+تېما يوللاش
aliptori يوللانغان ۋاقتى:2020-5-9 10:22 1309 قېتىم كۆرۈلدى 2 ئىنكاس يېزىلدى
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ئالدىنقى يېرىم يىلدا يانفون بازىرىدا ئېغىر داۋالغۇش بولدى. ئالما، خۇاۋېي، ئوپپو، ۋىۋو، شىياۋمى قاتارلىق يانفون ساھەسىدىكى بەش كاتتىۋاش باشقا يانفون كارخانىلىرىنى باش كۆتۈرگۈزمىدى. باشقا يانفون كارخانىلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى %69.9 چۈشۈپ كەتتى.
بولۇپمۇ مېيزۇنىڭ ئەھۋالى ناچارلىشىپ كەتتى.
مېيزۇ 16 نى چىقىرىپ يېرىم يىل بولغاندا، يەنى تۆنۈگۈن يېڭى ئەۋلاد بايراقدار يانفونى - مېيزۇ 17 نى ئېلان قىلدى.

812c-iteyfww3823398.jpg

مېيزۇ 17 نىڭ لايىھەسى نۆۋەتتە مودا بولۇۋاتقان پۈتۈن ئېكران ئالدى كامېراسى تۆشۈك لايىھەنى قوللانغان. كەينى گەۋدىسى مەخسۇس ياسالغان چاقچۇق.
ئالدى كامېراسى 20 مىليون پىكسېل، دىئامىتېرى 2.99mm ، پۈتۈن ئېكران نىسبىتى %92.2 ؛ ئالدى كامېراسىنى چۆرىدەپ توك مىقدارىنى كۆرسىتىدىغان قىلىنغان بولۇپ، كۆرۈش ئۈنۈمىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تۆۋەنلىتىلگەن. بۇ باشقا يانفونغا ئوخشىمايدىغان ئۆزگىچە لايىھە.

9ff831e3gy1gel1c7j55nj20rs10sn1r.jpg

مېيزۇ 17 گە سامسۇڭنىڭ 6.6 دىيۇملۇق Super AMOLED ئېكرانى سەپلەنگەن، ئېنىقلىقى 2340*1080 ، ئېكران يېڭىلىنىش چاستوتىسى 90Hz ، يورۇقلۇقىنىڭ چوققا قىممىتى 1100nit گە چىقىدۇ.
0.15s تا ئىنكاس قايتۇردىغان Super mTouch ئېكران بارماق ئىزى سېنزورى بار.

20200508_145227_562.jpg

2020MEIZU17PRO-04.jpg

2020MEIZU17PRO-06.jpg

ئىقتىدار جەھەتتە: كۇۋالكوم 865 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ + X55 بەش جى ئۆزىكى سەپلەنگەن. قوش مودۇللۇق 5G قوللايدۇ. تېز سۈرئەتلىك UFS 3.1 ساقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن. Pro نۇسخىسىغا LPDDR5 ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلەنگەن. WiFi 6 قوللايدۇ. تولۇق ئىقتىدارلىق NFC قوللايدۇ.
mEninge 3.0 سىزىقلىق تىتىرتىش ماتورى، قوش سىزىقلىق ئىسترېئو ئاۋاز ياڭراتقۇ سەپلەنگەن.

2020MEIZU17PRO-10.jpg

compare-1.jpg


كەينى كامېراسى 64 مىليون پىكسېل IMX686 تۆت كامېرا گۇرۇپپىسىدىن تۈزۈلگەن. كېچىدە سۈرەتكە ئېلىش ئىقتىدارى بار. AR كەسپى سىن ئېلىش، AR كېچىدە سىن ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى بار. 8 ھەسسە زىيانسىز فوكۇس ئۆزگەرتەلەيدۇ. 4K 60fps سىن ئالالايدۇ.

20200508_150859_547.jpg

بۇ مۇشۇ يانفوندا تارتىلغان رەسىم
MZ17Pro-02.jpg

بۇ 8 ھەسسە فوكۇس ئۆزگەرتىپ چوڭايتىلغان رەسىم
MZ17Pro-01.jpg

بۇ كېچىدىكى ئادەمگە كۆرۈنگەن ھالەت.
iPhone-1.jpg

بۇ مۇشۇ يانفوننىڭ كېچىلىك ھالىتىنى ئېچىپ تارتىلغان رەسىم
MZ17PRO-001.jpg

باتارىيەسى 4500mAh بولۇپ، 30W لىق سىملىق، 27W سىمسىز تېز زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

微信截图_20200509100323.jpg

بۇ يانفون بىلەن بىللە يەنە GaN زەرەتلىگۈچنى ئېلان قىلدى، USB-A/C ئۈچ ئېغىزى بار، 65W لىق زەرەتلەشنى قوللايدۇ.

微信截图_20200509100412.jpg

Android 10 ئاساسىدىكى Flyme 8.1 سىستېمىسى قاچىلانغان. توك تېجەش، كېچىدە ئەقىلىي ئىقتىدارلىق زەرەتلەش دېگەندەك مەخسۇس ئىقتىدار قوشۇلغان.

6372455347681173789870443.png

مېيزۇ 17 نىڭ باھاسى:
8+128GB سىغىملىقى 3699 يۈەن،
8+256GB سىغىملىقى 3999 يۈەن

مېيزۇ  17Pro نىڭ باھاسى:
8+128GB سىغىملىقى 4299 يۈەن
12+256GB سىغىملىقى 4699 يۈەن
5-ئاينىڭ 11-كۈنى پۈتۈن سۇپىدا سېتىش باشلىنىدۇ.
سەي شىياۋفاڭنىڭ ئىمزاسى بېسىلغان يىغىپ ساقلاش نۇسخىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ باھاسى 9999 يۈەن.

ئۇنىڭدىن باشقا مېيزۇ 17 نىڭ يەنە چەكلىك ساندىكى ئاۋياماتكا مەخسۇس نۇسخىسى بار، 4299 يۈەن.
20200508172512109.png

مېيزۇ 17 نىڭ لايىھە، قاتتىق دېتال سەپلىمىسى نۆۋەتتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە. ئۇنىڭغا بىخەتەرلىكى ياخشى فىلەيمى سىستېمىسى قوشۇلۇپ ئىستىمالچىلارنىڭ ياختۇرشىغا ئېرىشەلىشى مۇمكىن.

2ئادەم ئىنكاس يازدى

13070083651 ۋاقتى: 2020-5-9 11:46:48
مەن مېيزۇ تىلفۇن ئىشلەتكىلى   5-يىل بولۇپ قالدى  مەن بۇ تېلېفوننىڭ سىستېمىسىنى بەك ياقتۇرىمەن .
مەن ئالىدىغان تېلېفون ئىكەن ماۋۇ .
poetman ۋاقتى: 2020-5-10 00:07:40
مېيزۇ تېلفۇنلارنىڭ سېستىمىسى قانداقتۇ؟ مەن يەنىلا ئالمىغا كۆنۈپ قاپتىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

ئالپ تور بېتىدە ۋە ئالپ ئۈندىدار سالونىدا يوللانغان مەزمۇنلار ئالپ تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ. كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلار بايقالسا قانۇنى مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرۈلدۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章

帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى| ئالپ تورى

新公网安备 65292202000103号

备案/许可证号: 新ICP备13002551号-2

Copyright © 2016-2020 aliptori.com.   All Rights Reserved.

快速
回复
返回
列表
返回
顶部