+تېما يوللاش
بىلكۆز يوللانغان ۋاقتى:2020-5-9 15:27 1315 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ياخشىمۇ سىلەر تورداشلار بۈگۈن مەن سىلەرگە ئۆزۈمنىڭ تور نامى سېتىۋېلىپ ئەن نومۇرىغا ئىلتىماس قىلىش ۋە ئەن نومۇرى چىقىرىش جەريانىدىكى تەجرىبەمنى ئورتاقلاشماقچىمەن.
تور بەت قۇرۇپ تور نامىغا ئەن نومۇرىنى (ICP ) قانداق چىقىرىشنى بىلمەيۋاتقان تورداشلىرىمىز پايدىلىنىڭ.

1.قەدەم باسقۇچلىرى
1) تور نامى، بوشلۇق ياكى مۇلازىمىتېر ئىلىپ تەييار قىلىمىز.
2)تور بەتنى لايىھەلەپ تولۇق بوشلۇققا ياكى مۇلازىمىتېرغا چىقىرىپ نورمال زىيارەت قىلغىلى بولغىدەك ھالەتكە ئەكېلىمىز.
3)ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق ياكى شىركەت ئىشخانىسى تۇرۇشلۇق ناھىيەلىك تور بىخەتەرلىك ۋە تور ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى يەنى (网信办) گە بارىمىز ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن ئالاقىلىشىمىز.
4)مۇناسىۋەتلىك خادىملار ماتېرىياللارنى سىزگە چىقىرىپ بىرىدۇ ياكى يوللاپ بىرىدۇ ، ھەم چۈشەندۈرۈپ قويىدۇ .
5) ماتېرىياللارنى ئېلىپ كەنت كومىتېتىغا  ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىغا كېلسىز ھەم شۇجى بىلەن كۆرىشىسىز ، ناۋادا سىزنىڭ تەۋەلىكىڭىزدىكى پارتىيە ياچېيكىسى بۇ ئىشلارنى چۈشەنسە ياكى ئىلگىرى قىلىپ باققان بولسا ئىش ئاسان ، ئۇنداق قىلىپ باقمىغان بولسا يەنە بىر قەدەمنى ئارتۇق باسىسىز.
6) ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ياكى شىركەت تۇرۇشلۇق  تەۋەلىك يېزىلىق ھۆكۈمەت ياكى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇش ئىشخانىسى شۇجىسى ياكى مۇئاۋىن شۇجىسىنى ئىزدەپ تېپىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىسىز ، ھەمدە شۇجىغا كەنت كومىتېتىغا خەۋەردار قىلىپ قويۇشىنى سورايسىز.
7) ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ياكى شىركەت تۇرۇشلۇق كەنت كومىتېتى ياكى ئاھالىلەر كومىتېتىغا كىرىپ جەدۋەللەرنى تولدۇرۇپ ، تامغا قويۇپ بېرىشىنى سورايسىز ، بۇ چاغدا سىز ياكى شىركىتىڭىزدىكى مەلۇم بىرەيلەن پارتىيە ئەزاسى بولسا ئىش ئاسان ، بولماي قالسا  مۇناسىۋەتلىك ئورۇن سىزگە بىر نەپەر پارتىيە ئەزاسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ توشقۇزۇپ بىرىدۇ ، ئاندىن  بۇ ماتېرىياللارنى كومپيۇتېردا بىرمۇ بىر تولدۇرۇپ ئۈچ نۇسخا قىلىپ چىقىسىز ۋە ياچىيكىغا چىقىپ قايتىدىن ئىمزا قىلدۇرۇپ تامغا قويدۇرىسىز.
