+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-11 11:08 1569 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-11 11:08  

ئالدىنقى ئايدا ئۈچ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى «5G ئۇچۇر» ھەققىدە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئەنئەنىۋى قىسقا ئۇچۇرنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يېڭى «5G ئۇچۇر» مۇلازىمىتى چىقىردىغان بولغان.
تۆنۈگۈن مۇشۇ «5G ئۇچۇر»  ئەپ دېتالىنى ئالما ۋە ئاندرويد ئەپ بازىرىغا رەسمىي چىقاردى.

641.webp.jpg

5G ئۇچۇر دېگەن نېمە؟
5G ئۇچۇر «RCS» شەكىلىدە يېڭىلىق يارىتىپ Rich Media( يۇغۇرما ئالاقە) + Platform (سۇپا) + Chatbot (پاراڭلىشىشچان ماشىنا ئادەم) ، كارخانا بىلەن ئابونت ئوتتۇرىسىدا ئەقىلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئۇچۇر شەكىلى قىزىل بولاق، ئېتىبار كارتىسى، سىن، رەسىم... قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق دەل ۋە خاسلاشقان ئۇچۇر تارقىتىپ، كارخانىنىڭ سېتىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

5G ئۇچۇر كەسپى ئەنئەنىۋى قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى دەرىجە ئۆرلىشى بولۇپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ، يەنى شەخس بىلەن شەخىس ئارىسىدا ھەمدە كارخانا بىلەن شەخس ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. شەخسىكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 5G ئۇچۇرى ئەنئەنىۋى قىسقا ئۇچۇرنىڭ ھەر بىر ئۇچۇرنىڭ ئۇزۇنلۇق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، مەزمۇن جەھەتتىمۇ يېزىق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يېزىق، سۈرەت، ئاۋاز، ۋىدېئو، ئورۇن ئۇچۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئۈنۈملۈك بىرىكىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
5G ئۇچۇرنىڭ مۇنداق ئالاھىدىلىكى بار
1. ئەنئەنىۋى قىسقا ئۇچۇرغا ئوخشاش خەت سانى چەكلىمىسى يوق. يېزىق، رەسىم، ئاۋاز، ۋىدېئو، ئىپادە يوللاشقا بولىدۇ.
2. توردا چىقىم قىلىشنى قوللايدۇ. توردا ۋە تورسىز ئۇچۇر ئەۋەتىشنى قوللايدۇ.
3. قارشى تەرەپنى دوستلۇققا قوشماي تۇرۇپمۇ ئۇچۇر ئەۋەتىشكە، توپ ئۇچۇرى ئەۋەتىشكە بولىدۇ.
4. 5G ئۇچۇردا ئۇچۇر يوللىسا ھەق ھېسابلىمايدۇ، تور ئېقىمى ھېسابلايدۇ.
ماۋۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش تارقاتقان «5G ئۇچۇر» ئەپتە يېزىق ئۇچۇرى ئەۋەتكەندە قارشى تەرەپ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتى بولسا توردا بولمىسا ھەقسىز قىسقا ئۇچۇر شەكىلىدە ئەۋەتىدىكەن. باشقا خەۋەرلىشىشنىڭ ئابونتى بولسا ھەق ھېسابلايدىكەن.

«5G ئۇچۇر» ھازىرقى تۆت جى يانفونلاردا ئىشلەمدۇ؟
يانفون چوقۇم بەش جى بولۇشى كېرەك دەيدىغان ئالاھىدە تەلىپى يوقكەن، 4G يانفوندىمۇ ئىشلەيدىكەن.

1000.webp.jpg

5G ئۇچۇر ئۈندىدارنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟
تۆنۈگۈن ئېلان قىلغان مەزكۇر ئەپنى ئالما APP Store ياكى ئاندرويد يانفوندىكى ئەپ بازارلىرىدىن 5G消息 دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدەپ چۈشۈرۈپ قاچىلاشقا بولىدۇ.
قاچىلاپ سىناق قىلىپ باقتۇق، ئاستىدا سۆزلىشىش، بايقاش “会话” ، “发现” دەپ ئىككىلا تۈر بار بولۇپ، 会话 دا يېزىق، رەسىم، ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرى يوللاشقا بولىدىكەن. 发现 دە بىر قىسىم كارخانىلارنىڭ ئۈندىدار سالونىغا ئوخشاش مۇلازىمىتى باركەن.

微信截图_20200511103721.jpg

ئىقتىدارلىرىغا قارىغاندا ھازىرچە ئۈندىدارنىڭ ئورنىنى ئېلىپ بولالمايدىغاندەك قىلىدۇ. (تېخىچە كۆچمە، بىرلەشمە دەپ بىر-بىرسىگە ئۇچۇر ئەۋەتسە ھەقلىق قىلىدىغان ئىشى ئۆزگەرمەپتۇ)
«5G ئۇچۇر» نى خۇاۋېي، شىياۋمى، ئوپپو، ۋىۋو قاتارلىق 11 يانفون كارخانىسى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (بۇ يانفنلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن چىقىدىغان سىستېمىسىغا «5G ئۇچۇر» نى ئالدىن قاچىلىۋېتىشى مۇمكىن)

1ئادەم ئىنكاس يازدى

Eliyop ۋاقتى: 2020-5-11 16:37:07
  تەرەقيات شۇنداق تېز ھەم شۇنداق ياخشى . 5Gئۇچۇر يىتىپ كەلسە ئىشلار شۇنداق ئاسانلاشقىدەك. ھازىر قۇلاققا ئەڭ ياقىدىغان گەپ 4G يانفون 5Gئۇچۇرىدا ئىشلەيدۇ دىگەن گەپ . بولمىسا ئىشلىتىۋاتقان 4Gيانفونلىرىمىز كىسەككە ئايلىنىپ 5Gيانفوننى سىتىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ.
_________________________________
«5G ئۇچۇر» ھازىرقى تۆت جى يانفونلاردا ئىشلەمدۇ؟ يانفون چوقۇم بەش جى بولۇشى كېرەك دەيدىغان ئالاھىدە تەلىپى يوقكەن، 4G يانفوندىمۇ ئىشلەيدىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部