+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-9 10:12 1477 قېتىم كۆرۈلدى 4 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
يانفوندا زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇش (恢复出厂设置) دەپ بىر تەڭشەك بار. بۇ ھالەتكە قايتۇرسا يانفوننىڭ پۈتۈن تەڭشىكى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتكە قايتىپ، كېيىن قاچىلىغان بارلىق ئەپ ۋە باشقا ھۆججەتلەر ئۆچىدۇ.
كومپىيۇتېر ‏10 Windows سىستېمىسىدىمۇ شۇنداق تەڭشەك بار. كومپىيۇتېرنى مەلۇم مەزگىل ئىشلىتىپ ئېغىرلىشىۋالسا، سىستېمىسى قالايمىقان بولۇپ كەتسە زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرسا دەسلەپكى سىستېما قاچىلىغان ھالەتكە قايتىپ، يىنىك، راۋان بولىدۇ. سىستېمىنى قايتا قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق.

كومپىيۇتېرنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇش خەتەرلىك مەشغۇلات، شۇڭا مۇھىم ھۆججەتلەرنى C رايوندىن باشقا رايونغا ياكى بارماق دېسكىغا زاپاسلىۋېلىڭ. زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇش مەشغۇلاتت توغرا بولمىسا ياكى تاماملىنىپ بولغۇچە توك ئۈزلۈپ سىستېما قوزغالماي قايتا قاچىلاشقا مەجبۇر بولۇشىمىز مۇمكىن؛ شۇڭا زاپاس لايىھە بولسۇن.
بۇلارنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى باسقۇچلار بويچە مەشغۇلات قىلساق بولىدۇ.
باشلاش تىزىملىكىدىن تەڭشەك «设置» نى باسىمىز.

e2b23d27b73a40fe97077da9ecbffaf1.jpg

«يېڭىلاش ۋە بىخەتەرلىك» (更新和安全) نى چېكىمىز.

bf284e2d60574b49b5e77c1d496da1d6.jpg

«ئەسلىگە كەلتۈرۈش» (恢复) نى تاللاپ، ئاندىن باشلاش (开始) نى چېكىمىز.

35f215205f4649e5adda7f53dc48913f.jpg

تۆۋەندىكىدەك تاللاش چىقىدۇ. ئۈستىدىكى 保留我的文件 نى تاللىساق شەخىسىي ھۆججەت ۋە قاچىلىغان يۇمشاق دېتاللارنى ئۆچۈرۋەتمەي ساقلاپ قالىدۇ.
ئاستىدىكى 删除所有内容 نى تاللىساق بارلىق شەخسىي ھۆججەت، قاچىلىغان يۇمشاق دېتال ۋە تەڭشەكلەرنىڭ ھەممىسىنى پاكىز ئۆچۈرۈپ تۇنجى سىستېما قاچىلىغان ھالەتكە ئەكىلىدۇ. (بىزنىڭ مەخسىتىمىزمۇ مۇشۇ بولغاندىكىن باشتا دېگەندەك مۇھىم ھۆججەتلەرنى زاپاسلىۋالغاندىن كېيىن مۇشۇ تۈرنى تاللىساق ياخشىراق بولىدۇ)

88416add803a41d7b08ac05ac0047e0a.jpg

ئۇنىڭدىن كېيىن كېيىنكى قەدەم ، داۋاملاشتۇرۇش دېگەندەك كۇنۇپكىلىرىنى بېسىپ بەرسەك بولىدۇ.

c1b06f4834a4408095608e77c1d55920.jpg

c7b70ec6c2ae4ba19741a62e6a38776b.jpg

ae6c47ba517b41b591adcdb525b6fa29.jpg

66aadf8b6adc481090965a337ebc14eb.jpg

4dbf7f45c3d04e5e8376652173ac7136.jpg

e11a5e37094949989c4a0ad7679cf29b.jpg

بۇ خىل زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇشتا سىستېمىڭىز ئاكتىپلانغان ھالەتتە بولسا، زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرغاندىن كېيىنمۇ ئاكتىپلانغان ھالەتتە بولىدۇ. قايتا پارول كىرگۈزۈش، ئاكتىپلاش ھاجەتسىز.

4ئادەم ئىنكاس يازدى

13070083651 ۋاقتى: 2020-5-9 11:50:54
مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپلەپ يوللاپ تۇرۇڭ ،  رەھمەت ، سىزگە .
poetman ۋاقتى: 2020-5-10 00:09:12
زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرغاندىن كېيىن بارلىق دېسىكىدىكى مەزمۇنلار ئۆچۈپ كېتەمدۇ؟
Eliyop ۋاقتى: 2020-5-10 11:49:40
  ئەمىلىي قولىنىشچانلىققا ئىگە ياخشى تىما. ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا6-ئاي ئىچىدە Windows10نىڭ يىنىكلىتىلگەن ئىخچام يېڭى نەشىرى چىقىدىكەن، شۇچاغدا بۇ سىستىمىنى قاچىلاپ مۇشۇ تىمىدا سۆزلەنگەن ئۇسۇل بۇيىنچە ئىشلىتەمىزھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىمىزWindows8.1. بۇ بەك يەڭگىل ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ ھازىر.
لەغمەن ۋاقتى: 2020-5-14 19:38:59
ۋىندوۋس 10ھەقىقەتەن بەك قۇلايلىق بىرلا كۈنۈپ قالدىممۇ باشقا سىستېما ئىشلەتمىدىم تەڭشەكلىرمۇ ئاساسەن ھازىرقى يان تېلفۇنلارنىڭ تەڭشەكلىرگە ئوخشاش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部