8)ماتېرىياللارنى ئېلىپ ناھىيەلىك (网信办) گە ئىلىپ بارىسىز ، ئۇلار تامغا قويۇپ بىرىدۇ ، ئاندىن ۋىلايەتلىك (网信办)گە ئىلىپ بېرىپ تامغا قويىسىز . سىزگە پارتىيە قۇرۇلۇش ئىسپاتى چىقىرىپ بىرىدۇ .
9) تور نامى سېتىۋالغان مۇلازىمەت تورىنى ياكى شىركىتىنى ئىزدەپ تور نامىنى ئەنگە ئالدۇرىسىز .
15-20 كۈنگىچە ئەن نومۇرى چىقىدۇ .
2.كېتەرلىك ماتېرىياللار
1)شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى ئەسلى نۇسخا(正本) ۋە كۆپەيتمە نۇسقىنىڭ(副本) ھەر ئىككىلىسىنى 3 نۇسخىدىن كۆپەيتىسىز(复印)
2) شىركەت قانۇنىي ۋەكىل كىملىك ئالدى كەينى بىر بەت  ئۈچ نۇسخا كۆپەيتىسىز.
3)پارتىيە قۇرۇلۇش يېتەكچىسى ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كارتىسى (ئېلېكتىرونلۇق نۇسخا)
4)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تور بېكەت پارتىيە قۇرۇلۇش ئۇچۇرلىرىنى ئەنگە ئىلىش تىزىملاش جەدۋىلى (تامغا ئۇردۇرىدىغىنى)ئۈچ نۇسخا.
5)تور بەت پارتىيە قۇرۇلۇش يېتەكچىسى ئۇچۇر يىغىش جەدۋىلى(كومپيۇتېردا تولدۇرىسىز)3.نۇسخا.
6)ئىسپات(يەنى ياچېيكىدىن كىمنىڭ نەگە مەسئۇل بولغانلىقىغا ئىسپات قىلىپ بىرىدۇ ) تامغا ئۇردۇرىسىز ( كومپيۇتېردا توشقۇزىسىز) 3 نۇسخا.
7)تور بەت پارتىيە قۇرۇلۇش يېتەكچىسى مەسئۇل قىلىش كۆرسەتمىسى ( كومپيۇتېردا تولدۇرىسىز) تامغا ئۇردۇرىسىز ، 3 نۇسخا
8)تور بەت پارتىيە ئەزالىرى تىزىملاش جەدۋىلى ( كومپيۇتېردا تولدۇرىسىز) ياچىيكىدىن بەلگىلەپ بەرگەن پارتىيە ئەزاسىنىڭ ئۇچۇرى يېزىلىدۇ ، ئىمزا قويدۇرىسىز ، 3 نۇسخا .
يۇقىرىقى ماتېرىياللار قولدا توشقۇزۇلۇپ تامغا قويۇلۇپ ، ئىمزا قويۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن قايتىدىن كومپيۇتېردا كىرگۈزۈلۈپ ئاندىن قايتا تامغا قويۇلىدۇ ۋە ئىمزا قويۇلىدۇ ، ھەر بىر نۇسقىغا چوقۇم ئايرىم تامغا قويۇش ۋە ئىمزا قويۇش لازىم

تورداشلارغا ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
بىلمىگەن چۈشەنمىگەن يەرلەر بولسا داۋاملىق مەسلىھەت سورىساڭلار بولىدۇ .

ئۈندىدار : 17599987931

2ئادەم ئىنكاس يازدى

poetman ۋاقتى: 2020-5-10 00:05:53
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنكەن، ئالدى كەينى بولۇپ بىر ئايچە ۋاقىت كېتىدىكەن شۇنداقمۇ؟
بىلكۆز ۋاقتى: 2020-5-10 18:20:47
poetman يوللىغان ۋاقتى  2020-5-10 00:05
ھەقىقەتەن ياخشى مەزمۇنكەن، ئالدى كەينى بولۇپ بىر ئايچ ...

تامغا قويغۇزۇش ئۈچۈن توختاپ قالماي ماڭسىڭىز ھەپتىدە تامغا قويغۇزۇپ بولىسىز  ئاندىن  20 كۈن ئىچىدە ئەن نۇمۇرى چىقىدۇ ،  لىكىن تامغا قويدۇرۇشتا ئۇزاق ۋاقىت كەتسە بىرنىمە دىمەك تەس ،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部