+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-12 11:07 2022 قېتىم كۆرۈلدى 0 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ماتېماتكا ئۆگىنىش، تاپشۇرۇش ئىشلەش، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىشتىكى مەسىللەرنى ھەل قىلىدىغان قالتىس بىر ئەپنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ ئەپنى يانفونغا قاچىلىۋالسىڭىز بىر ماتېماتكا پروفېسسورنى بىللە ئېلىپ يۈرگەنگە باراۋەر.

20191206_225228_200.jpg

مىكروسوفت ماتېماتىكىسى (Microsoft Math) باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر قايسى دەرىجە ۋە تۈردىكى ماتېماتىكا مەسىلىلىرىگە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئۆزىگە خاس بولغان سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتېماتىكىلىق مەسىلە يېشىش ماتورى ئارقىلىق كەڭ ساۋاقداشلار ۋە ئائىلە باشلىقلىرىنى مەسىلە يېشىش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. سىز پەقەت بىر ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش فورمۇلاسىنى سۈرەتكە تارتىپ سىكاننېرلىسىڭىزلا تەپسىلىي قەدەم-باسقۇچ چۈشەندۈرۈشىگە ۋە كوئوردىنات گىرافىكىغا ئېرىشەلەيسىز. ئۇنىڭدىن باشقا قولدا يېزىپ كىرگۈزۈش ئارقىلىق ماتېماتىكىلىق ھېسابلاش فورمۇلاسىنى ئاسانلا كىرگۈزۈپ نەتىجىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. يەنە بۇ ئەپتىن پايدىلىنىپ ئوخشاش تۈردىكى مەشىقلەرنى ئىشلەپ، مەشىق ئارقىلىق بىلىمنى مۇستەھكەملەشكە بولىدۇ. بۇ ئەپ ماتېماتكىدىن زېرىكىۋاتقان پەرزەنتىڭىزنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن.

20191125_070818_816.png


بۇ ئەپ مۇنداق فورمۇلا، ھېسابلاشلارنى يېشىپ، تەپسىلاتىنى چىقىرىپ بېرەلەيدۇ.
ھېسابلاش: ھەقىقىي سان، كومپلېكس سان، ئەڭ چوڭ ئومۇمى بۆلگۈچى، كۆپەيتكۈچىلەرگە ئاجىرتىش.
دەسلەپكى ئالگېبرا: كۋادرات يىلتىز، كۆرسەتكۈچ سان، كەسىر سان.
ئالگېبرا: بىر نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە، تەڭلىمىلەر سىستېمىسى، تەڭسىزلىك، ئالگېبرالىق ئىپادە، سىزىقلىق تەڭلىمە گىرافىكى، بىر نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە گىرافىكى
دىففېرېنسىئال ۋە ئىنتېگرال: يىغىندى تېپىش، لىمىت، ھاسىلە تېپىش، ئىنتېگرال.
ستاتىستىكا: ئوتتۇرىچە سان، ئوتتۇرىدىكى سان، مودېلنى ئېلىش، ئۆلچەملىك پەرق، تىزىلىش، بىرىكتۈرۈش.
ئىشقىلىپ باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە ماتېماتكىدىكى خالىغان فورمۇلا، تەڭلىمىنى كىرگۈزسە نەتىجىسىنى چىقىرىپ يېشىش جەريانى تەپسىلاتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كىتاپتىكى فورمۇلا ئىپادىنى رەسىمگە تارتسىمۇ بولىدۇ.

20191125_070825_79.png

微信截图_20200512103445.jpg

ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا تەتقىقاتچىلار، پىروگراممېرلار ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە.
مىكروسوفت ماتېماتىكىسى ناملىق بۇ ئەپ پۈتۈنلەي ھەقسىز، ئېلانسىز. ئالما، ئاندرويد ھەر قانداق يانفون، پەد نۇسخىسى بار. ئايپەد دېگەندەك تاختا كومپىيۇتېرلاردا قەلەم ئارقىلىق كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ.

微信图片_20200512103157.jpg

微信图片_20200512103209.jpg

微信图片_20200512103219.jpg

ئالما نۇسخىسىنى ئالما ئەپ بازىرىدىن 微软数学 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ.
ئاندرويد نۇسخىسىنى ئالپ سالونىغا Math دەپ كىرگۈزسەڭلار چۈشۈرۈش ئادرېسى چىقىدۇ. بۇ يەرنى چەكسەڭلارمۇ بولىدۇ.
[/url]



ياكى ھەر قايسى ئەپ بازارلىرىدىن يۇقارقى ئاچقۇچلۇق سۆز ئارقىلىق ئىزدەپ تاپساڭلارمۇ بولىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部