۋەتلىك بىنالارنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.
بۇ يەردە ئىككى خىل ئەھۋالنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ، بىرى، ناۋادا بىنا گۆمۈرلۈپ كەتسە، ئېگىز قەۋەت بىلەن تۆۋەن قەۋەت ئوخشاشلا خەتەرلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى قەۋەت قىسمى غۇلاپ كېتىش جەريانىدا تېخىمۇ چوڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى پەيدا قىلىدۇ، يۇقىرى قەۋەتتىكى تاش بېتونلارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيان تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بىراق بۇ خىل ئەھۋالدا، يۇقىرى قەۋەتتىكىلەرنى ئىزدەش، قۇتقۇزۇش ئاسانراق بولىدۇ.
يەر تەۋرەش بىنانى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمىگەن چاغدا، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، يۇقىرى قەۋەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ئازراق، بىخەتەررەك بولىدۇ.

3
ئېگىز قەۋەتلىك بىنالاردا تۇرىدىغانلار يەر تەۋرەشكە قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك؟
يەر تەۋرەش ئادەتتە شىددەتلىك ھەم تېز بولىدۇ، كۆپ قىسىم ئېگىز بىنادا تۇردىغان كىشىلەر دەل ۋاقتىدا سىرتقا قېچىپ كېتەلمەيدۇ. يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بىنالارنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى كىشىلەرگە بىر خىل «ئېگىز بوشلۇقتىن چۈشۈپ كېتىش» ۋەھىمىسىنى پەيدا قىلىدۇ. چوڭ ئاپەت يۈز بەرگەندە، كىشىلەر دائىم بۇ خىل ۋەھىمە ئاستىدا بەزى ئاقىلانە بولمىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىدۇ.
2013-يىلى يائەندە يەر تەۋرىگەندە، بەزىلەر يەر تەۋرەشتىن قورقۇپ بىۋاستە دېرىزىدىن پەسكە سەكرىگەن. نەتىجىدە بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشمەي، ئادەم بىنادىن سەكرەپ ئۆلۈپ كەتكەن.
يەر تەۋرىگەندە مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىگىلىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.
ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قۇرۇلۇش لايىھەلەش ئۆلچىمىدە بىنالارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە قارىتا تەلەپ قويۇلغان. بىنا «كىچىك يەر تەۋرىسە بۇزۇلمايدۇ، ئوتتۇرىھال يەر تەۋرىسە رېمونت قىلغىلى بولىدۇ، چوڭ يەر تەۋرىسە ئۆرۈلمەيدۇ» دېگەن تەلەپنى قاندۇرۇشى كېرەك.
ئەگەر قۇرۇلۇشلارنىڭ ھەممىسى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قائىدىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرسا، چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ. ئېگىز قەۋەتلىك بىنادا تۇرۇش خەتەرلىك ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋالدا، باشقا نەرسىلەرنىڭ زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش، باش قاتارلىق ئاجىز ئورۇنلارنى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك. ئىمكانقەدەر يېپىق، مۇقىم رايوندا تۇرۇپ، يەر تەۋرەشنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى كۈتكەندە، ئۆزىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىغىلى بولىدۇ.
بىراق، «قاتتىق يەر تەۋرىسىمۇ ئۆرۈلمەسلىك» گەرچە لايىھە ئۆلچىمى بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بار بولغان قۇرۇلۇشلاردا ھەرگىز ئۆرۈلۈش يۈز بەرمەيدۇ دېگەنلىك ئەمەس. يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان بىر خىل ئەھۋال شۇكى، يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، شۇ رايوندىكى چوڭ يەر تەۋرەشنىڭ لايىھىدىكى كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال گەرچە ئاز كۆرۈلسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم يۈز بەرگەندە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق تەبىئىي ئاپەت بولۇپ قالىدۇ. مەسىلەن، ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى 11 بالغا يېتىپ، شۇ جايدىكى مۇداپىئەلىنىش كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىدىن خېلىلا ھالقىپ، ئىنتايىن ئېغىر تالاپەت پەيدا قىلدى.
2008-يىلى ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، دۆلەت بىنالارنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش لايىھىسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى، ئىمارەتنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئەمما 2008-يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان قۇرۇلۇشلارنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ...
يەر تەۋرىگەندە، ئون نەچچە سېكۇنت ئىچىدە سىرتتىكى كەڭرى جايغا تېز سۈرئەتتە قېچىپ بارغىلى بولمىسا، « يېقىن ئەتراپتا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش» پىرىنسىپىنى ئەستە تۇتۇش كېرەك.
يەر تەۋرىگەندە، ئەگەر سىز بىنانىڭ ئېگىز قەۋىتىدە بولسىڭىز، يۇقىرىغا يۈگۈرمەڭ، تۆۋەنگىمۇ يۈگۈرمەڭ، لېفىتقا چىقماڭ. يېقىن ئەتراپتىن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان خەتەردىن ساقلىنىش ئورنىنى تېپىپ، ئۆزىڭىزنى قوغداڭ.
ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش رايونىنى تاللىغاندا، ئىمكانقەدەر تازىلىق ئۆيى قاتارلىق يېپىق، تار، سۇ تۇرۇبىسىغا يېقىن، مۇقىم ئۈچ بۇلۇڭلۇق بوشلۇق شەكىللەندۈرەلەيدىغان رايونلارنى تاللاش، ئۆزىنىڭ ئاجىز قىسمىنى ياخشى قوغداشقا دىققەت قىلىپ، بېتون چۈشۈپ كېتىپ يارىلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

640.webp (2).jpg

قۇرۇلۇش ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كۆمۈلۈپ قالغاندىن كېيىن، ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئالدى بىلەن بەدەننى كۈچ تېجەيدىغان قىلىپ تەڭشەش كېرەك. تاشقى دۇنيادىن قۇتقۇزۇش سىگنالى كەلگەندىن كېيىن، بىرەر نەرسىنى ئۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرسا بولىدۇ.
ئاپەت ئالدىدا، ھەر بىر ھاياتلىق ئىنتايىن قىممەتلىك.

مەنبەسى: 中国科普博览 (جۇڭگو پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرگەزمىسى) سالونىدىن تەرجىمە قىلىندى.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

热情 ۋاقتى: 2020-5-13 14:47:10
رەھمەت بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مەسىللەر ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部