+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-10 11:11 1477 قېتىم كۆرۈلدى 1 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptori تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2020-5-10 11:11  

تېڭشۈن، ئەي چى يى، كۆزنەك، كىشمىش... دېگەندەك  كىنو كۆرىدىغان ئەپ، تور بەتلەرنىڭ بىر «قاملاشمىغان» ئىشى بار. VIP ئەزا بولۇپ، پۇل تاپشۇرسا ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇشقا توغىرلىنىپ قېلىپ ھەر ئايدا داۋاملىق پۇل تۇتىۋېرىدۇ. بۇ ئەپ، سۇپىلارنىڭ VIP ئەزالىقىنى ئاچىدىغان يېرى سۈكۈتتىكى تەڭشەكتە ئاپتوماتىك داۋاملىق پۇل تۇتىدىغان قىلىپ ياسالغان. ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئۈندىدارنىڭ تەڭشىكىگە كىرىپ توختىتىش كېرەك. توختىتىشنى ئۇنتۇپ قالسا ياكى ئاغرىپ قېلىش دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئۈندىدارغا كىرىشكە مۇمكىن بولمىغاندا ئاۋۇ سۇپىلار داۋاملىق پۇل تۇتىۋېرىدۇ.

20190109162000_69871.jpg

يېقىندا، ئەيچىيى، تېڭشۈن ۋىدېئو قاتارلىق 11 ئۈن-سىن تور بېكىتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جېجياڭ ئۆلكىلىك ئىستىمالچىلارنى قوغداش كومىتېتىغا تۈزىتىش جاۋاب خېتى ئەۋەتىپ، 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆلكىلىك ئىستېمالچىلارنى قوغداش كومىتېتى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېلان ئىمتىيازىنىڭ ئېنىق چۈشەندۈرمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، 11 ئۈن-سىن تور بېكىتى بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەشۋىقات بېتىگە ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، «ئېلانسىز» ، « ئېلاندىن ئاتلاش»، «ئېلاننى چىقىرۋېتىش» قاتارلىق مۇتلەق خاراكتېرلىك تەشۋىقات ئىبارىلىرى ئىشلىتىلمەيدۇ؛ سەكرەپ چىقىدىغان ئېلانغا كۆرۈنەرلىك، ئېنىق قىلىپ قولدا مەشغۇلات قىلىپ ئاتلاپ كېتەلەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ. ئەزالارنىڭ ئېلان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بەلگىلەپ، ئىستېمالچىلار بەھرىمەن بولىدىغان ئېلان ئىمتىيازى دائىرىسىنى ئېنىق ئۇقتۇرىدۇ.
ئاپتوماتىك داۋاملىق ھەق ئېلىش، پۇل تۇتۇپ قېلىشنى ئەسكەرتمەسلىك مەسىلىسىگە قارىتا، 11 ئۈن-سىن تور بېكىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇدا ئايلىق، پەسىللىك، يىللىق ئەزالىققا پۇل تۆلىگەندە، ھەق تۇتۇشتىن بۇرۇن تور بېكەت ئىچىدىكى ئۇچۇر، يانفون قىسقا ئۇچۇرى، ئۈندىدار قاتارلىق شەكىللەر پۇل تۇتۇلدىغانلىقىنى ئېنىق ئەسكەرتىدۇ.
سۈكۈتتىكى ھالەتتە ئاپتوماتىك داۋاملىق ھەق تۇتۇشقا توغىرلىنىپ قېلىش مەسىلىسىگە قارىتا يۇقارقى تور سۇپىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۈكۈتتىكى ھالەتتە ئاپتوماتىك داۋاملىق ھەق تۇتۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. ئىستىمالچىلار داۋاملىق ھەق تاپشۇرۇشنى خالىسا ئۆزى تاللىسا بولىدۇ. ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىستېمالچىلارغا زاكاز قايتۇرۇش تەرتىپى تەپسىلىي ئۇقتۇرۇلىدۇ، ئىستېمالچىلار ئوخشاش بولمىغان چىقىم قىلىش يوللىرىدىكى مۇناسىپ قائىدە بويىچە زاكاسنى دەرھال قايتۇرسا بولىدۇ.

微信截图_20200510103859.jpg

قوشۇمچە: كۆزنەك، كىشمىش، تېڭشۈن ۋىدېئو... قاتارلىقنىڭ ئاپتوماتىك پۇل تۇتۇشنى توختىتىش ئۈچۈن مۇنداق مەشغۇلات قىلىمىز. ئۈندىداردىكى 我-支付 نى چېكىپ، ئاندىن ئوڭ ئۈستى تەرەپتىكى ئۈچ چېكىتنى بېسىپ، چىققان تىزىملىكتىن 扣费服务 نىڭ ئىچىگە كىرسىڭىز ھەق تۇتىۋالىدىغان بارلىق مۇلازىمەت كۆرۈنىدۇ. شۇ يەردىكىلەرنى ئۆچۈرۋەتسىڭىز ئاپتوماتىك پۇل تۇتىۋېلىش توختايدۇ.

1ئادەم ئىنكاس يازدى

ablkm77 ۋاقتى: 2020-5-11 10:15:19
ھەجەپ بەلەن بوپتۇ  بىر ئايلىق  vipئىچىپ قويسا ھەر ئايدا تۇتۋالغان  پۇلنى   بىلگەمئن ئادەمغۇ  تاقۋەتسە بۇلدۇ بىلمىگەن ئادەم  ئايدا 30يۈەن تۈلەۋىردۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部